ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىېىۋى تەپەككۇر - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41110156.html


    ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن

    «شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى خەنزۇچە 1- سانىدا بېسىلغان, خەن زىيۇڭ, لې لىن ئىسىملىك ئىككى ئاپتۇر يازغان «تەبىئەت, مەدەنىيەت, ئىنسان » نامىلىق ماقالىنى ئوقۇپ, غەربى دىياردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە مىللى مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم.

    ماقالىدە غەربي دىيارنىڭ « تەبىئەت ئانىسى » مۇھىتىدا كۈچلۈك, مىللى ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىز, سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك, سىياسى ئىقتىدارى ئاجىز, ھېسسىياتچان ئىقتىدارى كۈچلۈك, ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز, يېڭىلىققا قىېزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك, ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ, ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئائىلىسنىڭ روھې مەدىنىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ماقالە ئاپتۇرلىرى غەربي دىيارلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۇچىنىڭ بىر-بىرنىڭ چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىزلىقنى, تارىخقا, ئاتا-ئانىغا, پېشىقەدەم نامايەندىلەرگە, ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت, ۋارىسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش, قەدىرلىمەسلىك, بىپەرۋالىقتىن كۆپ ئاجىزلىقنى تىلغا ئېلىش بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ يادرو ھاسىل قىلالماسلىقى, تۆت ئەتراپىدىكى ئۇيۇشقان, يادرو ھاسىل قىلغان سىياسى ھاكىمىيەت كونتروللۇقنى تەقدىر قىلغانلىقى, سەرگەردان مىللەتتىكى , مەدىنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ باشقا خەلىقلەر تەزكىرىلىرىگە نامى چۈشۇپ قالغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن بىللە چەكسىز قۇم دېڭىزىغا بۇلىدىغانلىقىنى ئوچۇق-يورۇق بايان قىلغان.

    ماقالىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قاتار تارىخي ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقلىرىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى» قېلىپىدا شۇنداق ئەزەلىلىككە ئىگە بۇلۇپ يارالغان دېگىلى بولمىسىمۇ, ھازىرقى ئۇيغۇر ئىجتىمائي ۋە روھى مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان ئۈچ مۇھىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقنى قايتا ھېس قىلدىم. بۇنوقتىدىن يۇقىرقى ئىككى ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق-يورۇق ئىلمي پوزىتسيسىگەتەسەننا ئوقۇش كېرەك.

    مەن ئىلگىرى يېزىپ ئىلان قىلغان « روھنى ساغلاملاشتۇرۇش-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى » «ھەسەتخورلىق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار » « مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سۇتسىيالىستىك مەدىنىيەت ئۈچ بۈرجىكى» «يىپەك يۇلىدىكى بىر چوڭ مىللەت  »  نامىلىق ماقالىلىرىمدە خەلقىمىزنىڭ روھىيەت تۈزىلمىسى, مەدەنىيەت پىسخىكى, تۇمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئىللەتلەرنى يۈز خاتىرە قىلماي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ (يۇرتۋازلىق, كەسپىي ھەسەتخورلۇق, پىتنە-ئىغۋاغا ھىرىسمەنلىك,ئۆزى