ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-20

    ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41250105.html


     
                                                                 ئەلى غۇپۇر 
      
                                                                 مۇھىم مەزمۇنى  
      
    نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، قەدىمىلىككە ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ماقالىدە، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى، ئۇنىڭ تەرتىپ-يۇسۇنلىرى ۋە رەسمىيەتلىرى، شۇنىڭدەك بۇ بايرامنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى بىر قەدەر ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.   
     
    ئۇيغۇرلانىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزى ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس ھالدا تەبىئەتنى تونۇش، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە شۇ ئاساستا مەلۇم شەيئى-ھادىسىلەرگە چوقۇنۇش، شۇنداقلا ئۇنى ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ دىن سۈپىتىدە ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق بىر قاتار جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن. 
     
    ئويغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ۋە ئىشلەتكەن يېزىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگارەڭ ۋە جەزبىدار بولۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار قۇبۇل قىلىشچانلىقى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك بىر مىللەت. 
     
    ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خېلى مۇرەككەپ بولغان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. تارىخىي ۋەسىقىلەر ۋە ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار دەسلەپتە تەبىئەت، ئەجداد ۋە توتېم ئېتىقادچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شامان دىنى، مانى دىنى، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى ۋە ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. مەيلى ئەجداد ئېتىقادچىلىقى ياكى شامان، مانى دىنلىرى ۋە ياكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىن يىراقلاشقان باشقا دىنلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەزىبىر ئىزنالىرى يەنە بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. بۇ ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە بايرام، مۇراسىملاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. 
    1.نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى 
     
    «نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ  بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.  
     
    «نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن. 
     
    ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بېلىق يۇلتۇزلىرىنىڭ يوقۇلۇپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي كېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)نى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن①. ;
     
    ئويغۇرلارنىڭ قەبىلىدىن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە شەيئىلەردە روھ بولىدۇ دەپ قارىلىدىغان شامان دىنىدىمۇ، ئەجدادلارغا چوقۇنۇشتىن ۋە ھەممە شەيئىلەردە روھ بولىدۇ دېگەن مەركەزدىن تەڭرىگە چوقۇنۇشنى يادرو قىلغان باسقۇچقا قەدەم قويۇلدى، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىكى بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت مەركىزى بولغان «قارارگاھ»نىڭ بارلىققا كېلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاڭ شەكلى فورماتسىيسى جەھەتتە تەڭرى مەركەزلىكىدىكى تەبىئىي چوقۇنۇش سېستىمىسىنىڭ بولۇشى يەنى رەڭگارەڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئىگە بولالايدىغان تەڭداشسىز بىر تەڭرىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۆر ئىدى. تەڭرىگە چوقۇنۇش گەرچە يەنىلا تەبىئەتنىڭ كۈچىگە چوقۇنۇش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاستا-ئاستا ئىجتىمائىي خاراكتېر تۈسىنى ئېلىۋاتقان، ئۆزىدە بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە سىنىپ تامغىسىنى يېتىشتۈرۈۋاتقانىدى. 
     
    پايانسىز يايلاقتا، بىر تالاي تارقاق قەبىلىلەرنىڭ نىسبەتەن مۇقىم بىر ئىتتىپاقداش بولۇپ، ئۇيۇشىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزاق تارىخىي جەريان كېرەك ئېدى، ھالبۇكى ھەممىگە ئورتاق، تەڭداشسىز بىر تەڭرى-ئىلاھنىڭ ھەرقايسى ئويغۇرلار ئارىسىدا بارلىققا كېلىشى ئۈچۈنمۇ بىر تەرەققىيات جەريانى لازىم ئىدى.
     
    دەسلەپتە ئۇلار كۆك ئاسمانغا ھەمدە كۈن، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇندى. مۇشۇ ئاساستا بۇ خىل دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت، پەسىل ۋە فورما پەيدا بولۇشقا، بۇ خىل مۇراسىملارمۇ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە»دە: «ئۇيغۇرلار گۈلدۈرمامىغا ئامراق بولۇپ قالدى. ئۇلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا بەشىنچى ئايدا تەڭرىگە سەجدە قىلىدىغان ئادەت كېلىپ چىقتى. ئۇلار جەڭگە ئاتلىنىدىغان چاغدا ئاينڭى تولۇشىنى ساقلايدىغان بولدى»، «ۋېنچىڭ دەۋرى (453-454)دە قاڭقىللاردىن بەش قەبىلە بىرلىشىپ تەڭرىگە باش ئۇردى، نەچچە ئونمىڭ ئادەم بىر يەرگە جەم بولدى... ئۇلار ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان، مۇنداق كاتتا مۇراسىم بولمىغان دېيىشتى»دېيىلگەن②.   
     
    ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋۋۋرلەردىن تارتىپ ناخشا-ئۇسسۇلغا ئامراق مىللەت. «ۋېينامە. قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە»دە: «ئۇلار ئاۋازىنى سوزۇپ، لەرزان ناخشا ئېيتىشقا ئامراق» دەپ يېزىلغان. ئۇلار تەڭرىگە سېغىنىپ نەزىر-چىراغ قىلغاندا، «بىر يەرگە يىغىلىپ بەيگە قىلاتتى، قان ئېقىتىپ چۆرگىلەيتتى، ئۈزۈلدۈرمەي ناخشا توۋلايتتى». ئۇلار ئېيتىدىغان ناخشىنىڭ ئاھاڭلىرى، ھونلار مەزگىلىدىلا يايلاققا كەڭ-كۆلەمدە تارقالغانىدى③. 
     
    نورۇز تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئورتاق بايرام بولۇش سۈپىتى بىلەن، نورۇزنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا بايرام تۈسىگە كىرىشتى ھەققىدە بەزى ئەپسانىلەر بار. تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئەركىنلىك بايرىمى سۈپىتىدە قۇتلۇقلىنىدىغان نورۇز، ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك»ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىنغان «ئەرگىنەقۇن»رىۋايىتىدە، تۆت ئەتىراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ۋادىدا 400يىل قامىلىپ ياشىغان تۈركلەر بوز قۇرت (كۆك بۆرە)نىڭ يول باشلىشى بىلەن باھارنىڭ دەسلەپكى كۈنى (نورۇز كۈنى) تار ماكاندىن كەڭ ماكانغا چىقىپ، ماماتلىقتىن ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكى شەرىىپىگە بۇ كۈننى ئالاھىدە تەنتەنە قىلىپ، ھۆرىيەت، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ بايرامنىڭ نامىنى ئەنئەنىۋى تۈركى كالىندارىدىكى نورۇزغ سىمىۋول قىلىپ، «ئەرگىنە قۇن بايرىمى»دەپمۇ ئاتاشقان. تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىققا سىمۋول قىلىنغان بۇ بايرىمى شۇ زامانلاردىن باشلاپ بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. «ئەرگىنە قۇن»تۈركىي تىلىق قوۋملارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسانە بولۇپ، بۇ ھەقتە سۈي، ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىگە ئائىت تارىخىي مەنبەلەردە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ④.  
      
    نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى تۈرلۈك نوقتىدىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن. بىراق مەسىلىگە ئىلمىي ياندىشىپ، نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان ۋە قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇ بايرام ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي ئاساسلانغان كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل(قوزا) بۇرجىغا كىرىشى، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تەڭلىشى، كۈندۇزىنىڭ ئۇزىراشقا باشلىشى، تەبىئەتتە يېڭىچە جاللىنىشنىڭ باشلىنىشى، باھارنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن باغلىق بولغان. بىز نۇرۇز بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئېتىز-ئېرىق، دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىدىن ئۆتكۈزىدىغان باھار بايرام-مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. 
     
    نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەردىن باشقا پارس تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاش بىر مەۋسۇم، ئوخشاش بىر كۈندە قۇتلۇقلايدىغان بايرىمى بۇلۇپ، تاجىكلار بىلەن پارىسلارنىڭ ئورتاق بايرىمىدۇر. شۇڭا بۇ بايرام مەيلى ئېتىمۇلوگىيە ياكى فولكلور نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، بەلگىلىك مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە.   
     
    بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى مەنبەلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا، ئىران ۋە ئافغانىستاندا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئاخمانىيلار دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىر)دە كەڭ تارقالغان.   
      
