ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئىلمى ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى توغۇرسىدا - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41109732.html

    ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ : ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ
    ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ )

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ئاﻟﯩﻤﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ئاﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺕ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۈﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئەﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ئوﭼﯩﻘﻰ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯧﺮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻮﻳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ ئەﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﯩﻼﺭ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ -ﻛﯘﺷﺎﺩﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ، ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ، ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ، ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ئاﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ئەﻫﻠﻰ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئۇﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﻯ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺩ ئەﺗﺘﻰ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ئەﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺷﻪﻙ - ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ئەﻛﺲ ئەﺗﺘﯜﺭﺩﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ جاﻱ ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺑﯩﺰ ئوﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ .
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ئاﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ئۆﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ئۇ ئۆﻣﯜﺭ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ئۇﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ ئۇ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ئۆﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯜﭖ ﻟﻪﻫﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩ - ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻼ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ - ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۆﭼﯜﭖ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ، ئەﻣﻤﺎ ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ئۆﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯩﺰ - ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯜﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ئەﻣﮕﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ئۆﻟﯜﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ، ئۇﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ - ﻳﻮﺭﯗﻗﻼﺭﻻ ئەﻣﻪﺱ ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﻝ ﺯﺍﺭ - ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ئاﺑﺪﯗﺭﻩﻫﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻲ :


    ﻳﺎﺩﯨﯖﺪﯨﺪﯗﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ئۈﻥ ،
    ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ، ﺳﻪﻧﻼ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ .
    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﻜﻰ ، ﻛﯧﺘﻪﺭ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ،
    ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ، ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﻐﯩﻦ ﺧﻪﻧﺪﺍﻥ
    .


    ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﯦئاﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺯﺍﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ : << . . . ئاﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ئۆﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﻳﺸﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﻰ ﻫﺎﯕﻐﯩﺮﺕ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﭼﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﺩﻩﺭﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ .
    ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ، ﺗﻮﻏﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﯞﻩ ئاﺩﯨﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﯩﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﻍ - ﻻﺗﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ئاﭘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﻚ ﺷﻪﻫﻪﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ئاﯕﺴﯩﺰﺍﻧﻪ ﻗﯩﻘﺎﺱ - ﭼﯘﻗﺎﻥ ، ﭘﻮﺭﭘﺎﯓ - ﺳﯜﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ، ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﯟﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﭘﺎﺭﻏﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ئەﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ ئاﭼﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ئاﻱ ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ .
    ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ << ﻏﺎﻳﻪ - ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ - ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ >> ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﺎئاﺭﯨﭗ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻠﯩﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ئۆﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﻧﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ئەﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺷﻮئاﺭﻧﻰ ئەﻣﻪﺱ ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ئاﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﻪﯓ ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﯩﯔ ئاﻟﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ئوﻳﻨﯩﺪﻯ .
    ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ( ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ) ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯ ئوﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺳﺎﺳﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ، ئۆﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ، ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ( ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ، ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ) ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئوﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ئۇﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ << ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﻰ >> ، << ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ >> . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻲ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﺘﺎ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ - ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﻟﻼﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ئۆﺭﻧﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺵ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ئۇﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ئۈﮔﯩﻨﯩﺶ ، ئۇﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﯜﻧﻜﻰ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ئۆﺯ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ئۆﺯﻯ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ئۇﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ئۇ ئۆﺯ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ :
    << ﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ئۆﻟﮕﻪﻥ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ، ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ئاﻧﺎﻟﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻼ ئەﻣﻪﺱ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺭﯦئاﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﻫﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ئوبزۇﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﭼﺎﺗﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ئەﺳﯩﺮ - ئەﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜﺷﯩﻨﻰ ، ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ئوﺑﻴﯧﻜﺘﻠﻪﺭ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺍﻧﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﯩﻨﻰ ، ﺑﯧﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻨﻰ ﭘﺎﺧﺎﻝ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﺟﺎﯞﺍﻫﯩﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺷﻠﯩﻖ ، ﭘﻮﻻﺕ ﯞﻩ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ئۇﺭﯗﻗﻰ ، ﺳﯚﯕﻪﻙ ، ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺴﻰ ، ﻗﻪﻟﺒﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻨﻰ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﻮﺗﺎ ﯞﻩ ﮔﯜﻝ - ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ئۆﺯ - ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ، ئۆﺯﯨﻨﻰ ئاﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ >> ، << ئۆﺯﻯ ئوﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ، ﺧﺎﻻﺱ ! >> . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ، ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻨﻰ ئوﻳﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ئۆﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ئاﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ئەﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ، ئۆﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئەﺳﻠﻪﺵ _ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ئەﺧﻼﻗﯩﻲ ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .

