ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-17

    <<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41146038.html

    تۇرسۇن ھامۇت ئۈمۈدى


     


    پايانسىز قۇملۇقنى ئەگىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلىقلەر ئارىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى زاماندىكى نۇرغۇن شەھەر-خارابىلىكلەر ، غەلىتە سۆز-چۆچەكلەر ئىزچىل تارقىلىپ كىلىۋاتىدۇ .
    تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولغان لوپنۇر كۆلى بويلىرىغا ماكانلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن شەھەر دۆلىتى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئاتا-بوۋىلىرى قۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ ئەمىليەت ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى . 
    تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز ئاپەتلىرى بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئاران ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇلار ئۈچۈن ئەجدادلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش تولىمۇ ئەخماقلىق ئىدى .

    ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇملۇق ئارىسىدىكى قۇملۇق ئارىسىدىكى ھىچقانداق بەلگە بولمىغان تار يوللار ، دائىم دىگۈدەك بوران ئۇچۇرۇپ كىلىدىغان قۇملار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغاچقا ، ئۇ يەرگە كىرگۈچىلەرنىڭ يولدىن ئادىشىپ قىلىپ جەسىتى چۆلدە قالاتتى .
    دەل شۇ پەيىتتە دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىدىكى يىراق ياۋرۇپادا قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى كىروران قىياس ، تالاش-تارتىش كۈچىيىپ ، ئۇنى ئىزدەپ تىپىش ، ئۇنىڭ سىرىنى ئىچىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپ ، بىرقىسىم تەۋەككۈلچىلەر جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويۇپ ، بۇ ھالەكەت دىڭىزىغا قەدەم قويدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن تەلەيلىكى شىېىتسىيلىك ئىكىسپىدىتسىيچى «سېۋېن ھىدىن » بولۇپ ، ئۇزاق ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە قۇم ئاستىدا ئۇيقىغا كەتكەن شەھەر -كىروران ئۇنىڭغا ۋاستىلىك نىسىپ بولدى . 
      
    قىستۇرما :
    كۆز يەتكۈسىز بىپايان قۇملۇقتىكى كەچكى شەپەق قان چىچىۋەتكەندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز كۆھىقاپتەك قارىيىپ،ئۇپۇقتىقى بارخانلار تىزمىسىنىڭ ئۇيەر-بۇيىرىدىن كالتە قۇيۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى . wiv o:='  
    تۆت كۈندىن بىرى غەربىي جەنۇپنى نىشانلاپ «بارسا كەلمەس» ئۆلۈم دىڭىزى دەپ ئاتالغان ئىچكىرىلەپ كىرىپ كىتىۋاتقان بۇ سىرلىق كارۋاننىڭ پەرەڭ خوجايىنى ناتونۇش تۇپراقتا پەيدا بولىۋاتقان ھاۋا ئۆزگىرىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ تۆگىلەرنى توختۇتۇشقا بۇيرىدى .

    قاتار-قاتار چىتىلغان 7-8 تۆگىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كىتىۋاتقان ئورا كۆز ، قاڭشارلىق ، يۈزىنى قۇيۇق ساقال باسقان ئۇيغۇر يىگىتى مىڭىشتىن توختاپ ، تۆگىلەرگە ئارتىلغان ساندۇق ،تۇلۇملار ئۈستىدە توغراق توغراق كۆتىكىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كۆزەينەكلىك مىس ساقال خوجايىنغا قارىدى
    قارا بوران - دىدى خوجايىن ، ئۇيغۇر يىگىتىگە جەنۇپ تەرەپتىكى ئۆزگىرىۋاتقان ھاۋانى كۆرسىتىپ . يىگىت خوجايىن كۆرسەتكەن تەرەپكە كۆزىنى قىسىپ قارىدى . ئۇنىڭ پىشانىسى بىلەن كۆزى ئەتراپىدىكى يىشىغا ماس كەلمەيدىغان قورۇقلاردىن ، رەھىمسىز تەبىئەتتىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
    ئۇنى سىرىق بوران دەيمىز تۆرەم ! ئۇ خوجايىنغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ، ناھايىتى قاتتىق چىقىدۇ ، بارخانلارنى تۈزلەپ تۈزلەڭلىكلەرگە بارخانلارى بەيدا قىلىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق بىر جاينى تاپمىساق قۇم ئاستىدا قالىمىز .
    كارۋانلار ئورنىدىن ئالدىراش قوزغىلىپ قەدەملەر تىزلەشتى . گۈگۈم چۈشۈپ كارۋانلار يىتىپ كىلىشى بىلەن كارۋانمۇ ئىككى تەرىپى ئىگىز قۇم بارخانلىرى بىلەن قورشالغان كونا دەريا ئىقىنىغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋالدى . بوراندىن ئىلگىرى كىلىدىغانشامال تۆگىلەرنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى قۇمنى خۇددى -ئىقىن سۇدەك بىر يۆلىنىشكە ئىقىتىپ كىتىۋاتاتتى . پەرەڭ خوجايىننى سۈر بىسىشقا باشلىدى . ئۇ ئىلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ، ئىلىم-پەن ، مەدىنىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق ، تىرە تۇماق ، كۈرە جۇۋا ئىچىدىكى يول باشلىغۇچىنى چاقىرىپ ، بۇ جاينىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىسىزلىكىنى سورىدى . خوجايىننىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەن يىگىت ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش ئورنىغا ، ئايىغى ئاستىدىكى بىر ئۈچۈم قۇمنى ئىلىپ تارىشىدەك قتىتپ كەتكەن بارماقلىرى ئارىسىدىن شىرغىتىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ قولىدىن چۈشكەن قۇم يەر بىغىرلاپ ئىقىۋاتقان قۇملارغا قوشۇلۇش بىلەن ، خۇددى سىھىرلەپ قويغاندەك قۇرۇق ئىقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىگىز قۇم بارىانلىرىغا خىلدىرلاپ چىقىپ كەتتى . خوجايىننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى . كىچە ، چۆكتۈرۈلگەن تۆگىنىڭ دالدىسىدا ئەدىيالغا چىڭ ئورۇنىۋالغان خوجايىن ئۆزىنىڭ بۇ سادىن چاكىرى ھەققىدە ئويغا پاتتى .
     