    مىلادىيەدىن بۇرۇن قوللىنىشقا باشلىغان زوروئاستېر كالېندارى (قەدىمكى ئىران كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بويىچە فەرۋەردىن ئېيى (ھازىرقى مارت ئېيى)نىڭ بىرىنچى كۈنى «كىچىك نورۇز»(ياكى «ئاممىۋى نورۇز») باشلانغان. ئالتىنچى كۈنى بولسا «كاتتا نورۇز» (ياكى مەخسۇس نورۇز) ئۇيۇشتۇرۇلغان. ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا بۇ ئىككى نورۇز بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق كۈنلەر بايرام دەپ ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە نورۇز بايرىمى بىر ئايغىچە سوزۇلغان. بۇ ھەقتە بىرۇنى مۇنداق يازىدۇ: «كېيىنكى پادىشاھلار بۇ يېڭى ئاي، يەنى پەرۋەردىن ماھىنىڭ بارچە كۈنلىرىنى ھېيتقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئالتىگە تەقسىم  ئەتتىلەر: بىرىنچى بەش كۈن پادىشاھلار ئۈچۈن، ئىككىنچىسى ئۇلۇغ كىشىلەر ئۈچۈن، ئۈچىنچىسى پادىشاھلارنىڭ غۇلاملىرى ئۈچۈن، تۆتىنچىسى خىزمەتكارلار ئۈچۈن، بەشىنچىسى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن، ئالتىنچىسى چوپانلار ئۈچۈن. پادىشاھلار ئەنە شۇ تەرتىپ بويىچە ئوبيېكتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بايرامنى تەنتەنە قىلىدۇ».  
     
    كلاسسىكلىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر ناۋائى قاتارلىقلارمۇ ئالەمشۇمۇل ئەمگەكلىرىدە مەزكۇر بايرام ۋە باھار ۋە باھار پەسلىنى يارقىن تىللار بىلەن تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، مەھمۇد قەشقەرى باھارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:   
     
     
     
    بارچىن يېيىم كېرىلدى.   
     
    ئۇجماق يېرى كۆرۈلدى، 
      
    تۇملۇق يانا كەلگۈسىز. 
      
    قار-مۇز قامۇغ ئېرىشىدى، 
     
    تاغلار سۈيى ئېقىشدى؛ 
     
    كۆكسىن بۇلۇت ئۆرۈشدى،  
      
    قېيىق بولۇپ ئەگرىشۇر.  
     
    «قۇتادغۇ بىلىك»تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ «يارۇق ياز-ئەتىياز پەسلى»نى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: 
      
    تۇغاردىن ئېسە كەلدى باھار يەلى، 
     
    ئاجۇن بېزەشكە ئاشتى جەننەت يولى.   
     
       
     
    ياشىق ياندى بولغاي يانا ئورنىغا،  
     
    بالىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا. 
     
       
    يازىق، تاغ، قىر، ئورمان ئۆشەندى يېپىپ،  
     
    تۈزەندى قولى، قاشى كۆك-ئال كېيىپ.
     
    ئەلشىر ناۋائىمۇ نورۇزنى خوشاللىق بايرىمى، كۈن-تۈننىڭ تەڭلىشىدىغان پەيتى دەپ، يارنىڭ ھەر كۈنى نورۇز بولۇشىنى تىلەپ مۇنداق غەزەللەرنى توقۇغان: 
      
    مۇۋافىق كىيدىلەر بولمىش مەگەر نەۋرۇز ئىلە بەيرەم،   
     
    چىمەن سەۋرى ياشىل خىلئەت ېنىڭ سەۋرى رەۋانىم ھەم.   
     
         
    ۋەسىل ئارا، كۆرۈم، تەڭ ئىمىش بوييۇ ساچى،  
     
    تۈن-كۈن تەڭ ئىكەن زاھىر ئولۇر بولدى چۈ نەۋرۇز.   
     
    زۇلفۇ رۇخسار ئىلە كامىمغ مېنى يەتكۈزسەڭ
     
    ھەر تۈنۈڭ قەدىر ئولۇبان، ھەر كۈنۈڭ ئولسۇن نەۋرۇز.  
     
    ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە. ئويغۇرلار نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئىپتىخارلىنىپ، قېرى-ياش ھەممەيلەن بۇ بايرامنى شاد-خوراملىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار نورۇز دېگەن بۇ سۆزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇنى مەشھۇر سەيلەگاھ، كىتاب، جاي، ئادەم ھەتتا مۇزىكا ناملىرى ئورنىدىمۇ قوللانغان.  
      
    14-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر ناۋائى ئۆزىنىڭ «جاھار دىۋان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، مۇقام ئىسىملىكلىرى قاتارىدا «نورۇز مۇقامى»نى تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك «نورۇز مۇقامى»نىڭ «نورۇز بۇزرۇك»، «نورۇز ھۈسەييىن»، «نورۇز كۆچەك»، «نورۇز بۇسبىلىك»، «نورۇز راست»، «نورۇز سۇلتانى» قاتارلىق كۆپلىگەن نەغمە-ۋارىيانتلىرى بولغانلىقى مەلۇم  
    ;15-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئويغۇر شائىرى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى «گۈل ۋە نورۇز»دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قەدىمكى نورۇز بايرىمىغا بېرىپ  تاقىلىدۇ. 
     
    مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نورۇزنى تىلغا ئېلىپ: «نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ»⑥، دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن نورۇز بايرىمىدىن كېيىنكى «ئوغلاق ئېيى»دەپ ئاتالغان تۇنجى باھار ئېيىدا كىشىلەرنىڭ قاتارى ئوغلاق تارتىشىپ ئوينايدىغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.
     
    15-ئەسىردە ياشىغان بەلىخلىق تارىخچى خاۋەند شاھ مىر خاۋەندمۇ ئۆزىنىڭ «رەۋزەتۇسافا»ناملىق ئەسىرىدە نورۇز بايرىمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «چىڭگىزخان شەرق پادىشاھى بولۇپ، يېڭى يىلنىڭ نورۇز چېدىرىنى قۇرغان پەسلىدە، شەرەپ بارىگاھى ئۈستىگە چىقتى. ئۇنىڭ خاقانلىق دەۋرى قېرى-ياش بارلىق ئەل-ئۇلۇسقا ئايلاندى. باھارنىڭ خۇشپۇراق شامىلى ئەۋەتكەن خۇشخەۋەر ئەلچىسى ئۆلۈك ھالەتتىكى يەرنىڭ تىرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئەيش-ئىشرەت ئەھلىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلاتتى. باھار زىننەتىچسى گۈل-چېچەك ئويۇنلىرىنى چىگىل كۆزلىرىگە تىركەپ زىننەتلىدى... نورۇز كۈنى شامىلى كەلتۈردى بىر شامال، بوستاندا گۈل ئېچىلدى مېۋىلەر قاتار-قاتار...»⑦   
      
    پارس تىلىدا يېزىلغان «شەمسۇل لۇغەت» ناملىق كىتابتىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە، «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، قالۇن چېلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ»غانلىقى بايان قىلىنغان. 
     
    مۇھەممەد سادىق قەشقەرىمۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان»ناملىق كىتابدا: «بۈگۈن نورۇز بايرىمى، ئۆيۈمدە زىياپەت ھازىرلىدىم ئۆزلىرى قەدەم تەشرىپ قىلالا»⑧ دەپ نورۇز ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. 
      
    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان غۇلجىلىق ئەدىب سەنۇبەر شاھ ئىبنى ئەھمەد 1922-، 1935-يىللىرى يازغان «نورۇزنامە»ناملىق ئەسىرىدىمۇ، نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئۆزلىرىگە رەسىم-قائىدە قىلغانلىقى، نورۇزنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئىجتىمائىي تەسىرى، شۇنىڭدەك شائىرلار، مەدرىسلەردىكى مۇدەررىسلەر، تالىپلارنىڭ بۇنىڭغا ئاتاپ شېئىر-قوشاقلارنى توقۇپ ھەرخىل سورۇنلاردا دېكلىماتسىيە قىلىدىغانلىقى ھەمدە نورۇزنامە ھەققىدىلا 175 كۇپلېت قوشاق بار⑨.  
      
    قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئالىى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى ( ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىدا «نورۇز بۇلاق»دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار. ئۇزۇن تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بۇ بۇلاق ھەققىدە شائىرلىرىمىز نۇرغۇن شېئىر، قوشاقلارنى يېزىشقان. بۇ بۇلاقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نورۇز سەيلىللىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىىلىدىغان سەيلىگاھلاردىن بولغانلىقى ئېنىق. «ھەزرىتى موللام تەزكىرىسى» ( مەھۇد قەشقەرى تەزكىرسى)نىڭ  ئاياق قىسمىدا، ئۇستازلار ۋە قارىلارنىڭ ئۆز تالىپلىرىنى باشلاپ نورۇز بۇلاققا بېرىپ، بۇ يەردە تۈنەپ سەيلە قىلىدىغانلىقى ۋە تالىپلارغا شۇ بۇلاقتىكى سەيلىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان⑩.
      
    شېڭ سىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى يىل بېشى قىلىپ بېكىتكەن، ھەمدە نورۇز بايرىمىنىڭ ئورنىغا ئۆزى تەخىتكە چىققان 12-ئاپرېل كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتىپ، شۇ كۈنىنى قۇتلۇقلاشنى بۇيرىغان. نورۇز بايرىمى گەرچە ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيرى رەسمىي يوسۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنىدى.  
     
    پارتىيىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا قايتا يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگارەڭلىكىگە ئاساس بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنىۋى شادلىق بايرىمى قايتا ھاياتىي كۈچ ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. 1982-يىلى، بۇ بايرامغا تەشنا بولۇپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان كىشى نورۇز بۇلاق بېشىغا بېرىپ تۇرغۇنلۇقتىن كېيىنكى تۇنجى نورۇز سەيلىسىنى يەنە بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نورۇز بۇلاق سەيلىگاھىدىن باشلىدى. 
     
    ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بايرام تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈش پۇرسىتىگە ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. 
     
    2.نورۇزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەرتىپ-يوسۇنلىرى   
     
    ئۇيغۇرلار نورۇزنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە نورۇز مەزگىلىدە، ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قارىغاچقا، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەردە يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئۇمۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلارنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش، مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ۋە كۆچۈرگۈزۈش، ئىبادەت ئورۇنلىرىغا قىممەتلىك كىتاب ياكى يەر-مال ۋەخپە قىلىش ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى(11). 
     
    مىسال قىلساق، 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، توخرى تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «مايترى سىمىت» نومى تەڭرى بۆگۈ ئىل بىلگە ئارىسلان ئىدىقۇت دەۋرىدە يۇقىرى مەنسەب تۇتقان چۇتاش تىگەن تۇتۇڭ دېگەن كىشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن. بۇ نومنىڭ «يۈكۈنچ بۆلۈم»ىنىڭ ئاخىرقى ۋارىقىغا مۇنداق دەپ يېزىلغان:  
     
    «يانا، ئالقىشقا ئەرزىيدىغان ئايغا، ئارزۇلىغان كۈنگە، تاللانغان ئەزگۈ چاغقا، قۇتلۇق-خەيرىلىك ۋاقىتقا، قۇتلۇق قوي يىلى ژون ئۈچۈنچى ئاينىڭ 22-كۈنىگە توغرىلاپ، مەن-ئۈچ ئەردەنگە ئېتىقادچان كۆڭۈللۈك ئۇپاسى چۇتاش يىگەن تۇتۇڭ كىشىم (ئايالىم) بىلەن بىللە، كېيىن كېلىدىغان مايترى بۇرخانغا ئۇچۇرشايلى دەپ بىر دانە مايترى ھەيكىلىنى بېزەتتۇق (ياساتتۇق)، بىر پارچە مايترى سىمىت نومىنى كۆچۈرگۈزدۇق». 
     
    ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئادىتىنى داۋاملاشتۈرىۋەرگەن. 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 14-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەدىب نەسىردىن رابغۇزىمۇ ئۆزىنىڭ نادىر ئەسىرى «قىسسەسۇل رابغوزى» («قىسسەسۇل ئەنبىيا»)نى ئاشۇ قۇتلۇق كۈندە پۈتتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان:   
     
    «ئۇش تۈگەتتىم بۇ كىتابنى، ئەي يارانلار، ئەر يۈزى.  
     
    بىر يىل ئىچرە كەچتى ئانىڭ ياي، قىشى، يازۇ كۈزى.  
      
