ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    تاشۋاي - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41110988.html

    تـــاشــــــۋاي


         خەلق ئىچىدە ياشاپ ئۆتكەن ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى تولا چاغلاردا كۆمۈلۈپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئۇلار ئۈچۈن ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارلىرىمۇ ياسالمايدۇ،لىكىن ئۇلار خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ مەڭگۈ خەلق بىلەن بىرگە ياشايدۇ.
    تاشۋاي پۈتۈن ئۆمرىنى مۇزىكا ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىر ئۇيغۇر سازەندىسى،ئۇ 1880-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى سەمەن يېزىسىدا بىر نامرات ھاممال ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،تاشۋاي يالغۇز ئوغۇل بولۇپ،توققۇز ياشقا كەلگەندە ئانىسى دۇنيادىن ئكتتى،ئاتىسى بولسا ئانىسى قازا قىلىشتىن ئىككى ييىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن ئىدى،تىكەندەك يالغۇز قالغان بۇ ئوغۇلغا نامىرات ئائىلىدىن دادىسىنىڭ بىر چولاق راۋابىدىن باشقا ھېچقانداق بىسات قالمىغان ئىدى....
    شۇنىڭ بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالغان تاشۋاي دادىسىدىن قالغان چولاق راۋابنى چېلىپ ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى،قىش كۈنلىرىنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا ئاشپۇزۇللارنىڭ ئوچىقىنى،ناۋايلارنىڭ تونۇرلىرىنى ئۆزىگە پاناھ قىلدى،ھەمىشە دېگۈدەك ئاچ يۈردى.بۇ كىچىك سەبىي بالا بەزىدە ئۆزىگە تەڭتۇش بولغان كىچىك بايۋەچچىلەرگە يولۇقۇپ قالغاندا،ئۇلارنىڭ خام سېمىزلىكىگە،يىپەك-شايىدىن تىكىلگەن تون-چاپانلىرىغا،ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن دېدەكلىرىگە ھەيران بولۇپ قاراپ،ئۆز-ئۆزىگە:<<نېمىشقا بۇلارنىڭ قورسىقى توق؟نېمىشقا بۇلارنىڭ غېمى يوق؟..>>دەپ سوئال قوياتتى،لېكىن بۇ سوئاللار ئەينى چاغدىكى كىچىك تاشۋايغا تېگى-تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر سىرلىق نەرسە بولۇپ قېلىۋەردى.
    تاشتىن قاتتىق كۈنلەر بىر-بىرىنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ كېلىۋەردى،يوقسۇللۇق ئاخىرى بىركۈنى تاشۋاينى مەدىكار بازىرىغا ئېلىپ باردى،ئۇ پەقەت قورساق تويغۇدەك غىزا ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساتماقچى بولسىمۇ ،كۈنلۈكچىلەرگە ھاجەتمەنلەردىن بىرەرىمۇ تاشۋايغا نەزىرىنى سېلىپ قويمىدى.بۇ ھال ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى،تاشۋاينىڭ كۆزىگە بۇ زامان ،بۇ تۇرمۇش ئىنتايىن نەپرەتلىك بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى:<<ئاھ خۇدا،-دېدى تاشۋاي ئۆز-ئۆزىگە،-ماڭا يېگىلى نان بولمىسۇن،كېيگىلى كېيىم بولمىسۇن،ئەمدى قىلىدىغانغىمۇ ئىش تېپىلمامدۇ؟...>>ئاچلىقتىن ھالسىزلىنىپ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغان تاشۋاي ئۆسۈپ-ئۆسۈپ يىغلاپ مەدىكار بازىرىدىن قايتتى،لېكىن ئۇ قەيەرگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىنى بىلمەيتتى...
    تاشۋاي ئون ياشقا كىردى،ئۇ شۇ يىلى قىشنىڭ قارا سوغۇقلىرىنىڭ بىرىدە ھېيىتگاھ ئەتراپىدىكى بىر ئايال خوجايىننىڭ ئاشپۇزۇلىدا كۈن بويى سۇ توشۇپ،ئوتۇن يېرىپ ،ئوچاققا ئوت قالاپ،ئاشقان-تاشقان نەرسىلەرنى يەپ كۈن كەچۈردى،تونۇر بېشىنى قونالغۇ قىلدى...بىر كېچىسى تاشۋاي تونۇر ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقاندا تۇيۇقسىز قار يېغىپ قاتتىق شىۋىرغان چىقىپ كەتتى،كىچىك تاشۋاي گويا مۇز ئارىسىدا ياتقاندەك توڭلاپ تىتىرەشكە باشلىدى،ۋاقىت ئۆتكەنسېرى تاشۋەي مۇزلاپ قېلىش خەۋىپىنى ھېس قىلىپ،قاتتىق ئەنسىرىدى،بىچارە يېتىم ئىڭرىدى،يىغلىدى،قاقشىدى،شەپقەتسىز شىۋىرغانلىق تۈن-كېچىدىن،سىياھدەك قارا ئاسماندىن،ئېغىر ئۇيقۇغا كەتكەن كەڭرى زېمىندىن نىجادلىق تىلەپ ئۈن سېلىپ ۋارقىرىدى...
