ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    ئۇلۇغ قانال - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41129789.html



    تارماق ئېقىنلاردىن دەريالار، دەريا- دېڭىزلاردىن زىمىن سەتىھىنى قورشاپ ياتقان بەھەيۋەت ئوكيانلار ھاسىل بولغاندەك، ھازىرقى زامان رەسمىي ئىبارىسىدا « يىپەك يولى » دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ قانالغا شىمالدىن مۇز دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن خەلىقلەرنىڭ « ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» لاتقىلىرى، جەنوبتىن تروپىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن قۇۋملەرنىڭ « تېرىم مەدەنىيىتى » يالدامىلىرى قويۇلغان. مۇز ۋە ئوت ئاستىدىن ئاپىرىدە بولغان شىمال- جەنوب قەدىمقى مەدەنىيىتى شەرق- غەرپ بويلاپ ئاللاھەزەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەسسە قوشقان جاۋاھىراتلارنى بۇ قانالغا تاشلاپ، ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانىغا ئايلاندۇرغان. بىز ئۇنىڭدىن سۇمېر ۋە پىرئەۋىن زامانى ئىزنالىرىنى، ئارىيەت ۋە كىرىت دەۋرى شامالىرىنى، سۇفرات ۋە كۇڭفۇزى نەسىھەتلىرىنى، مېتىرا ۋە ئاپۇللا ئەپسانىلىرىنى، داۋ ۋە زوروئاستېر قەسىدىلىرىنى، مانى ۋە ساكيامۇنى دەستۇرلىرىنى، ئىسكەندەر ۋە دارا جەڭنامىلىرىنى، ئارستوتېل ۋە بۇقرات (ھېپوكرات) تەلىماتلىرىنى، كالامىيەت ۋە تەسەۋۋۇپ تەرغىباتلىرىنى، رابىيە، جۈنەيدىل باغداتى، مەنسۇر ھەللاجى، پەرىدىددىن ئەتتار، جالالىدىن رومى گۇمانىزىم ترگېدىيىلىرىنى، شەيخ سەئدى، ھافىز شىرازى، ئۆمەر ھەييام، ئابدىراخمان جامى ۋە نەۋائى لىرىكلىرىنى، ھازىرقى زامان ئازادلىق ۋە «ئۆزلۈك»  تەپەككۇرىنىڭ يېڭى نوتىلىرىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇ، ئۆز ساھىللىرىدا ئۆلگەن تىرىكلەرنى بېقىش بىلەن بىلە، يەنە ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس روھىيەت پەھلىۋانلىرىنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىنى قۇچۇپ ياتماقتا. ئۇ ھەقىقەتەن مىسلىسىز قامۇس ۋە قىياسىز غەزىنە ! ھېلىغىچە ھېچ قايسى مۇقەددەس كىتابلار ياكى ئىنسىكلوپېدىك ھېكمەت مۇجەسسەملىرىمۇ بۇ قامۇس ۋە غەزىنىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىرەر پارچىسىغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ئويلاپ كۆرۈڭ: ئەگەر بۇ قانالدا ئاققان، چايقالغان، قوشۇلغان ۋە چۆكمە ھاسىل قىلغان مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدا يەنە قانچىلىك جاۋاھىرات قالغان بولاتتى- ھە؟!