    يەتتە يۈز ئون ئەردى يىلغا كىم بېتىلدى بۇ كىتاب، 
     
    تۇغمىش ئەردى ئول ئوغۇردا، ھوت-سائادەت يۇلتۇزى». (ھىجىرىيە 710-يىلى ھوت يۇلتۇزى تۇغۇلغان كۈنى مىلادىيە 1311-يىلىنىڭ مارت ئاخىرىغا، يەنى نورۇز پەيتىگە توغرا كېلىدۇ.)  
      
    ئادەتتە نورۇز ئەييامىدا تۇغۇلغان بالىلارغا قۇتلۇق كۈنىنىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ، گۈل-گىياھ ناملىرى قويىلاتتى. مەسىلەن، ئوغۇل بالىلارغا «نورۇز»، «نۇر»، «قۇتلۇق»، قىز بالىلارغا «نۇر ئەلانۇر» ياكى گۈل-چېچەك ئاتلىرى ۋە «چىمەن»، «بوستان»، «باھار» دېگەندەك ئىسىملار قويىلاتتى.  
      
    بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە، كىشىلەر ساۋاب تېپىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە، بىر-بىرىگە ياخشىلىق تىلەيتتى. ئۆزئارا قوغلاشقاندا، سەير-تاماشىلاردا، مەشرەپ سورۇنلىرىدا، نورۇز مەزگىلىدە، ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چېۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياتتى. مەدرىس-مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.  
     
    قەدىمكى نورۇز پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان مەنىۋى خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات يەنىلا بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ تۆۋەندىكى نورۇز قوشاقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە تولۇق ئىپادلىنىدۇ: 
     
    نورۇز كەلدى جاھانغا، باھار بولۇر كۈندۇر بۈگۈن،   
     
    دەرەخلەرگە سۇ يۈگۈرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۇر بۈگۈن.  
     
    دېھقانلار قوشى ھەيدەپ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۇر بۈگۈن،   
      
    ئىش بېشى سائەت كۈنى، ئامبار تولار كۈندۇر بۈگۈن.  
     
    كەلدى نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،
     
    گۈللەر قىسىپ قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بۇ كۈنى.  
      
    مېلىس قىلىپ ئويناشۇر، قاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى.  
     
    شاتىۋادا تون كېيىنىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق
     
    كوكۇلچىلىكتە ئولتۇرۇپ، نەغمە-ناۋا باشلىدۇق. 
     
    ئوغلاق ئالىپ مەشرەپ قىلۇر كۈندۇر بۈگۈن،  
     
    قايغۇ-ھەسرەتلەر كېتىپ يايرا شۇ كۈندۇر بۈگۈن.  
     
    كەلدى نورۇز يىل بېشى ئەلدە تاماشا ئارىلاش، 
     
    كوچىدا قىلدى گاداي، شاھلار تاماشا ئارىلاش، 
      
    ئوينىدى پوڭزەك ئوغۇل، لەگلەكنى قىزلار ئارىلاش، 
      
    بارچە خوشلۇق يېتىپ كەلدى تاماشالار كۆپ بۈگۈن.   
     
    بۇ قوشاقتا، باھاردىن ئىبارەت يىل، پەسىل، كۈندە يېڭىلىنىش باشلىنىپ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرگە ھايات بەخش بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېىشى بىلەن، تەبىئەتتىكى ئويغىنىش، كىشىلەردە پەيدا بولغان زور مەنىۋى خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات ئىپادىلەنگەىن
     
    نورۇز كەلدى يىل باشى، يوقتۇر ئانىنىڭ تەڭدىشى،  
     
    نورۇز كۈنىدىن ئىپتىدا قىلسا ئىشى، 
     
    ھېچ زايا كەتمەس، ئۇشبۇ كۈن قىلغان ئىشى،
     
    مۇرادى ھاسىل بولۇپ مەقسىتىگە يېتەر كىشى،  
      
    ھەممە ئىشىنىڭ ئەۋزىلى، غايەت مۇبارەكتۇر بۈگۈن.
      
    كەلدى نورۇز يىت سېلىڭ سويغان قوينىڭ يېغىدا،  
     
    مېھمانلارنى چاقىرىڭ، ئولتۇرغۇزۇڭ ئايۋاندا،
     
    نازۇ-نېمەت تولدۇرۇڭ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا،  
     
    ئاشلىرىڭ ئوبدان بولۇر، ئىش ئىپتىدا كۈندۇر بۈگۈن.   
     