    <<ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت>>دېگەندەك،ئۇ زامانلاردا تاشۋاغا ئوخشاش يېتىم-يېسىرلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ئىدى،ئاچ-يالىڭاچ بالىلار،ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان قېرى-چۆرىلەر،ھەرخىل مېيىپ-مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ ھال-كۈنلىرى ۋە بېشىغا كېلىدىغان قىسمەت بىر-بىرىنىڭكىدىن پەرقلەنمەيتتى.ئۇلار ئوخشاشلا كۈندۈزنى تىلەمچىلىك بىلەن ئۆتكۈزسە،كېچىلىرى ،بولۇپمۇ قىش پەسلىنىڭ كېچىلىرىدە ھاممامنىڭ گۈلەخلىرىنى ئۆزىگە ماكان قىلاتتى.ھېلىقى شىۋىرغانلىق كېچىسىمۇ ھېيىتگەھ جامەسىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بىر ھاممامنىڭ گۈلەخلىرىدە پەقەت باشلىرىنى چىقىرىپ قويۇپلا،ئىسسىق كۈلگە كۆمۈلۈپ بىرقانچە ئون يېتىم بالا ياتقان ئىدى،تۈن تەڭدىن ئاشقان بولسىمۇ،بۇ يېتىم بالىلار ئىچىدە بارات ئىسىملىك بىر بالا ئۇخلىيالماي،ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان شىۋىرغاننىڭ بۆرىدەك ھوۋلاشلىرىغا قۇلاق سېلىپ ئويغاق ياتاتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىرجايدىن كېلىۋاتقان بىر بالىنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىشىغا ئوخشاش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى،ئۇ زەن قويۇپ تىڭشاپ،بۇ ئاۋازنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىگە نىجادلىق تىلەۋاتقان بىر ئاجىز بىچارىنىڭ نالىسى ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىن كېيىن،يېنىدىكى بىر ئاغىينىسىنى ئويغىتىپ،ئاۋاز چىقان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا،ئۇلار قولتۇقىغا بىر چولاق راھابنى قىستۇرىۋالغان بىر كىچىك بالىنى يۈدۈپ قايتىپ كەلدى،ئۇلار ئۇنى ئاۋايلاپ يەرگە قويۇپ،كېيىن كۈلگە كۆمۈپ ئىسسىتقاندىن كېيىن،ئۇ بىرئاز ھوشىغا كېلىپ،بارات ۋە ئۇنىڭ بۇ ئاغىيىنىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا كۆز يېشى قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈردى.
    كېيىن بارات ئۇنىڭدىن سورىدى:
    -ئىسمىڭ نېمە؟
    -تاشۋاي.
    -كىمنىڭ بالىسى سەن؟
    -ئاتا-ئانام يوق.
    -ئۆيۈڭ نەدە؟
    -ئۆيۈممۇ يوق.
    تاشۋاي شۇنىڭدىن باشلاپ ھەركۈنى كېچىسى مۇشۇ گۈلەخنى ماكان قىلدى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش بالىلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلىدى.
    تاشۋاينىڭ قوشۇلۇشى گۈلەخ ھاياتىنى بىردىن جانلاندۇرىۋەتتى،ئۇ ھەرئاخشىمى ئاغىيىنىلىرىغا ئۇلار سۆيۈپ تىڭشايدىغان پەدىلەرگە راۋاب چېلىپ بېرەتتى،بەزى ئاخشاملىرى ئۇ راۋاب چالسا ھەمراھلىرى ئۇسۇل ئوينايتتى ۋە تاشۋايغا قېتىلىپ ناخشا ئېيتاتتى.
    بىر كۈنى ئاىشىمى،تاشۋاي باي-غوجام،سوپى-ئىشانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان كۈلكىلىك ھەجىۋىي قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىۋالغان ناىشىسى<<ۋاي،دەر-ئەلەم،يادوست>>نى ئېيتىپ بەردى،ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تىلەمچىلىككە ئىشلىتىدىغان ساپايىلىرىنى چېلىپ،كونا،پۇچۇق تاۋاقلىرىنى داپ قىلىپ تاراڭشىتىپ،تاشۋايغا جۆر بولدى،كوچا-كويلاردا تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەن ئۆي-ماكانسىز يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ يەرگە توپلىنىشتى-دە،ناخشا ئومۇمىي خورغا ئايلاندى،گۈلەختىن چېقىۋاتقان ناخشا ئاۋازى چەكسىز سامانى تىتىرىتىپ ياڭرىدى:

    زارا-خەتمە ئاش بولدى،
    ئىمام-مەزىن باش بولدى.
    بايلار ئۈچۈن ئاش بولدى،
    غېرىبلارغا تاش بولدى.
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت،
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت!

    تامدا پاختەك،كۆلدە ئۆردەك،
    ماشنى چايناپ كېلىدۇ.
    نەزىرىگە موللام-سوپىلار،
    نامازنى تاشلاپ كېلىدۇ.
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت،
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت!

    ئاخۇنۇم ھوقۇش سوپى،
    دۇردۇن-تاۋار تونلىرى.
    كەمبەغەلنى قاقشاتتىلا،
    ئۈزۈلۈپ كەتكەي قوللىرى.
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت،
    ۋاي دەرد-ئەلەم يادوسىت!
    ......................
    ئومۇمىي خور ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ،يېتىم-يېسىرلار باي-غوجاملارنى،سوپى-ئىشانلار ۋە قورساق باقار موللىلارنى ئەلەملىك شىكايەتلىرى بىلەن مەسخىرە قىلىپ،ئۇزۇنغىچە مۇڭداشتى.بىر-بىرىگە ھال-ئەھۋال ئېيتىشتى...شۇنىڭدىن كېيىن بۇ گۈلەخ ھەركۈنى كەچتە دېگۈدەك يوقسۇل بىچارىلەرنىڭ،يىتىم-يېسىرلارنىڭ توپلىشىپ تاشۋاينىڭ راۋابىنى تىڭشايدىغان ۋە ناخشا ئىيتىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان،كۆڭۈل ئاچىدىغان مەشرەپ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى،لېكىن گۈلەختىكىلەرنىڭ بۇ كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى،يېقىن ئەتراپتىكى باي-غوجاملار شەنگەنگە ئەرز قىلىپ،گۈلەختىكىلەر ئۈستىدىن:<<ئارامىمىزنى بۇزدى،بىزنى خاترجىم قىلمىدى...>>دەپ شىكايەت قىلدى،ئەرز قىلىنغان كۈنى كەچتە بىرقانچە يايى گۈلەخكە كېلىپ،توپلىشىپ تۇرغان بالىلارغا:<<ھوشۇڭنى تېپىپ جىم يۈرۈش!جخم ئۇخلاش!ئەگەر بۇنىڭدىن ئۆزگىچە ئەھۋال بولىدىغان بولسا،كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرستىمەن...>>دەپ ئەمىر قىلدى،يېتىم-يېسىرلاردا نېمە ئامال بولسۇن؟!بىچارىلەر يايىلارنىڭ بۇ پەرمانىغا نائىلاج كۆنۈشتى،،شۇنداق قىلىپ بۇ گۈلەختىكىلەرنىڭ ئىچىدە تاشۋاي يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان كىچىككىنە خۇشاللىقمۇ ئۇزۇنغا بارماي غايىپ بولدى.