     

    ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ئۆﻣﯜﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ئاﻳﺎﻥ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ئۇﻧﯩﯔ ﻣﯘئەﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ئۆﺗﯩﻤﯩﺰ .
    ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 40 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻯ ، 50 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ ، ئاﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻱ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 1956 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘئاﺗﺘﺎ ئاﺷﻜﺎﺭﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 - ئەﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ئاﻟﯩﻤﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 23 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ئاﻻﻫﻪﺯﻩﻝ 40 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ئاﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، << ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ئۇﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ >> ، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ < ئوﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ > ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ >> ، << ئوﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ >> ، << ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ >> ، << ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ >> ، << ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ >> ، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ >> ، << ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ >> ، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >> ، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ >> ، << ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ >> ، << ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ئاﺳﯩﻴﺎ >> ، << ئاﺋﯩﻠﻪ >> ، << ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪئەﺟﺠﯜﭘﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >> ، << ﭼﻮﻏﻠﯘﻕ >> ، << ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺎﺕ >> ، << ﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ >> ، << ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ >> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . 137 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ، ﻳﺎﭘﻮﻥ ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﯞﻩ ئۆﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ، ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ئاﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ئۆﻳﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﻪﻧﻨﻰ ئوﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئائىت ، ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ 44 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ( ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﺳﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ) ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ئەﺩﯨﺐ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮊﺍﻧﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ئەﺳﻠﯩﻤﻪ ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ئاﻟﯩﺪﯗ ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯧﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئەﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚﺯﻩﺗﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ، ﺗﺎﺭﻗﺎﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ ، ئۇ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ _ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯗﺭ .ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ . ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ئۇﻧﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ، ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ، ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ، ئۇ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئۇﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ئۇ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ، ﺗﯩﻞ - ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﺳﻪﻧئەﺕ ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ، ﺩﯨﻦ ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ئاﺭﺧﯧئوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ئاﻳﺎﻍ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻫﻪﻡ ئۇﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ، ئۇ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ئاﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ئاﺩﺩﯨﻲ ، ﺗﯜﺯ ، ﻳﯜﺯﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ، ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۈﭼﯜﻥ ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ، ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ئاﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ئۈﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ( ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ) .


    ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ئۈﭼﯜﻥ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ( ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ) ئۈﭼﯜﻥ ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ئەﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ئۆﻣﺮﯨﻨﻰ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ، ﺯﯦﻬﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭘﻤﯘ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ئوﺭﯗﻧﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻕ ﺩﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ، ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ، ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ - ﻛﻪﻡ ئۇﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟
    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺑﯘ ئاﻟﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻥ ئاﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻧﻤﯘ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئاﻏﺮﯨﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﻟﻨﯧﺴﺘﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئوﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯧﺘﻪﺭ - ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﯘﺯﯗﺭ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺩﻩﻡ ئاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ، ئۇ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﺎﻱ ، ﺑﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ، ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻥ ، ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ ، ئاﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩئاﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ئوﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ، ﺩﻭﺳﺖ - ئاﻏﯩﻨﻪ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ، ئەﻝ - ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ئەﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ << ئاﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻰ >>ﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﻧﺠﯩﮕﻪﻥ ، ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ئەﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﺶ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ئەﻣﻪﺱ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئۆﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئاﺯ ئۇﭼﺮﯨﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯩﺮ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ئۈﭼﯜﻥ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ئۈﭼﯜﻥ ئۆﺯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ، ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺴﻪﻙ ئاﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺰ ؟


    1996 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ << ﻏﺎﻳﻪ - ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ - ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ئۈﻧﯜﻡ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ئۆﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺸﯩﺶ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ئوﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ئۆﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺰ .
    ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ئۆﺗﻜﻪﻥ ئەﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ << ﺭﻭﻫﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ _ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ >> ، << ﻫﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ >> ، << ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ئۆﺯ - ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ئۈﭺ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﻰ >> ، << ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ >> ، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ >> ، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ >> ، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئۈﻳﻠﯩﻨﯩﺶ >> ، << ئاﺭﯨﻔﻨﺎﻣﻪ >> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﺭﻗﺎ - ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺭﯦئاﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ، ئەﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .

     

     

    1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩئۈﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘئاﺭﺍ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﻨﯩﯔ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘئاﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﻩ _ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﻰ ، ئۇئەﺟﺪﺍﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺷﯘﯕﻐﯘﺩﻯ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ئاﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
    << ﻫﻪئە ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ! ﻧﻪﭼﭽﻪ ئەﺳﯩﺮ < ئەﺳﻬﺎ ﺑﻮﻟﻜﻪﻫﻒ >ﺩﻩﻙ ئۇﺧﻠﯩﻐﺎﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ > ﺭﻭﻫﻰ ئوﻳﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ > ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﺘﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺦ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ئۈﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ ! >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ئاﻟﯩﻢ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، << ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ئاﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئاﻻﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ئۇﻝ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯧﯖﻰ ﺷﻪﺭﻕ - ﻏﻪﺭﺏ ئاﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ئۆﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ئەﯓ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﯘﺯ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺯﺍﻣﺎﻧﯟﻯ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ، ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ - ﺗﯧﻠﯧﻜﺲ ئاﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ! ئاﻟﻪﻡ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺑﯘ ئۇﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ئەﻣﻪﺱ ! >> . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﺩﻻﻧﻐﺎﻥ ئاﻟﯩﻢ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ئۆﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ، ئۆﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺮﺍﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﺴﯩﺪﺍ ، ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ << ﻣﺎﻱ ﻗﯘﺭﺗﺘﻪﻙ >> ﻟﯚﻣﯜﻟﺪﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ، ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
    << ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ! ﺑﯩﺰ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ > ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ >ﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ئاﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىپتىخارى ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﯩﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻛﯜﺷﯩﻤﯩﺰ ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ < ئاﺭﯨﻔﻠﯩﻖ > ( ئوﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ) ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ < ئاﺷﯩﻘﻠﯩﻖ > ( ﻛﯚﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻚ )ﺗﯘﺭ ! >>
    ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ! ﺳﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﻏﺎﻧﻤﯘ ؟ ئەﮔﻪﺭ ئوﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ئوﻗﯘﯓ ، ئوﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئوﻗﯘﯓ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺍﻧﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ئاﻧﭽﯩﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻐﯘ ، ﺩﻩﭘﻼ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ئوﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺑﯩﺰ ئۆﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ، ئەﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ، ئوﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ئاﻟﯩﻢ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ ! ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ئاﻟﯩﻢ 80 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﺗﺎﻕ ، ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺱ ئۆﺯﻟﻪﺭ ئەﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ئوﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯩﻚ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ، ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﻯ ئوﻳﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ئالىمنى ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮئاﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯧﻬ ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ئۇﺳﺘﺎﺯ ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﯩﺰ ﺧﯧﻠﻰ ئۆﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئوﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .
    ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۇﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ . ئۇﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯗﺭﯗﺳﺮﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ئاﻟﯩﻢ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ئاﻟﯩﻤﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ئۇ ئەﯞﻟﯩﻴﺎ ئەﻣﻪﺱ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺭﻭﻫ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ئەﻣﻪﺱ ئاﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ئوﻥ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئاﯓ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﻕ . ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﻣﺎﺱ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻨﻰ ئۇﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۇﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ئۆﺯ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﺭ ، ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ئەﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ .


    ﺑﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ئوﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘﻧﻰ ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﺍﺵ ، ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻱ ( ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﯩﻘﯩﺴﻰ )ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ئەﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .
    ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئەﺳﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯗﺭ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .
    ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻜﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﯞﻩﺭﻣﻪﻱ ، ئۇﻻﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﭖ ئۈﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ئەﺗﯩﯟﺍﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ، ئاﻣﻤﺎ ئەﺗﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ئاﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ _ ﺑﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ئاﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻼﺵ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪئەﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ئۆﺭﻟﻪﭖ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ئاﺳﺎﻥ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ئاﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ .
    ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ .
    ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ .
    ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.