    كەلدى نورۇز يىل باشى، كۆپ سائادەتتۇر بۈگۈن،  
      
    نورۇز قىلماق كۆپكە ئادەتتۇر بۈگۈن،  
      
    تەجرىبە قىلساڭ ئەگەر، كۆپ ئالامەتتۇر بۈگۈن،   
     
    ئۆيدىن-ئۆيگە ھېيتىلىشىپ مېھمان بولۇر كۈندۇر بۈگۈنئ 
     
    بۇ قوشاقتا، نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈن، ياخشى سائەتتە باشلانغان ئىش راۋاج تاپىدۇ»، «يىل قانداق باشلانسا، شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن ئەقىدىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈننى نەقەدەر ئۇلۇغلاپ خۇشال-خۇرام قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مېھماندوستلۇق ئادىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن(12).  
     
    3.نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى  
     
    نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «توققۇز مەرىكە-مۇراسىم» دېيىلىدۇ.   
     
    1)    نورۇز ناغرىسى
     
    نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، بارلىق-كەنت، قىر-يېزىلاردا، نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكى تەنتەنە قىلىنىپ، ناغرا سۇناي چېلىنىدۇ. ئەل-يۇرت نورۇزغا جابدۇنۇپ، ھەممە جاي تەنتەنىلىك بايرام كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.
      
    2). نورۇز تازىلىقى   
      
    نورۇزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېلىرىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۆي، تام-تورۇس، ھويلا-ئاراملىرىنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ، كىگىز-بىساتلىرىنى قېقىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كىشىلەر يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىز كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان-چوكان، ئوغۇل-قىزلار مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا-يوللار پاكىزە تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىنىدۇ.   
      
    3)   سوغۇق قوغلاش
     
    ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ياغلىق قاپاق كۆيدۈرگىنىچە مەھەللىمۇ-مەھەللە يۈرۈپ، سوغۇق قوغلايدۇ، سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ، نورۇزغا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىپ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتقاندا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىلىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ.   
     
    4)   يوقلاش  
     
    نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ، يەنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر قەبرە، ئىگە-چاقىسىز قېرى-چۈرى، يىتىم-يېسىر، مېيىپلارنى يوقلايدۇ.  
      
    5)   نورۇز ئېشى   
     
    نورزۇر كۈنى يەنە ئەنئەنە بويىچە نورۇز ئېشى ۋە نورۇز سۈيى تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئېشى بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە خىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ ئېتىلىدۇ. نورۇز سۈيى بولسا چىلان، شاپتۇل قېقى، گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ. 
     
    6)   نورۇز سەيلىسى  
      
    نورۇز سەيلىسى ھەر قايسى جايلاردا شاد-خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. كۆپىنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىرەر مەھەللە ئاسا قىلىنغان ھالدا شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ-دەريالار بويىدكى ھاۋالىق جايلاردا سورۇن تۈزۈلىدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.   
      
    نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ-ئۆي ھېيتلىشىدۇ، ھەم نورۇز سۈيى ئىچىشىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت خەلقى خۇددى كۆچكەن قۇشلار توپىغا ئوخشاش يارىيا، كۆتەك ھارۋا، مەپە ياكى ئات-تۆگە، كالا، قوتاز، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار بىلەن قازان-قومۇچ، كىگىز-بىساتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، چېدىر-سايىۋەن، كەپە-ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر، يايمىچى، قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ، دۇكان، يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالىغا ئاۋاتچىلىق بەخىش ئېتىدۇ. نورۇز خادىملىرى بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ نورۇز ئېشى ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئاھالىلەرمۇ ئۆز كەپە-ساتمىلىرىدا قازان-قۇمۇچلىرىنى ئېسىپ، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىر خىل تاماق ئېتىش بىلەن بەند بولىدۇ. 
     