    بۇ گۈلەخكە يېقىن يەردە بىر كېيىم ئاياغ كېيىم بازىرى بار ئىدى،بۇ بازار ھەر پەيشەنبە كۈنى شۇنچىلىك قايناپ كېتەتتىكى ،مال ساتقۇچىلارنىڭ قايناق خېرىدار چاقىرىشلىرى،بازارغا كەلگەنلەرنىڭ ھەرخىل پاراڭ،كۈلكە-چاقچاقلىرىدىن كىشى چىداپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سۈرەن-شاۋقۇن كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.بۇ بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك،كونا بىر ناۋايخانىمۇ بار ئىدى،ناۋايخانىنىڭ ئىگىسى بىرئۆمۈر راۋابىقا ئىشتىياق باغلاپ،راۋاب چېلىشقا شۇنچىلىك ھېرىس بولۇپ يۈرگەن رېھىم ئاتلىق كىشى بولۇپ،رەھىم ئاخۇن پەرزەنت كۆرمىگەن،ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگىمۇ ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ،قايتا ئۆي-ئوچاقلىق بولماي،يالغۇز ھايات كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي،دىلكەش ئادەم ئىدى،ئۇ ئۇزاق ۋاقىت تاللاپ يۈرۈپ،چىرايلىق نەقىشلەنگەن بىر راۋابمۇ سېتىۋالغان ۋە ئاخشاملىرى ئۆيد يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ئكزى بىلىدىغان پەدىلەرگە تىرىڭشىتىپ يۈرۈپ،ئۆز كۆڭلىنى ئاچاتتى،بەزى كەچقۇرۇنلىرى گۈلەىتىكى يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ،تاشۋاينىڭ راۋابىنى تىڭشاپ قايتىپ كېلەتتى،ۋە كىچىك بولۇشىغا قارىماي راۋاب چېلىشقا ماھىرلىقى بىلەن شۆھرەت قازىنىشقا باشلىغان بۇ بالىغا بەكمۇ مەسىتلىك كېلەتتى.
    رەھىم ناۋاي بىركۈنى كەچ بوش بولۇپ قېلىپ،ھېيىتگاھنى ئايلىنىپ يۈرۈپ،بىر دەسسەپ،ئىككى دەسسەپ گۈلەخكە كەلدى،كۈلگە يېرىم كۆمۈلۈپ يېتىپ دوستى باراتقا قانداقتۇ بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان تاشۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرىنى ئاخىرىغىچە تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن،تاشۋايغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:
    -قېنى بالام،مۇڭلۇق پەدەڭدىن بىرگە چېلىپ بەرمەمسەن؟شۇنى سېغىنىپ كەلگەن ئىدىم!-دېدى.
    -ئەپۇ قىلسىلا،تاغا،راۋابنى چالمايدىغان بولدۇق.
    -نېمىشقا؟
    -يامۇلدىكىلەر شۇنداق ئەمىر قىلدى.
    -شەنگەننىڭ سېنىڭ راۋاب چېلىشىڭ بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟باي-غوجاملار كۈندە ئەيىش-ئىشرەت،نەغمەن-ناۋا قىلسا گەپ يوق،سەن بىچارىنىڭ راۋاب چېلىشىڭ گۇناھ بولۇپتىمۇ ئەمدى؟
    -بىزدە نېمە ئامال بار دەيدىلا ئۇستام،-دېدى بارات سۆزگە ئارلىشىپ،-خۇدايىم پىشانىمىزگە شۇنى پۈتتىمىكىن تاڭ،باي-شاڭيۇ دەمدۇ،شەنگەن-يايى دەمدۇ،بىز ئۇلارنىڭ ئاچسا ئالىقىنىدىكى،يۇمسا سىقىمىدىكى ئادەملەر بولۇپ قالدۇق،ئۇلار ئوت قويسا سوراق يوق،بىز چىراق ياندۇرۇپ قويساق گۇناھقا لايىق بولۇپ قالارمىشمىز.
    ئارىدا بىردەم ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقتىن كېيىن،رەھىم ناۋاي بىردىنلا تاشۋاينى ئۆزئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ،ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇش ۋە ھازىردىن باشلاپ،ئاتا-بالا بولۇپ بىر ئۆيدە تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى،تاشۋاي بىلەن بارات-بۇ ئىكى دوسىت ئۇزۇنغىچە كېڭىشەندىن كېيىن،تاشۋاي رەھىم ناۋاينىڭ بۇ تەكلىپىگە رازىلىق بەردى،لېكىن تاشۋاي ئۈچۈن بۇ گۈلەختىن ئايرىلىپ چىقىش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمىدى،ئۆزدوسىتلىرى بىلەن يېنىش-يېنىشلاپ قۇچاقلاشتى،دوستى بارات بىلەن خوشلاشقاندا يۈزىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيدى،باراتمۇ ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى،تونۇشقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ بىراق بىر-بىرىگە شۇ دەرىجىدە ئۆگىنىپ قېلىشقان بۇ قەدىردان دوسىتلار ئەتىلا يەنە كۆرۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىسسىمۇ،لېكىن بۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىقى مەڭگۈلۈك جۇدالىقتىنمۇ ئېغىر كەلدى،رەھىم ناۋاينىڭ مېڭىشقا قىلغان دالالىتىگە يۈز كېلەلمەي،قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكەپ كېتىپ بارغان تاشۋاي بىردىن ئۆزىنى توختىتىپ،بىر ئايدىن ئارتۇق ھايات كەچۈرگەن گۈلەخكە،بىللە ئۆتكەن يېتىم-يېسىر تەڭتۇشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ،راۋاب چېلىپ،ناخشا ئېيىتتى:
    ئاتاسى بار،ئاناسى بار،
    تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
    ئاتاسى يوق،ئاناسى يوق،
    تالادا خارۇ-زار باللار.
    ئاشنا قىلغىل شۇ دوسىتلارغا!

    يا ئانام يوقتۇر مېنىڭ ،
    يا ئاتام يوقتۇر مېنىڭ.
    ئېقىپ تۇرغان بۇلاقتەك،
    ئاقىدۇ ياشىم مېنىڭ.
