ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-19

    ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائى مائارىپ - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41232091.html

    ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائى مائارىپ ئابدۇللا تالىپ مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دىھقانچىلىققا تەڭلا ئەھمىيەت بىرەتتى. چۇنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم - خەشەك تەييارلاش ئۇچۇن ئارپا، بۇغداي، بىدە ئوستۇرۇش زورۇر ئىدى. مۇشۇ زورۇرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دىخقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى. مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئوگىتىۋالغان ھايۋىنى ئىت ئىدى. چۇنكى ئىت ئوۋ ئوۋلاشقا، چىدىر - ئاق ئويلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشتا بىردىنبىر كېرەكلىك ۋە قارانچۇق ھايۋان ھەسابلىناتتى. چارۋىلارنىڭ كوپىيىشى ئارقىسىدا كوچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئويلەرنى كوچۇرۇش، ئوزۇق - تۇلۇكلەرنى يوتكەش ئۇچۇن، ئات، ھارۋا، قوتاز كېرەك بولدى. ئات كوندۇرۇش، ھارۋا ياساش ئۇچۇن ھۇنەر - سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوگىتىش بىلەن ئوگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىقى ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتقاد قىلاتتى. شامان، پېرىخۇن ۋە پالچىلار بۇ دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال خۇداسىنى ئۇيغۇرلار «ئۇماي» دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كېسەلدىن، دىۋە - شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روھىي مەدەتكارى ئىدى. باقشى بولسا شامان دىنىنىڭ يەنە بىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. كېسەل بولغان كىشىلەر باقشى - پېرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئوقۇتاتتى. ئوي ئىچىگە ياكى قورۇ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پىر ئوينىتاتتى، كېسەلنى قىزىتىلغان تۆمۇردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۇلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، بالايى ئاپەتلەردىن ساقلاش ئۇچۇن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى. لېكىن، كېيىنرەك پەندى - نەسىھەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۇرگۇزىدىغان تەبىرچى مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۇندەيتتى. يامان ھەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: قارا چۇش كورسە، ئامىتى كېلىدۇ؛ چۇشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كورسە باي بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۇش كورسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۇش كورسە، كوزى كور بولىدۇ؛ ئېقىن سۇغا سىيىپ چۇش كورسە، جاراھەت باسىدۇ، دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئەخلاقىي پەندى - نەسىھەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى «تەبىرنامە» (ئەرىق پۇتۇك) ناملىق كىتابتا تېخىمۇ روشەن خۇلاسە قىلىنغان. « ئەرق پۇتۇك » تىن بىر - ئىككى مىسال: ئېيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۇستىدە سوقۇشۇپتۇ، ئېيىقنىڭ قارنى يېرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى بۇ يامانلىقتۇر. ئوغلان ئاتا - ئانىسىغا قېيداپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كېتىپتۇ، چولدە غېرىپ بولۇپ قاپتۇ، كەيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ كەلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر. بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر پېداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم - تەربىيە مەقسىتى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. شامانىزم ئېتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە كۇلكىلىك كۆرۇنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۇرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كۆپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئوتۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئېتىقادى ۋە پالچىلىق ئادەتلىرىنىڭ بۇگۇنگىچە داۋام قىلىپ كېلىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس. مەسىلەن: ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كويدۇرۇش، قەبرى بېشىغا چىراغ يېقىش، كېلىننى گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۇن تۇتۇلغاندا يىغا - زار قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېتىقادنىڭ قالدۇقلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن. بۇ ھەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: « زىمارك يۇلتۇزدا ئىستەمى قاغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان ئالتۇن تەخىتتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخىت چاقىغا قىزىل تاسما بېكىتىكلىك بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سورىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. چىدىر - بارگاھ ھەرھىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ ئۇستىگە قوراللىق جەڭچى، بورە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۇرەتلىرى كەشتىلەنگەن. قاغاننىڭ ئالتۇن كارىۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى سۇرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ھەيكەل ئۇستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چىدىر - بارگاھ ئالدىغا بارغاندا، بىر تۇركۇم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ ئەلچىلەرنىڭ يۇك - تاقلىرى ئەتراپىدا توختىماي يۇگۇرۇپ يۇرگەن. ئاندىن ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چىدىر - بارگاھقا باشلاپ كىرگەن ». يورۇقلۇق سىمۋول قىلىنغان شامان ئېتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئومۇميۇزلۇك مانى ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىدىلوگىيىسىدە يىڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولدى. مانى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 274 - 215 - يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، شائىر ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 - يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ، ئوزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: « پۇتۇن ھاياتلىق كۇرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۇرەش. نەپسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا ئوزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ » دىگەن. مانا بۇ - مانى دىنىنىڭ يادروسى. مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتە يىلتىز تارتتى. مىلادىنىڭ 755 - ۋە 762 - يىللىرى، تاڭ پادىشاھى شۇئەن زۇڭ (685 - 762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئوڭلۇك (ئەنلۇشەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنرالى مويۇنچۇر بوكەخان قايتىشىدا لوياڭ شەھىرىدىن ئىرانلىق توت راھىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كەلىدۇ. بۇ توت مانى راھىب ئوزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان باخشىلىرىنى مۇنازىرىدە يېڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا كوتۇرۇلۇپ كېتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى ئومۇميۇزلۇك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دولەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. مانى دىنى مەكتەپلىرىمۇ كوپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ھەر ئون ئويلۇككە بىر راھىب (خەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۇتۇنلەي مانى ئېقىدىلىرى بولىدۇ. مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام - تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چىدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى. ھەتتا پۇتۇن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3). 