-
2009-06-03
ھايات ھەقىقەتلىرى - [ھايات ھەققىدە]
كۆزۇڭنى يۇم،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۇل.
ساپ مۇھەببەتكە سۆز ئەلچى بولالمايدۇ.
ياراتقۇچىغا ۋاپا قىلمىغان ئىنسان يارالغۇچىغا ۋاپا قىلالمايدۇ.
كىم بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇگەنسە شۇ مىللەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن سەگەك تۇرالايدۇ
پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى.
ئىتىقاد قەلىبنىڭ تۈۋرۇكى.
قۇرئان ھاياتلىقنىڭ نۇرى.
ھەقىقى گۇزەللىك گىرىم تەلەپ قىلمايدۇ.
ئۆزۇڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىل. -
2009-04-09
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
پروفېسسور ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن بىرگە

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995 )
« غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ،« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇ مەكتەپنىڭ بىئو - خىمىيە فاكۇلتېتى بىلەن غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى تاماملىغان. «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ‹ئون ئىككى مۇقام› ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر»، «ئومۇمىي ئېستېتىكا»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، «‹قۇتادغۇبىلىك› خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «غەربىي دىيار تاشكېمىر سەنئىتى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «چوغلۇق»، «رۇبائىيات 1»، «رۇبائىيات 2»، «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ۋە ئۇشبۇ «ئائىلە» قاتارلىق مۇستەقىل يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەن «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى» (خەنزۇچە)، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخىدىن ئوچېركلار» قاتارلىق بىرلىكتە ئىشلەنگەن ئەسەرلەرگە ئاپتورلۇق قىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
ئاپتورى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 7-ئاي 1- نەشرىئاپتوردىن
ئەسسالام كىتابخان !
بۇ ، تارىخنىڭ سەۋدالىق يىللىرى يېزىلغان تەئەججۈپنامە . بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك . بۇنداق يىللارنى ئامەتلىك دەپ ئاتىساڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ ، زۇلمەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكمەتكە باي قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . بۇ ، ھەقىقەتەن سەۋدالىق يىللىرى ئىدى . سەۋدالىقنىڭ پاجىئەسى ئىچىدە ، سەرسانلىق ئىچىدە كۈتۈلمىگەندە كونا يوشۇرۇن خەزىنىگە ئېرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى نۇرغۇن خەلق چۆچەكلىرىدە ئىسپاتلانغانغۇ ؟
مەن دانىشمەنلەردىن سەبىي بالىلارغىچە ئۈركۈگەن ، تېڭىرقىغان ۋە ئەندىشە ۋەھىمىسى ئىچىدە سەۋدالىق روھىيىتىگە ئەسىر بولغان يىللاردا ئۆزۈمنى سەۋدالىقتىن خالىي قىلالمىدىم . بۇ خىل سەۋدالىق ئۇزاق قەرەللىك ئۇيقۇ شارابىدەك مېنىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە مەستلىك ئۇيقۇسىغا غەرق قىلغانىدى . قاباھەتلەرنى ھېس قىلىپ ھېكمەتلەرنى چۈشىدىم . بىراق ، چۈشىگەنلىرىم سەگەكلىك تەپەككۇرىدىن كۆرە تولاراق سەۋدالىق شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاپ كەتتى . مەن ھۆرمەتلىك كىتابخاندىن مېنى كەچۈرۈشىنى ۋە ساقىينىڭ ئىچۈرگەن شارابىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىمنى چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە نەزەرگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
<< سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> تۈن مونولوگلىرى سۈپىتىدە سەۋدالىق يىللىرىدىكى سەۋدالىق خاتىرىسى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن .
<< سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> كاككۇكنامىدىن باشلىنىپ ، مارجاننامە ، سۇمۇرغنامە ، جاھاننەما ئارقىلىق داۋاملىشىپ ، نىجاتنامىدە ئاخىرلىشىدۇ . مەن بۇ بەش نامىنى نەشر قىلىش ئويىدا يازمىغانىدىم ، كىشىلەرگە كۆرستىشكىمۇ ئەندىشە قىلاتتىم . يەنە نېمىشقىدۇر ئەينى يىللارنىڭ تەپەككۇر ھودۇقۇشلىرىنى جامائەتچىلىككە تاپشۇرغۇم كەلدى . بۇنىڭدىن مەقسىتىم ، زامانداشلىرىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ۋە گۆدەك پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي يورۇقلۇق ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت . -
2010-12-24
كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ج ) ( ن )
1. ﻣﻪﻧﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻰ (ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ) ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ( ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ) ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ : ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ . ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﺎﺩﺍﭘﯩﺖ ﺑ... -
2010-12-24
ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
1. ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ....ﻧﻰ ﺳﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺩﯨﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ... ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ....
2. ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ . ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨ... -
2010-12-24
تېرخىن مەڭگۈ تېشى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ.... -
2010-12-24
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى - [تارىخقا نەزەر]
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي قورال – ياراق، مەشق ۋە ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمى ھۇن ۋە تۈركلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ... -
2010-12-24
قەدىمىي خارابىلەردىن ئالۋاستى شەھىرىگە كىرىش - [تارىخقا نەزەر]
نىياز قاھار
قۇمۇل-جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپلا قالماستىن ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، مىللىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن زور مەدەنىي ... -
2010-12-24
تەس مەڭگۈ تېشى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىك... -
2010-12-24
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]
ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي م... -
2010-12-24
ئۇيغىۇر مىللىتى - [ئۇيغۇرتارىخى]
ئۇيغۇرلار (Uyghur: ئۇيغۇرý, Uyghur?; simplified Chinese: 维吾尔; traditional Chinese: 維吾爾; pinyin:
Wéiwْ'ěr; IPA: [ʔʊjˈʁʊː][2]) - ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنوگرافىيىسى ئورخۇن-يەنسەي ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولغ... -
2010-12-24
ﯮﺭﺧﯘﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ - [تارىخقا نەزەر]
ئاپتۇرى: ياۋۇز
1. ﯰيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىنىشى
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خانلىق بولۇپ، بۇ دەرۋردە ئۇيغۇرلار تەدرىجى ھالدا تارقاق ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن، بىرلىككە كېلىپ شەھەرلىشىشكە... -
2010-12-24
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى - [تارىخقا نەزەر]
ئەنۋەر بايتۇر
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تائىپىسى بولغان ئۇيغۇرلا مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە كۈچەيگەن ھونلار ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەم كېيىنكى بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىپلا قالماي بەلكى،ئ...




