    ئاشنا قىلغىل شۇ دوسىتلارغا!
    ...................
    تاشۋاينىڭ يېڭى بىر ھاياتى باشلاندى،رەھىم ناۋاي تاشۋاينى ئۆيىگە ئەكىلىپ يۇيۇندۇرغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا قىزىل چەكمەن چاپان،بويالغان خامدىن تىكىلگەن تامبال كەيدۈردى،ئانچە-،ۇنچە كېيىم،تائام-غىا،ئىسسىق ئۆيگە ئىگە بولغان تاشۋاي تاكى توخۇ چىللىغۇچە ئۇخلىماي،ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى رەھىم ناۋايغا سۆزلەپ بەردى،تاشۋايغا بولغان ئامراقلىقى تېخىمۇ ئاشقان رەھىم ناۋاي تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا ئۇخلاپ قالدى،لېكىن تاشۋاي كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى،ئۇ خىيال سۈردى،گۈلەختە قالغان بارات قاتارلىق دوسىت-بۇرادەرلىرىنى ئەسلىدى،ئۇلار ھەققىدە قايغۇردى...

    تېخى يېقىندىلا باش كۆزلىرى كىرلىشىپ،كېيىم كىچەكلىرى قارىداپ تىتىلىپ كەتكەن تاشۋاي كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن،كۆزلىرى بۇلاقتەك چاقناپ،مەڭزىلىرىگە قان يۈگۈرۈپ،چىرايلىق بىر يىگىت بولۇپ ئۆسۈشكە باشلىدى...ئەزەلدىن زېرەك بولغان بۇ بالا ناۋايلىق ھۈنىرىنىمۇ تېزلا ئۆگىنىۋالدى،راۋاب چېلىشنى بىركۈنمۇ تاشلاپ قويمىدى،ئۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپلا راۋابنى قولىغا ئالاتتى-دە،كېچە-كېچىلەپ چالاتتى.رەھىم ناۋاي بولسا تاشۋاينىڭ ئاجايىپ ماھارەت بىلەن زەخمەك ئۇرۇشىغا زوقلىنىپ قاراپ،يۈرەكنى تىتىرىتىدىغان مۇڭللۇق پەدىلەرنى چۇڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە تىڭشايتتى.
    كۈنلەر ئۆتتى،ئايلار ئۆتتى،بىر-بىرىگە ئەگىشىپ يىللارمۇ ئۆتتى...تاشۋاي بارغانسېرى بويىغا يېتىپ،كېلىشكەن يىگىت بولۇپ ئۆسۈشكە باشلىدى.ئۇ ئەينى يىللاردىكى گۈلەختە بىللە ياشىغان دوسىتلىرىنى زادى ئۇنتۇپ قالمىدى.بولۇپمۇ بارات بىلەن دائىم دېگۈدەك ئىزدىشىپ،ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە يار-يۆلەك بولۇپ تۇردى.تاشۋاينىڭ راۋاب چېلىشتىكى ماھىرلىقىمۇ بارا-بارا ئۆسۈپ،ئەل-يۇرت ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلىدى،ئۇ شۇيىللاردا<<قادىر مەۋلان>>،<<مۇناجات>>،<<ئاشناجان>>،<<يار مۇرادىغا يەتتى>>،<<ئەجەم>>،<<ئەجەم تەلىقىسى>>قاتارلىق خەلق ئاھاڭلىرىنى رەتلەپ،سېستىمىلاشتۇرۇپ چىقتى.بۇ مۇزىكىلارنى ئۆگىنىش ۋە رەتلەش داۋامىدا تاشۋاي تولا چاغلاردا ۋە ئاخشاملىرى رەھىم ناۋاينىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە ئولتۇرۇپ راۋاب چالاتتى،ئۇ بۇكۈنلەردە راۋابقا شۇنچىلىكى ئىشتىياق باغلىغان ىدىكى،بەزى كېچىلىرىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئۆگزىگە چىقاتتى-دە،ھاياتنىڭ پۈتۈن شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ تويمايدىغان جىمجىت تۈن قۇچىقىنى جانلاندۇرۇپ،يەنە راۋاب چېلىشقا باشلايتتى...
    رەھىم ناۋاينىڭ ئكيىنىڭ ئۇدۇلىدا بىرزالىم شاڭيۇنىڭ قورۇسى بار ئىدى.شاڭيۇنىڭ بويىغا يەتكەن،چىرايلىق گۈلچىمەن ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ،بۇ قىز رەھىم ناۋاينىڭ ئۆيىگە تاشۋاي كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا قىزىقىپ قاراپ،يىراقلاردىن سەپسېلىپ يۈرگەن چاغلار ئىدى.يىللار ئۆتۈپ گۈلچىمەنمۇ بويىغا يەتتى،بارا-بارا ئۇنىڭ ئۈچۈن تاشۋاينىڭ راۋابى راھەت-ھوزۇر بېغىشلايدىغان بولۇپ قالدى،تاشۋاي ئۆگزىگە چىقىپ راۋاب چېلىشنى باشلىغاندا گۈلچىمەنمۇ بەزىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆگىزىگە چىقىپ،تاشۋاينىڭ راۋابىنى تىڭشايدىغان بولۇپ قالدى،ئايلار ئۆتتى،قىزنىڭ باشقىچە ئىللىق مۇناسىۋىتىنى تاشۋايمۇ سېزىپ يەتتى...
    تاشۋاي ۋە گۈلچىمەننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇناسىۋىتى كۆپ ئۆتمەي گۈلچىمەننىڭ ئاتىسى-زالىم شاڭيۇنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ يەتتى،ئۇ بىرقانچە قېتىم قىزىنى قاتتىق ئۇرۇپ،<<بىر يېتىم گاداينى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭ ماڭىلا ئەمەس،بىزنىڭ پۈتۈن ئەجداد ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت،ئەگەر بۇ نىيىتىڭدىن يانمايدىكەنسەن،تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن...!>>دەپ ھۆركىرەۋاتقاندا،بىچارە تاشۋاي يۈرەكلىرى ئۆرتەنگەن ھالدا ئۆگزىدە ماراپ ياتتى،ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىشنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدى،شاڭيۇدىن بىرقانچە قېتىم ئېغىر تىل-ھاقارەتلەرنى ئاڭلىدى،بەزىدە تاياقمۇ يېدى...
