ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    گۈزەل -ئەخلاق - [ئەخلاق تېمىلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41141960.html

      
    ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ

    ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺳﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ھﻪﻕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ. ھﺎﻳﺎ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ << ھﺎﻳﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻳﻮق>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

    ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻝ ﺗﯧﻤﻰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯘﺭ. ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺳﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮ ھﻪﺩﯨﺴﺘﻪ:<<ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﺟﻪﯞھﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﺩﯨﻦ ، ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ. ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺟﻪﯞھﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ: ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ھﺎﻳﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ>> ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﭗ ھﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.

    ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﺎ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ، ھﺎﻳﺎ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩھﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘت. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﻟﯘﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ھﺎﻳﺎ - ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ھﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ - ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ، ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﻣﯘ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭽﺒﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ:ھﺎﻳﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ﯞﺍﭘﺎ ﻳﻮﻕ،ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ھﺎﻳﺎ ﻳﻮﻕ.ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ : <<ھﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎھﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ھﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ھﺎﻳﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺭمى - ھﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻼ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧھﺮﻯ - ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﺵ ﻛﯧﺰﻩﻛﺘﯘﺭ،ﺷﻪﺭﻡ ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧھﺮﻯ - ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﺎﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎﺳﯩﺰ ﻣﯧھﺮﻯ - ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ، ﻣﯧھﺮﻯ - ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯧھﺮﻯ - ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﻜﯩﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘﺱ، ھﺎﻳﺎ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻧﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺎﺕ، ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﺎﮔﻮﺭ:<< ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﻩﯓ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺩﯦﺴﻪ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﯓ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ھﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻟﺪﯗﺭ.

    ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻼھ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻧﯧﻤﻪﺕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﯕﻨﯩﯔ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯗﺭ. ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ، ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯧﺴﺴﯩﻲ ھﺎﺩﯨﺴﻪ، ﺋﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻗﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﻰ، ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧھﺮﯨﺪﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯧھﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻚ. ﺷﯘﯕﺎ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ھﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳھﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﯓ ھﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺧﯘﺩﻩﺭﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎھﺎﺑﻪ:<< ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼھ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ھﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﯕﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼھ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ، ھﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺯﻣﯘ ‏- ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ>>ﺩﯦﮕﻪﻥ.ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺷﻪﺭﻡ - ھﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ھﻪﺗﺘﺎ ھﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﻟﻪﺑﺘﯘﺭ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﺯﯗﮔﯜﻡ ﯞﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩﻙ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.


    ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ


    ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺳﯚﺯﻯ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺩﯦﺌﯧﻞ ﻛﺎﺭﻧﯧﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻟﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ: <<ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ھﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺳﯚﺯﻯ ﻛﯜﺗﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ 'ﺳﻪﻣﯘﺋﯧﻞ ﻻﻳﺒﯧﺘﺰ' ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺳﻮﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 87 ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ>>.


    <<ﺷﯜﻛﯜﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ>>

    ﺋﻪﻳﺴﺎ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻼ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎﻏﺎ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
    ﭼﺎﺭﻟﯩﺰ ﺷﻪﯞﺍﺏ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﯘھﺮﺍﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺭﺭﺍﭘﻨﻰ ﺗﯜﺭﻣﻪ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﺭﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻤﯘ؟ ھﻪﺋﻪ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺩﯦﻴﻪﻟﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
    ﺩﯦﺌﯩﻞ ﻛﺎﺭﻧﯩﻚ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ  <<ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭھﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: <<ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﮕﻪ ﺋﯜﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﭼﯚﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮﺍﯞ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ!>>
    ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ھﻪﺳﺮﻩﺗﻠ