ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-16

    ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە بىلىم - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41096774.html

    ئابدۇقادىر جالالىدىن 

    <<بىلىم يوق يەردە، نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ.>> __ بىر ئاقىلنىڭ ئاغزىدىن 
    بىلىش تارىخى ئىنسانىيەت ئەجدادىنىڭ دەسلەپكى بىلىشلىرىنىڭ ھەيران قېلىش، خام خىيال ۋە تۈرلۈك رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى تۈرلۈك قىسسە ئەپسانىۋى تۈسىنىڭ قانچىلىكى قويۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپ سانىلىدۇ. بۈگۈن توۋلىنىۋاتقان پەن شوئارلىرى ئۆزىنىڭ ئەۋجىگە چىققان قىقان - سۈرەنلىرىدە يىراق دەۋرلەردىكى ئەپسانىلەرنىڭ دەل پەننىڭ بىخى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تاس قېلىۋاتىدۇ.
    مۇقەددەس كىتابلاردىكى يارالمىش قىسسىلىرى بەزى ئىنچىكە چىقىش نۇقتىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر - بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. <<قۇرئان كەرىم>> ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئكزى بىلەن بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، يارالمىش قىسسىسى ئەسلىدە بىر بولۇپ، ئېتىقاد - ئەقىدە تارىخىدىكى پىرقىۋازلىق ئۇرۇشلىرى يارالمىش قىسسىسىنى تۈرلەشتۈرۈۋەتكەن.
    يارالمىش قىسسىسىدىن مەلۇمكى، ئىنسان ھەرگىزمۇ يېگانە بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنىڭ يارىلىشى ئىلاھنى، كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى تۈرلۈك - تۈمەن مەۋجۇداتنى شەرت قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىشى، ئىنسان بىلەن ئىلاھ، ئىنسان بىلەن كائىنات، ئىنسان بىلەن ئىنسان ھالقىلىرىدىن تۈزۈلۈپ، ھەر بىر ھالقا ناھايىتى كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ. يارالمىش قىسسىسىدە بىلىشنىڭ مەزكۇر ھالقىلىرى ئوبراز ۋە ھېكايە ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.
    دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى ئەپسان - رىۋايەتلەر ھەر قايسى ئىقلىمدىكى قەبىلە ۋە مىللەتلەردە ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قاراخان تەڭرى توغرىسىدا ئەپسانىلەر بولغان : بۇرۇن زېمىن ۋە ئاسمان يوق ئىكەن. قاراخان تەڭرى ئۆز كارامىتىنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە <<كىشى>>نى يارىتىپ، ئۇلۇغ بىر كۆل ( دېڭىز )نىڭ ئاستىغا ماكانلاشتۇرغانىكەن. <<كىشى>> سۇ ئاستىدا بەك ئۇزاق ياشاپ زېرىكىپ كېتىپتۇ ۋە ئازادە بىر جايغا چىقىرىپ قويۇشنى قاراخان تەڭرىدىن ئۆتۈنۈپتۇ. قاراخان تەڭرى <<كىشى>>گە چامىڭنىڭ يېتىشىچە تۇپراق ئېلىپ سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىققىن، دەپ ئەمر قىپتۇ. <<كىشى>> ئېتىكىنى ۋە قوۋۇزىنى تۇپراق بىلەن تولدۇرۇپ، قاراخان تەڭرىنىڭ دېگىنى بويىچە، تۇپراقنى سۇ يۈزىگە قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر - زېمىن ئاپىرىدە بوپتۇ. قوۋزىدىكى تۇپراقنى بوشلۇققا پۈركىگەنىكەن، ئۇنىڭدىن ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئاپىرىدە بوپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن <<كىشى>> ئالەمنىڭ ئاقساقىلى بوپتۇ، ئۇنىڭدىن ئەۋلادلار پەيدا بوپتۇ، ئۇنىڭ نەسلى يوقىمايدىغان بوپتۇ ( <<ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى>> 3 - قىسىم، غەيرەتجان ئوسمان نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى، 1 - بەت ). بۇ ئەپسانە مۇقەددەس كىتابلاردىكى يارالمىش قىسسىسى بىلەن بەزى تەرەپلەردە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ سۇ ۋە تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىلىرىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. <<كىشى>> تامامەن دېگۈدەك ئىنسانىي خۇي - مىجەز بىلەن سۇغۇرۇلغان، لېكىن ئۇنىڭ جىسمى كائىناتنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، ھەرىكىتى بولسا تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. <<كىشى>>نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەرىكىتىدە روھىي ۋە ماددىي بارلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىردەك ئەكس ئېتىدۇ. ئەپسانە - رىۋايەتنى ئىپتىدائىي ئىلىم- پەن، دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا يىراق ئەجدادلارنىڭ ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇجەسسەم. بۇ قاراشلار خىيالىي تۈسكە باي بولغىنى ئۈچۈن ئوبرازلىق ئەكس ئېتىشكە تەييار. لېكىن خىيالىي ئوبرازلاردا ئۆزىگە لايىق ئەقلىي ئامىللار باركى، بۇ ئامىللار بىلىش جەريانىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى روشەن نامايان قىلىدۇ.