    شۇنىڭدىن كېيىن،تاشۋاينىڭ ئۆگزىگە چىقىپ راۋاب چېلىشىمۇ چەكلەندى،گۈلچىمەنمۇ سىرىتقا چىقىشتىن مەھرۇم بولۇپ،ئۆي ئىچىگە بەنىت قىلىندى. دەل شۇ كۈنلەردە ،تاشۋاينىڭ دوستى باراتمۇ يىراق جايلارغا مەدىكار بولۇپ كەتكەن ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن تاشۋاينى قاتتىق زېرىكىش ۋە پىغانلىق دەرد-ئەلەم قىيباشقا باشلىدى.
    1900-يىلى ياز ئېيىنىڭ تومۇز كۈنلىرى ئىدى.بىركۈنى كېچىسى تاشۋاي ئكزى يالغۇز ئولتۇرۇپ توخۇ چىللىغىچە راۋاب چالدى.ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن رەھىم ناۋاي سالقىنراق يېتىش ئۈچۈن ئۆگزىگە جاي راسلاپ ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.تاشۋاي راۋابنى ناھايىتى زوق بىلەن چالاتتى.ئاجايىپ ئىش،ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ راۋابىدىن يېڭى بىر ئاھاڭ،كارامەت بىر يالقۇنلۇق مۇزىكىنىڭ دەسلەپكى ئېلمىنتى تۇغۇلۇشقا باشلىدى.بۇ ھال تاشۋاينىڭ ئۆزىنىمۇ ھاياجانغا سالدى.قانلىرى قايناپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرخىل ئوتلۇق ھېسىياتقا غەرق بولدى.راۋاب چېلىناتتى.تاڭ سۈزۈلۈپ،شەرق تەرەپتىن سۈبھى قۇچاق يېيىپ كېلىۋاتاتتى،زەخمەك ئۇرۇلاتتى...شۇنداق قىلىپ،مەشھۇر مۇزىكا <<تاشۋاي>>دۇنياغا كەلدى..
    تاشۋاي مۇزىكىسى يارىتىلغاندىن كېيىن ،تاشۋاي ئۇدا بىرنەچچە كۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ،بۇ مۇزىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن تاشۋاينىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئ.ۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئازادلىققا،ئەركىنلىككە ۋە ھۆرلۈككە بولغان چەكسىز ئىنتىزارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىرپۈتۈن ۋەقەلىك ئاساسىغا ۋە تولۇق سېمفونىيە خاراكېتىرىگە ئىگە بولغان مۇڭلۇق مۇزىكا ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن قەشقەرگە ۋە كەڭ يېزا-قىشلاقلارغا تاشۋاينىڭ نامى بىلەن تارقىلىپ كەتتى.نۇرغۇن راۋابچىلار بۇ مۇزىكىنى چېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەدلىك كۈنلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى،دەرد-پىغانلىرىنى تۆكتى.ھۆرلۈك-ئەركىنلىك،تەڭلىك-باراۋەرلىككە بولغان چەكسىز تەلپۈنىشىنى ئىزھار قىلىشتى!مىڭلىغان راۋاب ھەۋەسكارلىرى راۋاب ئۆگىنىشنى ئاۋۋال مۇشۇ مۇزىكىدىن باشلىدى.
    تاشۋاينىڭ ھاياتى يەنە بىرخىل داۋاملىشىپ كېتەلمىدى،ئۇ 20ياشقا كىرگەن يىلنىڭ بىركۈنى ئۇنىڭ قەدىردان ئۇستىسى-پاسىبانى رەھىم ناۋاي كېسەل بولۇپ ساقىيالماي دۇنيادىن ئۆتتى.مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى تاشۋايغا ئېغىر تەسىر قىلدى،ئۇنىڭ يۈرەك-باغرى ئېزىلدى،كۆز ياشلىرى قۇرۇمىدى...بۇ ھەسرەت ئۇنىڭ دەرد-ئەلەم بىلەن يارا بولۇپ كەتكەن يۈرىكى ئۈچۈن گوياكى تۇز بولۇپ سېپىلگەندەك بولدى...
    مەرھۇم رەھىم ناۋاي دەپنە قىلىنىدىغان كۈنى قەشقەردىكى يوقسۇل-نامراتلار،تاشۋاينىڭ ئەينى يىللاردا گۈلەختە بىللە ياشىغان سەبداشلىرى جىنازا ئالدىدا ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ،جىنازىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.باشتىن-ئاخىر قارلىق كېيىمى كەيگەن تاشۋاي رەھىم ناۋايدىن قالغان نەقىشلىك راۋابنى قولىغا ئېلىپ،جىنازا ئالدىدا كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق پەدە ‹‹ئەجەم تەلقىسى››گە چېلىپ ماڭدى.
    رەھىم ناۋاي دەپنە قىلىنغاندىەنكېيىن،مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە تاشۋاي رەھىم ناۋاينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي،ئۇنىڭ ناۋايخانىسىدا تىرىكچىلىك قىلماقچى بولغان ئىدى،ئەمما‹‹كەمبەغەلنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكىچە بېشى تاشقا تېگىپتۇ››دېگەندەك،تاشۋاينىڭ بۇ ياخشى ئارزۇسى گويا سۇغا چۈشكەن قاردەكلا يوق بولۇپ كەتتى.رەھىم ناۋاينىڭ تاشۋاي ئۈچۈن پۈتۈپ بەرگەن بەخشەندە خېتى بولسىمۇ،لېكىن ئاشۇ كىچىككىنە ناۋايخانىنى قولغا كەلتۈرىۋېلىشكە قورسىقىدا بۇرۇندىن چوت سوقۇپ يۈرگەن ناۋايلارنىڭ ساھىب تەگبىرى:‹‹تاشۋاي رەھىم ناۋاينىڭ مىراسخورى ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كۈنلۈكچى ئىدى...››دەپ دەۋا قىلىپ،رەھىم ناۋاينىڭ پۈتۈن بىساتىنى ئۆزئىختىيارىغا ئېلىۋالدى.بىچارە تاشۋاي رەھىم ناۋاينىڭ نەقىشلىك راۋابىنى كۆتۈرۈپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
    بۇنداق ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمىغان بارات ۋە باشقا ئاغىينلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تاشۋاي بىر دوسىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،يامۇلغا ئەرز قىلىش ئۈۋۈن باردى،لېكىن ساھىب تەگبىر ئاللىبۇرۇن شەنگەننىڭ ئاغزىنى مايلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇيقەسىتكە شېرىك بولغان گۈلچىمەننىڭ ئاتىسى-زالىم شاڭيۇمۇ شەنگەنگە:‹‹تاشۋاي دېگەن ھارامزادە نارەسىدە قىزىمغا يامان نىيەتتە بولۇپ ،يۈز-ئابرويۇمنى تۆكۈشكە قەسىت قىلغان›› دەپ ئەرز قىلدى،ئاخىرىدا بىچارە تاشۋاي‹‹گادايلارنى باشلاپ يامۇلغا باستۇرۇپ كەلدى››دېگەن بەتنام بىلەن گۇندىخانىغا تاشلاندى.