    «شۇنچە ناچار شارائىت ، قىيىن تۇرمۇش ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ كىشلەردە گەرچە ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىن قىلچە ئەسىرمۇ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇلاردا تەبىئەتتىن كەلگەن ئەقىل ، تۇرمۇش يىتىشتۈرگەن پاراسەت ۋە قانۇنىيەتىن ئالغان ئىدىراك شۇنچە مول ، ئۇلارنىڭ روھىنى چۈمۈلىدەك تىنىمسىزلىق ، ئۆزلىرى يىتلەيدىغان تۆگىدەك قانائەتچان ، چىدام-غەيرەت ، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساددىلىق ئىگىلىگەن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەقلى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن سۇغۇرىلىدىغان بولسا ئۇ چاغدا..............................»

    ئەتىسى بوران توختاپ كارۋان مىڭىشقا تەمشەلگەن ۋاقىتتا ، پەرەڭ خوجايىن كىمگىدۇر خاپا بولۇپ ، كايىشقا باشلىدى . ئەسلىدە ئالدىنقى كۈنى خارابە كۆلىغان جايدا ئۇلارنىڭ گۈرجىكى ئۇنتۇپ قىلىنقانىدى .
    چىچىلمىسىلا تۆرەم ! دىدى يول باشلۇغۇچى يىگىت ئىشنىڭ ماھىيتىنى ئۇققاندىن كىيىن خوجايىنىنڭ ئالدىغا كىلىپ ،-بولىدىغان ئىش بولدى . ئەگەر ماقۇل كۆرسىلە ، گۈرجەكنى مەن تىپىپ كىلەي ، «ئاللاھ» يولۇمنى ئوڭ قىلسا ناماز پىشىنگە ھەر يەردە بولسام يىتىپ كىلىمەن .
    پەرەڭ خوجايىن بۇ قارام يىگىتكە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى . يىگىت ئۆزىنىڭ ئىزىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋەتقان خوجايىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ :  
    ئەنسىرىمىسىلە تۆرەم ! بۇ قۇملۇقتا كۆزۈمنى تىڭىپ قويسىمۇ كۆزلىگەن جاينى تىپىپ بارالايمەن ، دىدى قەتئىي ئىشەنىچ بىلەن .
    خوجايىن نائىلاج ماقۇل بولدى . چۈنكى يەر ئاستىدىكى خارابە ،قەبرىلەرنى قازىدىغان بۇ كارۋان ئۈچۈن ، گۈرجەك ھايەتتەكلە قىممەتلىك ئىدى . قۇملۇقتا كەسلەنچۈكتەك مىڭىپ ئۈگۈنۈپ كەتكەن يىگىت كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بارخانلار ئارسىدا غايىپ بولدى . ئىككى ئاش پىشىم يول يۈرگەندىن كىيىن گۈرجەك ئۇنتۇلۇپ قالغان جاينى تاپقان يىگىت ، بەلۋىغىبغا تۈگىۋالغان نان بىلەن قورسۇقىنى ئەستەرلىۋىلىپ مىڭىشقا تەمشىلۋىدى ، تۇيۇقسىز شامال كۆتۈرۈلدى . ئۇ شامالنىڭ توختىشىنى كۈتمەيلا گۈرجەكنى ئىلىپ يولىغا راۋان بولدى .

