ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 80ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻗﻘﻰ - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41141203.html

    ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﺘﻪ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﮬﻪﻗﻨﯩﯔ 10ﻧﻰ ﺗﻪﻧﮕﻪ، 10ﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ، 10ﻧﻰ ﺩﯨﻠﻐﺎ ﯞﻩ 10ﻧﻰ ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﺘﯘﺭ.
    ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10ﮬﻪﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.
    ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﺴﯩﺰ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺭﯗﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﯩﯔ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯘﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯔ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﭘﺎ، ﻻﻱ، ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻪﻥ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ، ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎ، ﮬﻮﻣﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎ، ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﯘﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭ.
    ﺩﯨﻠﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ 10ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ :
    1. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ؛
    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ؛
    3. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؛
    4. ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﻡ ﭼﻪﻛﺴﻪ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪ؛
    5. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺷﯘﻗﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﻻﻝ ﻛﯚﺭﻣﻪ؛
    6. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﻧﺒﯩﮭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻝ؛
    7. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻤﯘ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﺍ ﺋﻪﺗﺴﻪﯕﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻳﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻞ؛
    8. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻞ؛
    9. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻝ؛
    10. ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻦ

    ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10 ﮬﻪﻕ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ:
    1. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﻪﯞﻩﺯﯗﺩﺍ ﺑﻮﻝ؛
    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ؛
    3. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ؛
    4. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎ؛
    5. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﻤﻪ؛
    6. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎ؛
    7. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ، ﻳﺎﻕ ﺩﯦﻤﻪ؛
    8. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺳﻪﻥ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪ؛
    9. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﮬ-ﺋﯘﮬ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪ.....

    ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10ﺋﯩﺶ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ:
    1. ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ؛
    2. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻠﺮﻩﻙ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ؛
    3. ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪﺍ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻱ؛
    4. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
    5. ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭ؛
    6. ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ؛
    7. .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ-ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﻩﺕ؛
    8. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﯓ ﮔﺎﮬ-ﮔﺎﮬ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻞ؛
    9. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻞ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺋﯚﺯ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.....

    ﻣﻪﻟﯘﻣﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻕ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:
    * ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﺸﺘﺎ. ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ-ﺗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ. ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺩﺍﺩ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎ.
    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ، ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺸﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﻤﯩﺴﯘﻥ. ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺷﯘ ﻣﻪﻟﺌﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ
    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺕ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭ!
    ----- ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻝ-ﺟﺎﻣﯩﻲ
    (<ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻰ>ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 40-ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.