    ھايات دانىشمەن
      ئىنسانىيەت ئومۇمىي ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇش ھارپىسىدا روھىيەتتىكى مىسلىسىز بوھرانغا دۇچ كەلمەكتە.ئىنسانىيەت تەبىئەتنى تېزگىنلەشتە ئېينىشتېيننىڭ « نىسپىلىك نەزەرىيەسى» ئۇتۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ئۇ، ماھىر ئېلېكتر ماتېماتىك، كائىناتتىكى ئۇچقۇر رېتسار، يادرو مۇشتلۇق بوكسچى بولىۋالغان. ئۇ يەنە شېكىسپر تراگېدىيىلىرىدىكى رەشىكچى، ئاچكۆز- خەسىس، سۈيىقەستچى ۋە نەسەب كۈشەندىگۈيلۈق تىپلىرىنى يېڭى نەسىل بىلەن كېڭەيتتى. بۇلغانغان كائىنات ۋە يەر- سۇ، بۇلغانغان تەن ۋە روھىيەت، بۇلغانغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئىنسانىيەتنى ساختا مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي نەپرەت ماتېرىياللىرىدىن بارغانسېرى ئېنكوباتۇردىن ئاغزىنى ئېچىپ، تىرناقلىرىنى چىڭىتىپ چىقىۋاتقان چۆجىلەردەك كۆپەيتىپ چىقارماقتا.  ئىنسانىيەت جەمئىيەتنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى تېزگىنلەيدىغان « نىسبىيلىك نەزەرىيىسى كىشىلىك تەلىماتى» نى ياراتقىنى يوق! قەدىمكى ئەپسانىلار، كاھىن ۋە شامان ئەپسۇنلىرى، ئۈچ ئۇلۇغ دىننىڭ ئەھكاملىرى، روھىيەتچىل ئىزگۈ تەسەۋۋۇپ تەشەببۇسلىرى، موننىسكيونىڭ لىبرالىزىملىق مەسلەكلىرى، ماكىسنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك غايىلىرى ھازىرقى مىسلىسىز روھىيەت بوھرانىنىڭ غايىسىزلىق كەلكۈنلىرىنى توسىيالماي تەمتىرىمەكتە. باشقا كىيگەن تۇماق- تەلپەكتەك ئىدىيلەر لەززىگە كېلىپ قالماستىن، يەنە باشتىن ئۈنۈپ چىققان ۋە كېلىشتۈرۈپ تۈگۈلگەن چاچتەك مەپكورىلارمۇ تىترەككە تولماقتا.
      غايىسىزلىق ئورنىغا بىر قاتار « پوتېنسىئال ئاڭ» ياكى « ئالدىنقى ئاڭ» قوڭغۇراقلىرىدىن تارقالغان سىگناللار تۇرمۇش ئۈستىگە ئاشكارا سىڭدى. ئۇ، يىلتىزى تىرەن، ھەتتا ئىنساننىڭ ئىنسىتىنكىتلىق ( تۇغما) فىزىئولوگىيىسىگە ۋە پىسخىكىلىق تۈزۈلمىسىگە تۇتاشقان، دىنىي ھېسىيات ۋە مىللىي ھېسىيات بىلەن زەرەتلىنىپ تۇرغان تەسىرى تېز سىگناللار بولۇپ چىقتى.
    يوقىرى ماركىلىق ئىستېمال بويۇملىرى قىزغىنلىقى، تۇرمۇشنىڭ ئىسراپ ۋە سۆلەت، ھەشەمخورلۇق ۋە بېزەمچىلىك (ماننېرىزم) كەيپىياتىغا توختاۋسىز سېيرىلىپ كېتىۋېرىشى، ساقتا ۋە يەڭگىلتەك مەدەنىيەت بىلەن بەزلىنىش، سىياسەت ۋە مەمۇرىيەتچىلىكتە بۇ يول بىلەن كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەتتا بۇنداق سېيرىلىشنى ماددىي تۇرمۇشتىكى دۇنياغا يۈزلىنىش ۋە نورمال ماددىي پارۋانلىق يولىدىن كۆرە تولاراق « پوتېنسىئال ئاڭ» بىلەن « ئالدىنقى ئاڭ» نى غىدىقلىغۇچى بۇ يۈزلىنىش، غايە- ئەقىدە بوھرانىدىكى چوڭ بوھران ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. ئۇ، ھەقىقىي سىۋىلىزاتسىيىنى پۈچەكلەشتۈرىدۇ ۋە كىشىلەر قەلبىنى كامالەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
      جىنسىي ئەركىنلىك، نىكاھسىز تۇرمۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە يۇقۇملىنىش غايە- ئەقىدە بوھرانىنىڭ يەنە بىر ئېقىمى. داڭلىق ماركىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى قىزغىنلىقى بىلەن جخنسىي ئەركىنلىك ئېقىمى بىر- بىرىگە مەنپىي- مۇسپەت تەقاززالىقى تۈزۈپ، ئېلان ۋە سەنئەتنىڭ قۇياش ئىلاھى-ئاپوللا ئىبادەتخانىسىنى جىنايەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىنمۇ؟!
      زامانىمىزنىڭ يوقىرىقى ئىككى كومېدىيىسىگە مۇناسىپ يەنە ئىككى تراگېدىيە كۆز ئالدىمىزدا قانلىق تارخ ياراتماقتا.
