ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-16

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞە ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41106111.html

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞە ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞە ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻥ-ﭼﺎﻱ (ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﭼﺎﻱ) ، ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺑﯩﺮﯞﺍﻕ ﺋﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺵ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﺧﯧﺮﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻥ ،ﮔﯚﺵ،ﻣﺎﻱ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯧﺮﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﭘﻮﻟﯘ ﮔﯜﺭﯛﭺ،ﻣﺎﻱ،ﮔﯚﺵ ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﻪﯞﺯە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﻻﺭﻣﯘ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﻪﺷﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻏﯘﻥ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ، ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯦﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻤﯘ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﺋﯘﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﯞە ﮔﯚﺵ، ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻗﯩﺰﯨﻖ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺩەﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﻮﻝ، ﻗﻮﺷﯘﻕ، ﭼﻮﻛﯩﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1.ﺳﯘﻳﯘﻕ-ﺳﻪﻟﻪﯓ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ:ﺋﯘﻣﺎﭺ، ﺋﺎﺗﯩﻼ، ﻳﺎﻣﺎ، ﺷﻮﮔﯜﺭﯛﺵ، ﻣﺎﺷﺨﻮﺭﺩﺍ، ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺵ، ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ. ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ -ﺋﯘ ﭼﯚﭘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞە ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯜﮔﺮە،ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻡ ﻗﯩﻴﻤﺎ، ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺋﯜﮔﺮە ، ﻛﻪﺳﻤﻪ، ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪ ، ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ، ﭘﻮﺳﯩﻼﻕ ﺋﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﻪﺗﺘﻪ- ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 2.ﮔﯚﺵ ، ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯗ: ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻕ ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﭼﻪﻳﻨﻪﻙ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺩەﭖ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﻛﺎﯞﺍﭖ،ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺯﯨﺦ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻣﭽﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺗﺎﯞﺍ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺑﺎﺭﺍﯞەﺕ ﻛﺎﯞﯨﭙﻰ، ﻛﯚﻣﻤﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ،ﺩﯛﻣﻠﯩﻤﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺳﯜﺭ ﮔﯚﺵ،ﺋﯘ ﻗﻮﻱ، ﺋﺎﺕ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺴﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯧﺰﺍ،ﺋﯘ ﺋﺎﺕ ﮔﯚﺷﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﭼﯩﻴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯜﺭﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺴﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. 3.ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ: ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﺭﯨﻤﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ . ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ، ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺩەﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ: ﺑﯘ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ، ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ،ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ،ﻧﺎﻥ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ، ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ، ﭼﯚﭖ ، ﻳﺎﭘﻤﺎ ، ﺳﯩﻘﻤﺎﻕ، ﺯﺍﯓ، ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﺷﻮﺟﯘﺭﺍ (ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﯩﻨﺘﺎﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘەﻧﺘﺎﯓ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ) ﯞە ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮔﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯨﻤﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ: ﺑﯘ ﭘﻮﻟﯘ، ﺷﻮﻳﻼ، ﺑﻪﺗﺘﻪ، ﮔﺎﯕﭙﻪﻥ، ﮬﯧﺴﯩﭗ، ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﻣﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 4.ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ:ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﭼﯜﭼﯜﺭە، ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ، ﺳﺎﻣﺴﺎ ، ﭘﻪﺭﻣﯘﺩە، ﺧﻮﺷﺎﯓ، ﮔﯚﺵ ﻧﺎﻥ، ﭘﯚﺭە، ﺗﯘﺭﻣﻪﻝ، ﺗﻪﭘﻤﻪﻙ، ﻣﯘﻧﺪەﻙ ، ﺷﻮﯕﮕﯘﺗﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 5.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ:ﮬﺎﻟﯟﺍ، ﺑﯘﻟﯩﻤﺎﻕ، ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﺭﯨﺸﺎﻟﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.