    تاشۋاي گۇندىخانىنىڭ يالغۇز كىشلىك ئۆيىدە تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ،بۇ جەرياندا گۇندىخانىدىكى پۈتۈن مەھبۇسلارغا ئۇنىڭ قەشقەر شەھرى ۋە يېزا-قىشلاقلاردا شۆھرەت قازانغان ياش راۋابچى تاشۋاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى،تاشۋاينى يالغۇز يېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئارىغا ئېلىپ چىقىش پۈتۈن مەھبۇسلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى،ئۇلار بۇ ھەقتە گۇندىپايلارغا ئىلتىماس قىلىشتى،چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى،ئەمما ھېچبىر نەتىجە بولمىدى،قانداق قىلىش كېرەك؟...ئاخىرى چاچ-ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان،ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى موشۇ گۇندىخانىدا ئۆتكەن بىر مەھبۇسنىڭ مەسلىھەتى ئۈنۈم بەردى.مەھبۇسلار يانلىرىدا قانچىلىك پۇل بولسا ھەممىنى چىقىرىپ،توپلانغان پۇلنى ئەپلىك بىر پەيىتنى تېپىپ گندىپايلارنىڭ باشلىقىغا بېرىشتى.ئۆمۈر بويى پارا يەپ،پارىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن بۇ گۇندىپايلار باشلىقى پۇلنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن تاشۋاينى يالغۇز ئۆيدىن كوللىكتىپ ياتىدىغان كامېرغا يۆتكىدى،بارات ئارقىلىق تاشۋاينىڭ راۋابىنى ئالدۇرۇپ بەردى،يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سۆيۈملۈك راۋابىنى قولىغا ئالمىغان تاشۋاينىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى،كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش قۇيۇلدى ۋە بارماقلىرىنى پەدىلەر ئۈستىدە ئوينىتىپ،بىرخىل ئىشتىياق بىلەن زەخمەك ئۇرۇشقا باشلىدى:
    ئاھ ئۇرارمەن،ئاھ ئۇرارمەن،
    ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
    كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
    بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
    .................
    تاشۋاي ئۆزىنى ھېچبىر توختىتالماي گاھى مەھبۇسلار بىلەن ئۆزىنىڭ دەرد-پىغانلىرى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئورتاقلىشىدىغان،گاھى ئادالەتسىز،زۇلىمەتلەك دۇنياغا قارىشى پۈتمەس-تۈگىمەس ئۆچمەنلىكىنى ئىزھار قىلىدىغان،گاھى گۇندىپايلارغا ئۆزىنىڭ ھېچبىر گۇناھسىزلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان پەدىلەرگە چالاتتى،
    كۈنلەر ئۆتتى.بۇ مەگىللەردە تاشۋاي ئۆزىنىڭ مەشھۇر مۇزىكىلىرىدىن ‹‹گۇندىپايI››،‹‹گۇندىپايII››لەرنى ئىجاد قىلدى.ئۇنىڭ راۋاب چالمايدىغان،ناخشغا ئېيىتمايدىغان كۈنلىرى بولمىدى،ئەسىرلەپ مۇڭ-ھەسىرەت،ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتۈپ كەلگەن بۇ گۇندىخانا يېقىملىق راۋاب ئاۋازى بىلەن جانلاندى،مەھبۇسلارنىڭ تاشۋايغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى،بەزى گۇندىپايلارمۇ راۋابنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق ئاۋازىغا ئىختىيارسىز ھالدا زەن قويۇشقا باشلىدى،بولۇپمۇ يېشى 70لەرگە بېرىپ قالغان بىرگۇندىپاي تاشۋاينىڭ راۋاب چېلىشىغا باشقىچە ئامراق بولۇپ قالدى،ئۇ تاشۋاينىڭ راۋابىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى:ئۇ كىچىك چېغىدا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ،تىرىكچىلىككە ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالماي ئوغرىلىق قىلغان،بىركۈنى دەل ئوغرىلىق ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قېلىپ،بۇ گۇندىخانىغا سولانغان.گۇندىخانىدا يېتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن،يەنەموشۇ گۇندىخانىدا گۇندىپاي بولۇپ قالغان،گۇندىپاي تاشۋاي راۋابنى ‹‹تاشۋاي››پەدىسىگە چالغان كۈنى يۈرەكلىرى ئېزىلىپ،ئۆزىنى تۇتالماي قالدى.ئۇ شۇكۈنى كەچتە ئۆزىنڭ كۈزەتچىلىك نۆۋىتىدىن پايدىلىنىپ،تاشۋاينى يېنىغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا:
    -بۈگۈن سېنى بۇ ھەپسىدىن قاچۇرىۋېتەي،لېكىن سەن قەشقەردە تۇرما،باشقا يۇرتلارغا كەت.سېنى قاچۇرىۋەتكىنىم ئۈچۈن كەلگۈلۈك كېلىپ قالسا،مەنلا تارتاي،مەن ياشايدىغىنىمنى ياشاپ بولغان ئادەممەن،-دېدى.
    باش توخۇ چىللىغاندا گۇندىخانىدىن قېچىپ چىققان تاشۋاي تاڭ يورۇغىچە دوستى باراتنى ئىزدەپ تاپتى ۋە ئىككىسى نەگە بېرىش ،نېمە قىلىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشتى...