    ئىنگلىز پولكوۋنىكى جېمس چېرچىۋارد : <<قەدىمكى قۇرۇقلۇق مۇ>> دېگەن ئەسىرىدە، ھىندىستان، مېكسىكا قاتارلىق جايلاردىن تاپقان تاش پۈتۈكلەردىن ھېروگلىفلارنى يېشىش ئارقىلىق 17 مىڭ يىل بۇرۇنقى مۇ قۇرۇقلۇقىدا پۈتۈلگەن يارالمىش قىسسىسىنىڭ <<تەۋرات>>تىكى يارالمىش قىسسىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئاپتورنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، قەدىمكى ھىندىستان، مىسىر ۋە بابىلون مەدەنىيەتلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پارلاق مەدەنىيەتتىن قالغان بىر قانچە تال چوغ بولۇپ، مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ چۆكۈشى گويا پارلاق ئانا مەدەنىيەتنىڭ يىتتۈشىدىن ئىبارەت ئىدى. قەدىمكى قۇرۇقلۇق مۇغا ئائىت پۈتۈكچىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يەتتە باشلىق يىلان ياراتقۇچى، ماھىيەتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەتتە باشلىق يىلان يەتتە ئەقىل - ئىدراكقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن يەتتە بۇيرۇق بىر پۈتۈن ئالەمنى روياپقا كەلتۈرىدۇ ( <<بۇلاق>> ژۇرنىلىنىڭ 2004 - يىللىق سانلىرى ).
    ئادەم ئۆز مەۋجۇدىيىتىنىڭ سىرلىرىغا يەتكۈسى كېلىدۇ. <<مەن كىم ؟ مەن نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن؟...>> دېگەندەك سوئاللار ھەر بىر ئىنساننىڭ بىلىش پىلتىسىگە ئوت بوپكەلدى. ھازىرمۇ پەنلەر زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. مۇ قۇرۇقلۇقىدىن ئېرىشىلگەن يارالمىش قىسسىسىدە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىت قانۇنى ئېنىق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، جېمس چېرچىۋاردنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ يارالمىش قىسسىسىنىڭ ھەقدارى سۈپىتىدە، بىلىش تارىخىدىكى ئادەم - ئالەم مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى ئەپسانىۋى يېشىمدە پېشقەدەملەردىن ھېسابلىنىدۇ.
    تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئونتارىئو ئىنستىتۇتى مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىكى كارل بېرېتېر ( Carl Bereiter ) <<بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ>> دېگەن ئەسىرىدە <<ئاۋامىي نەزەرىيە>> ( ئىنگلىزچە folk theory ) دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كارل بېرېتېرنىڭ ئىزاھلىشىچە، ئاۋامىي نەزەرىيە پەننىي نەزەرىيە بولمىغان ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئىپتىدائىي ئىنسانلار ھەم پەننىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن بالىلاردا بولىدۇ. ئاۋامىي نەزەرىيە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان، سۈزۈلمىگەن ھالدا مەۋجۇد بولىدۇ. ئادەتتە، ساۋات پسىخولوگىيىسى ( commonsense Pyscholog )لا ئىدىيە، خاتىرە، دەلىل، پىلان، مەقسەت ۋە پرىنسىپلارنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاڭ بىلەن ئوبيېكتىپ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا بولسا، بۇنىڭدىن بىلىم، ناتوغرا بولسا ساختا ئەقىدە ھاسىل بولىدۇ. ئاۋامىي نەزەرىيە بولسا ساۋات پسىخولوگىيىسى بىلەن ساۋاتىي بىلىش نەزەرىيىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ( كارل بېرېتېر : <<بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ>> < ئىنگلىزچە >، لاۋرىنس ئېرلىبوم جەمئىيىتى نەشر قىلدۇرغان < ئامېرىكا >، 2002 - يىل نەشرى ). بىر ساۋاتسىز دېھقان بوتانىكا ئۇقۇملىرىدىن خالىي ھالدا زىرائەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ھوسۇل ئېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالنى تېبابەت، ھۈنەرۋەنچىلىكى ساھەلىرىدىن ئوخشاشلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. يازغۇچى زۇنۇن قادىرىينىڭ <<خاتىرىلەر>> ناملىق ئەسىرىدە پىرىزىخان ئىسىملىك بىر موماي بار. بۇ موماي زۇنۇن قادىرىينىڭ بالىلىقىدا ئالاھىدە تەسىر قالدۇرغان شەخس سۈپىتىدە كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىي توڭ ئالمىنى تولا يەپ، يامغۇردا قېلىپ، بېقىنىدا سانجىق تۇرۇپ قالىدۇ. پىرىزىخان موماي ئۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ بىر سىقىم تەرتەزنى يىلىمان سۇغا چېلىپ، ئۇنى ماتا لۆڭگىگە سۇۋاپ، بېقىنىغا تېڭىپ قويسا، سانجىق يوقاپ كېتىدۇ. ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىينىڭ گېلى ئاغرىپ قالسا، موماي بارمىقىنى قازاننىڭ كۈيىسىگە سۇۋاپ، تامىقىنى كۆتۈرۈپ قويسا ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئىش مېنىڭ بالىلىقىمدىمۇ بولغان. گېلىم ئاغرىپ قالسا ھەمىدىخان ئىسىملىك بىر موماينىڭكىگە باراتتىم. ئۇ بەزىدە تامىقىمنى بارمىقى بىلەن كۆتۈرۈپ قوياتتى، بەزىدە مېنى بوسۇغىدا ياتقۇزۇپ، گېلىمغا بوش دەسسەپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن گېلىم ساقىيىپ قالاتتى. ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىي يەنە پىرىزىخان موماينىڭ كاۋا چېچىكىنى ئۈزۈپ، باشقا پىلەكتىكى چېچەككە دۈم كۆمتۈرۈپ، بوغقۇچ بىلەن تېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنىڭ پەننىي جاۋابىنى زۇنۇن قادىرىي گىمنازىيىدە ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بوتانىكا دەرسىدىن ئۇنىڭ <<ئاتىلىق چېچەكنى ئانىلىق چېچەك بىلەن چاڭلاشتۇرۇش>> ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، زۇنۇن قادىرىي مومايدىن : <<بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ؟>> دەپ سورىغاندا، موماي : <<مۇشۇنداق قىلىپ قويساق اكۋا ئوخشايدۇ>> دەپ جاۋاب بەرگەن ( مۇھەممەت پولاتنىڭ نەشرگە تەييارلىشىدىكى <<زۇنۇن قادىرىي ئەسەرلىرى>>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل نەشرى، 527 -، 529 - بەتلەر ). بۇ مىساللاردىن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئاۋامىي نەزەرىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئەملەش ( جىسمانىي داۋالاش )، ئىرىم قىلىش ( روھىي داۋالاش )، ئوت كۆچۈرۈش، ئىسرىق سېلىش، دۇتلاش، ھورداش، قان چېكىش، ئىلغا ئېلىش، تېرىگە ئېلىش، تەرلىتىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يىراق ئۆتمۈشتىكى شامان ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ قىلىقلار ئۆزىنىڭ رېئال ئۈنۈمى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىرەر ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقمىدۇق، ئەكسىچە <<خۇراپات>> دەپ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتتۇق. ماددىي ۋە مەنىۋىي دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسە پەننىڭ ئوبيېكتى بولالايدۇ. ئۇلارنى پەنسىز ھالدا تەتقىق قىلمايلا يوق قىلىۋېتىش نادانلىق ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان ياۋۇزلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ۋە پەيلاسوپى مايكول پولانىي ( Michael polanyi ) مۇنداق دېگەنىكەن : <<ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى زوئولوگلار ( ھايۋانشۇناسلار ) بايقىغان ئەمەس. ئۆسۈملۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بوتانىكلار ( ئۆسۈملۈكشۇناسلار ) بايقىغان ئەمەس. زوئولوگىيە ۋە بوتانىكىنىڭ ئىلمىي قىممىتى پەقەت ئۇنىڭ پەندىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ داۋامى بولغانلىقىدا>> ( مايكول پولانىي : <<خۇسۇسىي