      دىنىي مەزھەپ كۆرەشلىرى بىلەن مىللىي- ئىرقىي ئۇرۇشلار شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇنى ھەممە قىتئە ۋە مەملىكەتلەردىن تېپىش مۇمكىن. بىر قوشۇندىكى ئىككى دىنىي مەزھەپ، بىر كوچىدىكى ئىككى مىللىي- ئىرقىي تۈركۈم پۈتۈن ۋاسىتىلەر بىلەن شۇنداق ئۇرۇشتىكى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا پوپلار، پاپالار، ئۆلىمانلار، سىياسىيئونلار، سەركەردىلەر، ناتىقلارمۇ پايلىمىدى. مانا ئالدىڭىزدا تۇرغان تېلېۋىزورنى ئېچىڭچۇ، ئۇنىڭ رەڭدار ئېكرانىدا بۇ « تۆت دائىمىي » دىن باشقا تېماتېك مەزمۇنلار تولىمۇ زەئىپ ۋە ۋىجىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈسىز.
      تارخ تەلىماتلارنى زىددىيەتلىك نوقتىدىنلا ئەمەس، بىرلىك نوقتىدىن- «ۋەھدەت» نوقتىسىدىن ئىشدەش لازىملىقىنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنى دىن، ئىرق، مىللەت، رايون، مەدەنىيەت تىپلىرى بويىچە سۈنئىي يوسۇندا پارچىلىۋېتىدىغان ئۆلچەم- قائىدىلەرنى بۇزغان «مۇجەسسەم تەپەككۇر» ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ ئىزدەش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
       تارخ تەلىماتلارنى قانداقتۇ ھەقىقىي ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىرىدىن تاشقىرى، جانلىق ئادەمگە سىرتتىن تېڭىلىدىغان جانسىز نەرسە شەكلىدە ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلىكنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالەمنىڭ سىر قانونىيەتلىرى گارمونىيىسى ئاساسىدا ئىزدەش لازىملىقىنى، ئۇنى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۆسۈپ چىققان ۋە ئادەمنىڭ پىكىر- ھېسياتلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا يىلتىز تارتقان ئادەم ھەققىدىكى تەلىمات سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. ئويلاپ كۆرۈڭچۇ،  ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى تەلىماتتىن تاشقىرى تارخ يەنە نېمىنى تەن ئېلىشى مۇمكىم؟!
       ئىنسان ئۈچۈن بۇنداق « ئۆز»، « ئۆزىدە» تۇرغان ئامىللار بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلار مەۋجۇد. بىز ئۇلارنى ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس غايە ۋە ئۈمىدلىرى، ئۆلچەم ۋە رىجە ھېسىياتلىرى ئىچىدىن تاپالايمىز. ئۇ خۇددى مىڭ يىللاپ قۇدۇققا قامالغان، ساقاللىرى ئاپئاق دانىشمەنگە ئوخشاش ھېلىمۇ ھايات. ئۇنى زىنداندىن ئازاد قىلىشتىن باشقا نىجادىيەت يوق. ئۇ، يىپەك يولى مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىلىرى غەزىنىسىدە. ئۇنىڭ تىنىقىدا يۈزلىگەن مۇتەپەككۇر، مىڭلىغان ئىنسانپەرۋەر ئۆلىما، مىليونلىغان ھەقىقەت قۇربانلىرىنىڭ روھى ھايات!
    ئىنسان تۇپراقتىن ئۈنگەن گىياھ، گىياھتىن قەد كۆتۈرگەن ھايۋان، ھايۋاندا نوتۇق يىپى بىلەن پىكىر كەشتىلىرىنى تۈزگەن كارامەت مۆجىزە، پۈتكۈل كائىنات سىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ئۇلۇغ ئەۋرىشكە. ئىنساندا كائىنات مۇمكىنلىكلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۆرۈنمىلىك سۈرەت ۋە يوشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنىلىرى ساقلانغان.
      ئىنساننىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاددىي كۆز كىپايە، ئۆز خۇجىسىنى ئىتمۇ، مۈشۈكمۇ كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە بۇ ماھىيەتلىرىنىڭ كامالەت دەرىجە- ماقاملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك كېرەك. بۇ، « ئۆزلۈك ئەينىكى» دۇر.