    (3)
    تومۇز كۈنلىرى ئىدى،خۇددى ئەينەكتەك يالتىراپ،خۇمداندىن كۆتۈرۈلگەندەك تىنجىق ئىسسىق كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كەڭ تاقىر سايدا تاشۋاي بىلەن بارات كېلىۋاتاتتى.
    ئۇلار نەگە باردى؟قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟بۇمۇ ئاڭلاشقا ئارتۇقلۇق قىلمايدىغان بىر سەرگۈزەشتە.
    تاشۋاي گۇندىخاندىن چىقىپ،دوستى بارات بىلەن ئەتىسى كېچىدە قەشقەرنى تاشلاپ ئەنجانغا كەتكەن ئىدى.ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز ئاي ئىچىدە ئۆزگە يۇرتتا يۈرۈپ،ئادەم بەرداشلىق بېرىشى قېيىن بولغان جەبىر-جاپالارنى تارتتى.ئاخىر ئۇلار‹‹تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز ئىكەن،كېندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن تۇپراققا قايتىپ كېتەيلى››دېيىشكەندىن كېين كۈنلەپ پىيادە يول يۈرۈپ،ئۆز ۋەتىنىگە قاراپ يولغا چىقىشقان ئىدى.ئۇلار تاقىر ساي ئىچىدىنمۇ چىقىپ بولدى،ئەركەشتامدىن ئۆتۈپ ۋەتەن چېگىرىسى ئىچىگە كىرىپ كەلگىنىدە ،بۇلارنىڭ كۆزىگە ھەربىرتال گىياھ،ھەربىرتاش گوياكى گۈلدەك بولۇپ كۆرۈندى. شەرقتىن سوققان مەيىن شامال دەردلىرىگە داۋا بولىدىغاندەك تۇيۇلدى.ئەتراپىغا تويماي،يېنىش-يېنىشلاپ كۆز يۈگۈرتۈپ كېتىپ بارغان تاشۋاي بىردىن توختاپ يەردىن بىرسىقىم تۇپراقنى قولىغا ئالدى-دە،ھاياجان بىلەن:
    -ئەي،ئەزىز تۇپراق...مەن ياقا يۇرتتا خارلىنىپ،يېتىمسىراپ يۈرگىنىمدە،سېنى كۆزۈمگە سۈرتكىدەك بولدۇم!-دېدى.
    ئۇلار داۋاندىن چۈشۈپ ئانچە ئۇزىمايلا يول بويىدىكى چوڭ بىرقورام تاش يېنىدا بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان سۈزۈك بۇلاق سۈيىدىن يۈرەك-باغرى قانغۇچە ئۇچۇملاپ ئىچىپ،نان-پان يەپ،بىرئاز دەم ئېلىشتى.تاشۋاي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگۈچە يول بويى ئويلاپ ۋە پىششىقلاپ چىققان‹‹كاۋابى سەھرا››پەدىسىنى چېلىپ،بارئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيىتتى:
    ھەرشەنبە چىقىپ يەيتىتىم،
    مەي باغلىغان ئۈجمەڭنى.
    يىل ئۆتتى چىقالمىدىم،
    نەقىلاي غېرىبلىقنى.
    كاۋابى سەھرا،
    يېنىپ كەلدۇق ئەي باللا.
    راۋابنى چالاي ئۆزۈم،
    يىغلايدۇ قارا كۆزۈم.
    كىشىنىڭ يۇرتىغا بارسام،
    ئۆتمىدى مېنىڭ سۆزۈم.
    كاۋابى سەھرا،
    يېنىپ كەلدۇق ئەي باللا.
    بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
    غېرىبنىڭ يولىنى باغلار.
    غېرىب ئۆلسە كىم يىغلار،
    غېرىبقا غېرىب يىغلار.
    كاۋابى سەھرا،
    يېنىپ كەلدۇق ئەي باللا.
    ..................
    ئۇ ‹‹كاۋابى سەھرا››دىن كېيىن،‹‹قادىر مەۋلانەم››،‹‹ساپئېرىق››،‹‹يار مۇرادىغا يەتتى››قاتارلىق پەدىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن چېلىپ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقا يۇرتتا كەچۈرگەن سەرگەردانلىق ھاياتىنى قىسقىچە ئەسلەپ،ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلدى.
    ئىككى دوسىت قەشقەر شەھرىگ يېتىپ كەلدى.بۇ خەۋەرنى ئاۇڭلىغان بۇرۇنقى دوسىت-بۇراسەرلىرى يۈرىكى يېرىلغۇدەك خۇشال بولۇپ،كۆپ ئۆتمەيلا تاشۋاينى ئىزلەپ تېپىشتى.بۇلار تاشۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۇسۇل ئويناپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىناق ھاياتىنى باشلىدى.كۈنلەر،ئايلار،يىللار شۇ يوسۇندا ئۆتۈۋەردى.
    تاشۋاي 33ياشقا كىرگەن يىلنىڭ بىر جۈمە كۈنى نامازدىگەر ۋاقتى بولغاندا،ئىككى-ئۈچ ئاغىينىسى بىلەن ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ راۋاب چېلىۋاتاتتى.يامۇلنىڭ چىرىكلىرىدىن جۈمەش ئىسىملىك بىر قىمارۋاز بۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ،تاشۋاينىڭ قولىدىكى رەھىم ناۋايدىن قالغان نەقىشلىك راۋابنى تارتىۋالماقچى بولدى،ئەمما تاشۋاي ۋە ئۇنىڭ ئاغىينىلىرىنىڭ قارشلىق كۆرسىتىشى بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى،جۈمەش نائىلاج چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ كېتىپ قالدى-دە،بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن نەچچە ئونلىغان چېرىك ۋە لۈكچەكلەرنى باشلاپ كېلىپ،خاتىرجەم راۋاب چېلىپ ئولتۇرغان تاشۋاي ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرىنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى.بارات بۇ توپىلاڭ ئىچىدىن تاشۋاينىڭ راۋابىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۈلگۈردى،تاشۋاي بولسا مۇشت زەربىدىن يىقىلدى.بۇ مۇشتۇمزورلار گوياكى لاي پېتىقلىغاندەك بىچارە تاشۋاينى دەسسەپ چەيلىدى....