768 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راھىبلىرى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كوپلەپ كىلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ھۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشھۇر قاغان ئوردىسى، خاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى مائارىپى يىلتىز تارتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدىلوگىيىسىدە تۇتىمىزم ئەقىدىسى يەنىلا كۇچلۇك تەسىرگە ئىگە ئىدى. تۇتىم (توتىم) ھىندىئانچە « ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن » دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۇچلۇك ئېتىقاد سىماسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بورىنى، خەنزۇلار ئەجدىرھانى، رۇسلار ئېيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ھىندىلار كالىنى « مۇقەددەس » دەپ چوقۇنۇپ، ئوزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان. تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئېدىلوگىيە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم - تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە « ئانا » نى ئەڭ مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئوزلىرىنىڭ فامىلىسىنى « ئاسىنا قۇلى » دەپ ئاتايتتى. بۇ « ئانا ئۇرۇقىدىنمەن » دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە (_) دىگەن سوزمۇ « ئانا ئۇرۇقىدىن » دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ھايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۇتى، گوشى، تېرىسى بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۇچى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ، مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە كۆپەيتىلەتتى. بورە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۇچى ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ئادىشىپ ئۆلۇم گىردابىغا بەرىپ قالغاندا، بىر كوك بورىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت ئۇلارنىڭ بورىنى تۇتىم قىلىۋىلىشىغا سەۋەب بولغان. دىمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە - ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان بورە رىۋايىتى، جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان شامان ئېتىقادىنىڭ سىماسى - ئوت ھەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان مانىزم سىماسى - يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن. ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى مەلۇم دەرىجىدە كەڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار « سارت » سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا، دورا - دەرمەك ۋە ھەتتا قاشتېشى سودىسى يۇرگۇزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەھەرلىرىدە سودا ۋاكالەتخانىسى ئاچقان. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، شەرقتە بوخەي دىڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا دىڭىزغىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيىدىكى تاغ - دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېز قوبۇل قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ « قەندىھار سەنئىتى » شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ تۇرلۇك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم - ھۇنەر - ماھارىتى ئەكس ئەتكەن. ئۇرخۇن مائارىپى تۇرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى كوتۇرۇلگەن. تارىخى بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندارنى بىرىنچى بولۇپ تۇزگەن ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەرگە كېڭەيتكەن. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: «« ئۇيغۇرلار كالىندار سىستىمىسى توغرىسىدا كوپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان»» دەپ ئىسپاتلايدۇ. كالېندار توغرىسىدىكى بىر تارىخى ھېكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە. «......خاقانلارنىڭ بىرى ئوزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان بىر جەڭنىڭ ئوتمۇشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالېندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي نۇرغۇن قېتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كېيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى توپلاپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بېرىپ: (بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۇرمەسلىكى ئۇچۇن 12 ئاي ۋە 12 يىلغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەر بىر يىلغا ئايغا ئىسىم بەلگىلەيلى، شۇ ئىسىملار رېتى بويىچە ھېسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۇ يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ - دە، بىر كۇنى ئوۋغا چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ دەريا لېۋىگە ھەيدەپتۇ. ئۇلاردىن 12 ھايۋان دەريادىن ئۇزۇپ ئوتۇپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئوتۇپ كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بېشىغا چاشقان چىقتى) دىگەن تەمسىلدىكىدەك، دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كېيىن كالا، يولۋاس، توشقان، لەھەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز رىتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالېندار ئىسملىكى تۇزۇلۇپتۇ...» . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ - تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق، تەمسىل، رىۋايەت) خېلى مۇھىم رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەكنى سويۇش، قەھرىمانلىق، ياخشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش ماھىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. »بوكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت« ھەم »« ناخشا پىرى - چەڭگى » قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ دېداكتىك (تەلىم - تەربىيە، پەندى - نەسىھەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رىئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە چۇشەندۇرىدۇ .

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.