        ئۆزلۈك- ئۆزىنى بىلمەكلىك! ئىنساننىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى سۈپىتىدە تۇرغان ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت، خالاس. ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىدىن باشقا تەسۋىرىي ئالەم ھەقىقەتلىرىگە شۇنچىلىك ئىجىللىق بىلەن ئىچكىرىلەپ كىردىكى، ئۇ، يىپەك غوزىسىغا قامالغان جانىۋار- پىلە قۇرتىغا ئوخشاپ قالدى! روھىي زېمىندا ئىپتىدائىي ئىنساندىن تاكى تەقۋادار كاھىنلار ياكى ھازىرقى زامان مۇتەخەسسىسلىرى ۋەزخانلىق قىلىپ كەلگەن زامانلارغىچە نەچچە تۈمەن يىلدىن بېرى، ئىنسان تۈركۈملىرى خۇددى ئۆلگەن بۇغا بەدىنىدە قىمىلداپ يۈرگەن ئاچ چۆمۈلىلەردەك ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تىنىم تېپىشمىدى. بۇنداق بۇغا جەسىتىدىن نەپ ئېلىش پەن ۋە ماھارەت تارماقلىرىغا ئايرىلىپ، زىمىننى بارغانسېرى مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكىلەشكەن قۇرۇلمىلار قاپلىۋالدى. ھەسرەتلىنەرلىكى شۇكى، ئىنسانىيەت تېخى ئۆزى ھەققىدە، ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى ماھىيىتى، ئورنى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۆز ماھىيەتلىرىنىڭ ئۆز پائالىيەت ھادىسىلىرىدىكى قىممىتى ھەققىدە ھېچقانچە ئىزدەنگىنى يوق. ئۇ ھېلىمۇ بۇغا بەدىنىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلۈك غەزىنىسىگە دادىل قەدەم قويۇپ، «مەن كىم؟» دېگىنى يوق! مەئىشەت ئىجىللىقى خېروئىن خۇمارىدەك ئۇنى دۇمىلىتىپ، ئاللاقاچان ئۆزىنى ئۇنتۇغان مەجنۇن- دەلدۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئېسىل بىنالار، ھەر خىل شەكىلدىكى ئايروپىلانلار، ئالتۇن قەلەملەر، ئوتلۇق قۇراللار تۇتقان قايسى ئادىمىزات ئۆزىنى ئۆ قۇلىدىكى يالتىراق « نام- ئەمەل كارتوچكىسى» دىكى مەن ئەمەسمەن، مەن بۇنىڭدىكى ئىبارىلەر ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر پۈتۈن روھىيەت دۇنياسىمەن، دەپ بۇ كارتوچكىنى مەسخىرە قىلالايدۇ؟!
       ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك شۇكى، ئۇ ئۆز ئەھۋالىنىڭ نىچۈكلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۇ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، نەپسانىيەتتە مايمۇنلۇقتىن ئالۋاستىغا يۈزلەنگەن؛ ئەخلاقلىق، ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئويۇنچۇق بىلىپ، بازار تىلسىملىرىدىكى شەيتان ئويۇنىنىڭ رولچىلىرى قىلىۋالغان؛ ئۇ بۇ يولدىكى ئەسەبىيلىكلىرىنى كىشىلەردىن ھالقىغان قابىللىق دەپ بىلىپ، ئۆز- ئۆزىنى ھالاك قىلىشنىڭ ئۈنۈملىك تەدبىرىنى تېپىشنى ئىجادىيەت دەپ قارىغان. قىسقىسى، ئۇنىڭ كەسپى ۋە ئىش- ئەمەلى زىمىن ۋە مۇھىت، پىكىر ۋە قەلبنى بۇلغاپ، ئۆز- ئۆزىگە گور كولاشتۇر.
    دەرھەقىقەت، « ئۆزلۈك» بىر سۈزۈك ئەينەكتىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئەينىكى- ئىنسانىڭ ئۆز- ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئىنسانلىق ماھىيەتلىرى بويىچە كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى « كۆرۈنمەي كۆرسەتكۈچى» ئەينەك. ئۇنىڭ قىرلىرىدىن مۇقەددەس نۇر جىلۋە قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس نۇرىدا « ئۆزۈڭنى تونۇ!» دېگەن قۇتلۇق سادا جاراڭلايدۇ. ئۇ، ئىنسانلىق ھەققىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇر بۇلىقى!