    بىر قانچە دوستلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلگەن بارات قانغا مىلنىپ ياتقان تاشۋاينى يۈدۈپ،شەھەر سىرتىدىكى ‹‹مۇراد باخشى ئاتام››دەپ ئاتىلىدىغان مازارنىڭ بىرخارابە ھوجىرىسىغا ئېلىپ كەلدى،كېيىن يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىرئەسكى كەپىگە يۆتكەپ كەلدى،تاشۋاي كېيىنكى يىلى باھار پەسىلىگىچىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى،بۇ چاغلاردا ئۇ راۋاب چېلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا ھەۋەس قىلمايتتى.راۋابنى قولىغا بىر ئېلىۋالسا تەرلەپ-پىشىپ،ھالىدىن كەتكۈچە چېلىۋېرەتتى.لېكىن كۆپ ھاللاردا بارات ئۇنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىدىن راۋابنى ئېلىۋالاتتى.
    تاشۋاي نەگە بارسا،راۋاب ھەۋەسكارلىرىمۇ شۇيەرگە باراتتى.باھار پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن تاشۋاينىڭ دەريا بويىدىكى كەپىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ سەينا يەنە ئادەملەرگە لىق تولىدىغان بولۇپ قالدى،بەزى كىشىلەر كۈن بويى دېگۈدەك موشۇ يەردە بولۇپ،تاشۋاينىڭ راۋابىنى تىڭشايتتى،بولۇپمۇ تاشۋاي ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان‹‹تاشۋاي››،‹‹قادىر مەۋلانەم››،‹‹ئەجەم››،‹‹ئەجەم تەلقىسى››،‹‹گۇندىپايI››،‹‹گۇندىپايII››‹‹ساپىرىق››،‹‹كاۋابى سەھرا››،‹‹يار مۇرادىغا يەتتى››،‹‹ئويناڭ دەردى بار باللار››،‹‹ۋاي،دادەي››قاتارلىق پەدىلەرگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن چالغاندا،كىشىلەر ھەيۋەتلىك سادا ياڭرىتىپ،ئۇنىڭغا جۆر بولاتتى...لېكىن تاشۋاي كۈندىن-كۈنگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھالسىزلىىشقا باشلىدى،ئاپىرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىقى بۇلۇتلۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتتى،ئۈچىنچى قېتىم ھوشىدىن كەتكەندە،ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تولىمۇ تەستە ئېسىغا كەلدى ۋە باراتقا:
    -بارات،مەن ياخشى بولۇپ كېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن،-دېدى.
    بارات تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ:
    -ئۇنداق دېمە دوستۇم،خۇدايىم شىپالىق بېرىپ قالار،-دېدى.
    -ياق-،دېدى تاشۋاي،-مەن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىمەن،لېكىن سىلەر كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار،مېنىڭ ئۆلۈمۈم دۇنيا ئۈچۈن چوڭ جدالىقمۇ ئەمەس...
    بۇ چاغدا بارات دوستى تاشۋاينى گويا ئۇزۇن يىللار كۆرمىگەندەك باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ،تەسەللى بېرىشىكە باشلىدى.لېكىن تاشۋاي:
    -مېنى ئاتامدىن يادىكار قالغان راۋاب بىلەن بىللە كۆمۈڭلار،رەھىم تاغامدىن قالغان راۋاب ساڭا تەۋەررۈك بولۇپ قالسۇن،مېنىڭ جىنازامنىڭ ئۈستىگە بورا يېپىپ قويساڭلارلا بولدى،چۈنكى مېنىڭ ئۆمرۈم باشتىن-ئاخىر كەمبەغەلچىلىكتە ئۆتتى،مېنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندا،شاگىرتلىرىم مېنىڭ پەدەمگە چېلىپ ماڭسۇن،روھىم خوش بولىدۇ...مېنى دەپنە قىلغاندا راۋابنى كۆكسۈمگە ئېلىپ قويۇڭلار،ئۇنى ھەرگىز جۈمەش مۇشتۇمزور ئېلىۋالمىسۇن!-دەپ ۋەسىيەت قىلدى.
    تۆمۈرنى دات يەيدۇ،ئادەمنى دەرد! زۇلمەتلىك زاماننىڭ مۇدھىش جەبىر-جاپالىرى،قايغۇ-دەردى تاشۋايدەك سۆيۈملۈك خەلق سازەندىسىنى ئاخىر يەپ كەتتى،1914-يىلى ئاپىرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىقى بىر پەيشەنبسىدە تاشۋاي ئۆزىنىڭ قەدىردان دوستى باراتنىڭ قۇچىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى...
    ئەتىسى سەھەردىلا قەشقەر شەھرىدىكى ئەل-يۇرت،يېتىم-يېسىرلار تەۋرەپ كەتتى.نەچچە يۈزلىگەن كىشى يىغا-زارە ئىچىدە جىنازىنى كۆتۈرۈپ،ھەيۋەتلىك سەپ تارتىشىپ،تاشۋاينى زاراتگاھلىققا ئېلىپ مېڭىشتى،تاشۋاينىڭ ئاتىسىدىن قالغان راۋاب جىنازىغا ئېسىپ قويۇلدى.بارات ۋە تاشۋاينىڭ شاگىرتلىرى،يېقىن-يىراق يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەن نەچچە ئونلىغان راۋابچى تاشۋاينىڭ جىنازىسى ئالدىدا راۋاب چېلىپ ماڭدى...
    تاشۋاينىڭ قەبرىسىنى كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭ دوسىت-بۇرادەرلىرى، شاگىرتلىرى يوقلاپ تۇردى.يەنىلا ئۇ يەردىن ئۈزۈلمەي تاشۋاينىڭ مۇزىكىلىرى ئاڭلىنىپ تۇردى،كېيىنچە ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى پەقەت قەبرە چۆرىسىىنىلا ئەمەس،بەلكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىننى قۇچتى.

    ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى:1979-يىلى5-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېزىلغان .
    ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى:غەيرەت ئابدۇللا
    ئېلكىتابقا ئايلاندۇرغۇچى:قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن:
    مەمەتئېلى ياسىن(تەۋپىق ئەپەندى)
    QQ:709223646
    e-mail:mmtys@126.com

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.