    ئىزغىرىن شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى ئاللىقاچان كۆمىۋەتكەن ئىدى . ئۇ توپا-چاڭ ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنىۋاتقان قۇياشنى نىشان قىلىپ خىلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان يولدىن ئىزىپ قالغانلىقىنى سەزدى . كۆز ئالدىدىكى ئىگىزرەك دۇمبەلچەككە چىقىپ ئەتراپنى پەرىقلەندۈرۈپ بىقىش ئۈچۈن يۇقىرىغا ياماشتى .
    ئۇ دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالدىدىكى غەلىتە مەنزىرىگە قارىغىنىچە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدى .
    ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سىپىل ، ئۆي تاملىرى خىلىلا مۇكەممەل ساقلانغان كەڭ ، ئازادە كۆچا ئىزناىرى بار ، ئادمسىز بىر شەھەر سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئۇ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۇتكەندىن كىيىن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمسىز شەھەرنىڭ ھىقىقەتەن بوران ئىچىۋەتكەن خارابە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى . دە - دۆڭدىن دۇمىلاپ دىگۈدەك تۆۋەنگە چۈشتى . ئۇ پەرەڭ خوجايىندىن ئىرىشىدىغان بىر نەچچە تەڭگىنىڭ خۇشاللىقىدا خارابىگە كىرمەي ئەتراپتا چىچىلىپ ياتقان ساپال پۇچۇقى بىلەن ھەرخىل بەلگە سىلىنغان ياغاچ، تاشلاردىن بىر قانچىنى تىرىۋىلىپ قۇينىغا سالغاندىن كىيىن ، خۇددى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بۇ خارابىنىڭ يەنە تۇيۇقسىز يوقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئالدىراپ يوولغا چىقتى . ئۇ ھەر بىر بارغان ئۈستىدىن ھالقىغاندا ياكى ئۇنى يانداپ ئۆتكەندە ئامال بار گەلگە قويۇپ ماڭدى . ئۇنىڭ بارلىق ئەس-خىيالى خوجايىندىن ئارتۇق ئالىدىغان بىر نەچچە تەڭگىدە ئىدى . ئۇ ئاشۇ ئىنئامغا ئىرىشسە خوتۇن - باللىرى بىلەن بىز مەزگىل خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى .  
    ئەممە ئۇ ئاشۇ خارىبىنىڭ قۇم ئاستىدا نەچچە ئون ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەر ، قەدىمىي شەھەر كىروران ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى . قىسقىسى بىلىشكە قۇربى يەتمەيىتتى . 
    كىيىنكى كۈنلەردە ھىلقى پەرەڭ خوجايىن سېۋېن ھېدىن ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق قۇرلەرنى قالدۇرغانىدى : «مىنىڭ ئاشۇ ئاقكۆڭۈل يول باشلۇغۇچىم ، شۇنداقلا دوستۇمنىڭ ئىسمى ئۆردەك بولۇپ ، تىپىك لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر ئىدى . 1896-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ قەدىمىي كىروران شەھەر خارابىسىنى بايقىدى . ۋە مىنى ئويلاپ باقمىغان مۇھەببىقيەتلەرگە ئىرىشتۈردى.....»
     
     
    دۇرۇس ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىق ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەمالىق تۈپەيلى قىممەتلىك گۆھەر كىروران ئىگىسىنى تونىيالمىدى . بىراق ئۇنىڭغا ۋاستىلىك ئىرىشكەن سېۋىن ھېدىن بولسا ئۇ يەردىكى تالاي-تالاي بىباھا ئاسار ئەتىقىلەر ، يازما پۈتۈكلەرنى يۆتكەن كىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە ناتونۇش بىر مىللەت ، بىر رايۇننىڭ تارىخىنى تەتقىت قىلىپ ، دۇنياۋى شان-شەرەپكە ئىگە بولدى .
    ھىلىمۇ شۇكرى ، سېۋىن ھدىن كەل قورساق ، كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەسلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، باشقىلاردەك ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن ، ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بولسىمۇ كىروراندىن ئىبارەت بو گۈھەرنى تاپقۇچىنىڭ لوپنۇرلۇق ئۆردەك ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەردى .  
    لىكىن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ! ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش ! ۋە ئۇنى تەتقىت قىلىشتەك ئالاھىدە پۇرسەت ئەنە شۇنداق خاتىمىلەندى!!!!!!!!
     
     
     
     
    مەنبە : سەلكىن مۇنبىرىدىكى نەپرەت517نىڭ يازمىسى  
    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.