      ئىنساننىڭ ئىجادىيەت يۇلتۇزى- « ئۆزلۈك ئەينىكى» دە ئۆزۈڭنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزگىلەرنى كۆرۈش ئىشقىغا، ئىنسانى بىر بىرى بىلەن قوشۇش مۇھەببىتىگە، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۆتۈرۈش تەلپۈنىشىگە مۇيەسسەر بولىسەن. ئۆزىنى كۆرۈپ بىلمەسلىك- ئىنسان سۈرىتىدىكى، ئەمما ھايۋانلىق زىندانىغا قالمالغان مەخبۇسنىڭ غەپلەت ئۇيقىسىغا تەمسىلدۇر. بۇ ئۇيقۇ غاپىللىق ئۇيقىسى، مەغرۇرلۇق ۋە تەنتەكلىكنى « سەگەكلىك» دەپ ھوزۇرلىنىدىغان جاھىلنىڭ غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئىبارەت.
       ئىنسان ئۆزلۈك ئەينىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى تېزگىنلەش ئارقىلىق، تارىخنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۆلمەس سادالىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، رەقىپ- كۈشەندە بىلەن بولغان مۈشكۈل ئېلىشىشلارنىڭ روھىيەتنى تاۋلىشى ئارقىلىق، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كەرەملىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىرادە- قۇدرەت زەررىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى بولۇپ يېتىلىشى كېرەك!
      ئۆزلۈك ئەينىكى كامالەتلىك ئىنسان قەلبىدىكى قۇياش ۋە ئەقىل كۆزىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەخسەتلىرىنىڭ پەقەت ۋاستە ئىكەنلىكىنى، ھەتتاكى مەئىشەت، روزىغار، ئىلىم- سەنئەت، ئىش ۋە شېئىرىيەتنىڭ پەقەتكىنە ۋاستە ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي مەخسەت ئۇنتۇلغان ۋە ياتلاشقان بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالىتى، ئىجتىمائىي- مەنىۋى بەختى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ بىلگەن قۇل ئىگىلىرىنىڭ لاي قونچاق، خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن.
    ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇنتۇغان يېتۈك كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قوشۇلىدۇ. بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يوشۇرغان پەردىلەر، چېگرلار، سېپىللار، تېرە ۋە ئىرق پەرقلىرى بىلەن ئەپسۇنكار رىسالىلەر ھېلىقى لاي قونچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان سېھىرلىق مەنزىرىسى بولۇپ چىقىدۇ. سەن تەڭرىلىك ماقامىدا تۇرۇپ ئۆز- ئۆزۈڭگە- ئىنسانغا سەجدە قىلىمەن. بۇ، ئېغىر ياتلىشىشتىن ئۆزلۈككە قايتىش ۋە پارچىلانغان ئالەمدىن ئۇلۇغ ۋەھدەت- بىرلىكنى قايتا تېپىشتۇر. سەن شۇ چاغدا ئىستىغپار ئوقۇيسەن: ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تاشقى ئالامەتلىرىنىلا تەن ئېلىپ، كامالەت تەرەپلىرىگە ئەقلىڭ يەتمىگەن ياكى ئۇنى تەن ئېلىشنى خالىمىغان، ھەتتا ئۇلارغا تۆھمەت ئوقۇپ، چەتتىن پېشىۋا ئىزدەپ يۈرگىنىڭگە پۇشايمان قىلىسەن. ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئۇلۇغلىرىڭنى ئىغۋا كوھىقاپنىڭ تاش بورانلىرىدا يىقىتىپ، ئۇنى ئىيسادەك كرېست تاختىسىغا مىخلاپ، شەمسىددىن تەبرىزىينىڭ رەقىبلىرىدەك ئۇنى ئۆزگىلەر قۇلىدا قۇدۇققا تاشلاپ قەست قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ، يەنە ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك ئۆپكىگە ئۇن سۈيى تولدۇرۇش بىلەن ئەرمەك بولۇپ يۈرىۋەرمەيسەن !
      ئۆزلۈك ئەينىكى- مېھراجى ئەلاكى، ئۇنىڭدا تەڭرىنى كۆرىسەن. ئۇ سەن، سېنىڭ ئاشىقىڭ، مەخپۇبەڭ ۋە مەخسىتىڭ. جالالىدىن رومى مۇنداق يازغانىدى:
      ھېچنىمە يوقكى سېنىڭدىن ئۆزگە ئالەمدە پەقەت،
      ھەرنە ئىستەرسەن ئۆزۈڭدە جەم ئېرۇر بىلسەڭ ئەبەد.
      ئۆزلىك ئەينىكى- كامىل ئىنسان قەلبىدىكى يېشىلگەن ۋەھدەتتۇر.
    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.