بىلىملەر>> < خەنزۇچە >، گۈيجۇ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى، 211 - بەت ). بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئانىمىزم ( ھەممە نەرسىدە روھ بار دەيدىغان قاراش ) تۈسىدىكى دۇنيا قاراش بۈگۈنكى پەن نۇقتىئىينەزەرىدە بىر خىل روھانىيلىق بولسىمۇ، پەن بەرىبىر ئەنە شۇنداق دۇنيا قاراشلارنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاستا - ئاستا يېتىلگەن تۆرەلمە ئىدى. پەن تارىخچىسى ۋ. س. دامپېر ( W. C. Dfmpier ) <<پەن تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تەرتىپلىك بىلىم بولۇپ، ئۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەقلىي يوسۇندا تەتقىق قىلىدۇ>> ( ۋ. س. دامپېر : <<پەن تارىخى>> < خەنزۇچە > <<سودا>> نەشرىياتى 1994 - يىل نەشرى، 9 - بەت ) دېگەنىدى. تەرتىپلىك بىلىم شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى جۈزئىي ئامىللار شەكىللەنگەن بولۇشى كېرەك. بۇ ئامىللار ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئادەملەرنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدا، تەبىئەت ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ئىستىخىيىلىك ھالدا سادىر بولىدۇ. دامپېر <<پەن تارىخى>> دېگەن كىتابىدا پېرىخونلۇق، دىن ۋە پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بەزى ئىنسانشۇناسلارنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇلارچە <<پېرىخونلۇق بىر جەھەتتىن دىنغا ئېلىپ بارىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن پەنگە ئېلىپ بارىدۇ>> ( يۇقىرىقى كىتاب، 27 -، 28 - بەتلەر ). شامانىزم قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر خىل بىلىش شەكلى سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش شەكلىگە ھازىرغا قەدەر ئۆچمىگەن چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئەينى دەۋرلەردىكى شامانلار ۋە باخشىلار ئۆز دەۋرىگە يارىشا بىلىم ئادەملىرى بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئىلاھ بىر - بىرىدىن بۆلۈنگەن ھالدا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
    ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت، روھىيەت ۋە جەمئىيەتكە قارىتا بىلىش شەكىللىرى بارلىق شەرق ئەللىرىدىكىگە ئوخشاشلا ھېكايەت تۈسىگە ئىگە. پىكىرلەر ئارىستوتېلچە مەنتىققە ئىزچىللىقىدا ئوتتۇرىغا چىقماستىن، ھېكايىنىڭ ھەممە بۆلىكىگە قاندەك سىڭىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر دۇنيا قاراشلىرى ئۆزىگە خاس ئېتنىك تەركىبلەردىن تاشقىرى ئەجەم، ئەرەب ئامىللىرى بىلەنمۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان <<جەمشىدنامە>>دە مۇنداق بىر ھېكايەت بار : كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇھ ئەلەيھىسسالام بىر يەردە ياتقانىدى، ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چاغدا ئىشتان كىيىش ئادىتى يوق بولۇپ، ئالدىغا لاتا تارتىۋالاتتى. شامالدا لاتا قايرىلىپ قېلىپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى يافەس كۆزىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كەتتى، ھەزرىتى سام بىر قولى بىلەن كۆزىنى ئېتىپ، يەنە بىر قولى بىلەن لاتىنى تارتىپ ئەۋرەتنى يېپىپ قويۇپ، ئۆتۈپ كەتتى. ھام دېگەن ئوغلى مەسخىرە قىلىپ : <<ئوھوي، ئېچىلىپ قاپتۇ>> دەپ ئۆتۈپ كەتتى. شۇ چاغدا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىچىدە قاتتىق غەزەبلەندى. ئۇ يافەسكە : <<سېنىڭ ئەۋلادىڭ پادىشاھ بولسۇن>> دەپتۇ، سامغا : <<سېنىڭ ئەۋلادىڭ ھەم پادىشاھ، ھەم پەيغەمبەر بولسۇن>> دەپتۇ، ھامغا : <<سېنىڭ ئەۋلادىڭ قۇل ھەم چۆرە بولسۇن>> دەپتۇ.
    ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ <<تارىخىي ھەمىدىي>> ( ئەنۋەر بايتۇر نەشرگە تەييارلىغان، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىل نەشرى ) دېگەن ئەسىرىدە تارىخنىڭ بېشىنى نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن باشلايدۇ. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنى يافەسكە باغلايدۇ، بابىل، يەمەن، ئوممان، ئىراق، ئىران ئەللىرىنى سامغا باغلايدۇ، ئافرىقا ۋە ھىندىستان ئەللىرىنى ھامغا باغلايدۇ. يازما تارىخلاردىكى ئەھۋاللار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا ئەمەلىيلىشىشىنى ئاساسەن ئىسپاتلىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىز يازما تارىخلاردىكى تارىخىي ھەقىقەتلەرنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكىنى ياكى ئىنسانلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان تارىخنىڭ ئىنسانچە ئاجىزلىق ۋە سەھۋەنلىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، موللا مۇسا سايرامىنىڭ بايانلىرىدا تەجرىبىدىن ھالقىغان ئەپسانىۋى تۈسنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى ھېكايەتتىن مۇنداق بىر مەسىلىنى _ بىر ئىشقا تۇتۇلغان ئۈچ خىل پوزىتسىيىنى ۋە شۇ پوزىتسىيە تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئوخشىمىغان نەتىجىنى كۆرىمىز : يافەس ھايا بىلەن ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ھايا پادىشاھلاردا بولۇشقا تېگىشلىك دىيانەتتىن نىشان ئىدى. سامدا ھايا بولۇش بىلەن بىرگە تەدبىرمۇ بار ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەۋلادىغا پادىشاھلىق سەلتەنىتى بىلەن پەيغەمبەرلىك ھېكمىتى بۇيرۇلدى. ھام ئۆزىنىڭ ھاياسىزلىقىغا يارىشا قۇللۇق تەقدىرىگە بۇيرۇلدى. بىز بۇ ھېكايەتنى تارىخىي رېئاللىقتىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلساق، كىشىلەرنىڭ شەيئىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ تەجرىبە، بىلىم ۋە تەقدىرگە ئېرىشىدۇ، دېگەن ئەقلىي يەكۈنگە ئىگە بولىمىز. بۇ يەكۈن فرانسىيە مۇتەپەككۇرى رېنې دېكارت ( Rene Descartes، 1560 - 1596 )نىڭ يانداش بىر ھۆكۈمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ : <<پاراسەت ھەممە ئادەمدە ئوخشاش. شۇڭا، پىكىردىكى ئىختىلاپلار بىراۋنىڭ يەنە بىرسىدىن ئەقىللىق بولۇشىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكى پىكىر يولىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى ياكى پىكىرنىڭ ئوخشاش بىر سەۋەبكە قارىتىلمىغانلىقىدىن بولىدۇ>> ( ر. دېكارت : <<دېكارتنىڭ تەپەككۇر پەلسەپىسى>> < خەنزۇچە >، <<توققۇز ئايماق>> نەشرىياتى 2004 - يىل نەشرى، 1 -، 2 - بەتلەر ). نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى بىر مەسىلىگە ئوخشىمىغان ئىنكاس شەكىللىرى بىلەن مۇئامىلە قىلدى ھەم شۇ تۈپەيلى ئوخشىمىغان نەتىجە ۋە قىسمەتكە ئىگە بولدى. يۇقىرىقى ھېكايەت بىلەن دېكارتنىڭ سۆزىدە نەتىجە بىلەن سەۋەب ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى ئوبراز شەكلىدە، بىرى ئىدراك شەكلىدە بولۇپ، بۇلاردىن شەرق ۋە غەربنىڭ تەپەككۇر ئەنئەنىسى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى قەلەمدىن ئۆتكەن ۋەقە، يەنە بىرى ۋەقەدىن كەلتۈرۈلگەن يەكۈن. ۋەقەدىن ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالمىغان ئادەملەر يۇقىرىقى ھېكايەتنى قانچە ئوقۇسا ئىبرەت ئالالمايدۇ. ئەقلىي يەكۈننى تۇرمۇشتىكى ۋەقەگە تەدبىقلىيالمايدىغان ئادەم ئۈچۈن دېكارتنىڭ سۆزى ئەھمىيەتسىزدۇر. نەقىل بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى تاپالىغان ئادەم ئۈچۈن ھايات مەنا ۋە ئىبرەت بىلەن تولغان بولىدۇ. ھېكايەت ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەقە، ھېكمەت بولسا ۋەقەلىكى چىقىرىۋېتىلگەن ھېكايەت. شۇڭلاشقا، شەرق دانىشمەنلىرىگە غەرب پەلسەپە ئەندىزىسى بويىچە باھا بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە بىلىش ئۇسۇللىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بىلگە بىلىمچىلىكى ( Uyghur Epistemology维吾尔认识论 )نى تەتقىق قىلماقچى بولىدىكەنمىز، ئۇنداقتا، ئەپسانە - رىۋايەتلىرىمىزگە، دىنىي ئېتىقاد شەكىللىرىمىزگە، ئاغزا