    نورۇز ئېشى تەييار بولۇشىغا، بىر جاكار بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ.سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ «ئىشىك» ئارقىلىق، چىنە، چۆچەك، ھېجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئائىلىلەر بويىچە نورۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا-تائاملار ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر قاچىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ. بۇ غىزا-تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ ئالدىغا قانداق تاماق توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تاماق تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىقى شەرت. تاماق يېيىلىپ بولغاندىكىن كېيىن، ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ، يامغۇرغا مولچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ-ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت پاراڭلارنى قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ نورۇز چېيى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ.  
     
    كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.  
     
    ئەلنەغمىچىلەر ھەرخىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي-غەزەللىرى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى دالىلارنى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. مۇقام مەرغۇللىرى، سەنەم كۈيلىرى ئورۇنلانغاندا، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە «چۆرۈمە» دەپ ئاتىلىدۇ. 
     
    داستانچىلار ئۆزىگە قىزىقارلىق قىياپەت، ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ بىلەن «مىڭ بىر كېچە»، «كەمەك ھەييار»، «چاھار دەرۋىش» قاتارلىق داستان، ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاگىرتلىرى ئارىلاپ دوست تارتىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەربىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشى بويىچە داستانچىلارغا پۇل ئىنئام قىلىدۇ. 
     
    چېلىشچىلار سورۇنىدا يۇرت-يۇرتلاردىن كەلگەن چېلىشچى ئەزىمەتلەر بىر-بىرىگە قارشى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇتۇپ چىققانلارغا «كۈچتۈڭگۈر» دېگەن ئاتاق بېرىلىدۇ.  
     
    دارۋازلار تەخمىنەن 40~50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20~30 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان ئارغامچا ئۈستىدە، پەستە چېلىنىۋاتقان ناغرا، سۇناينىڭ رېتىملىق ئاۋازىغا كەلتۈرۈپ، گاھ يالاڭئاياغ، گاھ پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ، گاھ قولىغا تەڭكەش ئېلىپ ئالدى-ئارقىسىغا مېڭىش، ئولتۇرۇپ قوپۇش، موللاق ئېتىش، تاختا پەرىگە چىقىش، چىغرىق ئۇچۇشتەك كىشىنى چۆچىتىدىغان خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلىدۇ.  
     
    ئوۋچى، پالۋان-مەرگەنلەر:  
     
    «نورۇز كەلدى جاھانغا، ئوۋ قىلغىلى چىقارمىز،
     
    قايغۇ باسقان كۆڭۈلنى تاغدا يۈرۈپ ئاچارمىز، 
     
    جىرغىلاردا ئاڭ ئاتىپ بۇغا-كېيىك ئاشارمىز، 
     
    تېرىسىنى تاسما قىلىپ، مۆڭگۈزىنى ساتارمىز، 
     
    قول-پۇتىنىڭ پاچىقى قامچىغا دەستە بۈگۈن».  
     
    دېگەن ئوۋچىلارنىڭ نورۇز قوشىقىنى ئېيتقىنىچە، قونداقلىق مىلتىقلىرىنى ئېسىپ، تايغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ، جىلغا، ئورمانلارغا قاراپ ئات سالىدۇ. ئوغلاقچى، بەيگىچىلەر بولسا ئايرىم كەڭتاشا مەيداندا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك بالىلار ھەتتا ياشىنىپ قالغانلارمۇ ھەرخىل ئويۇنلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇلار بىر چەتتە «سارغايدى-پىشتى» ساداسى ئىچىدە چاقپەلەك ئۇچۇرۇشسا، بىر يەردە لەگلەك ئۇچۇرىدۇ. بەزىلىرى ھەخىل قاچ-قاچ توپ ئويۇنلىرىنى ئوينىسا، بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىغا ئىلەڭگۈچ سېلىپ ئېگىز، ئۇزاق ئۇچۇش بىلەن بەسلىشىدۇ.
     
    ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى جايلاردا، مەسىلەن، قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدا بۇ قۇتلۇق بايرام كۈنى ئىلىم-مەرىپەت تەرغىباتى ۋە كىشىلەرنىڭ پەم-پاراسىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.  
     
    14-ئەسىرگىچە ئوپالدىكى نورۇز بۇلاق-كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى (ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكتىن، بۇ بۇلاق «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتالغان. بۇ نورۇز سەيلىسىدە شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن «سۇ چېچىش ئويۇنى»، ئەقىللىق بولۇشقا دەۋەت قىلىندىغان «بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى»، «تۇمارلىق ئېلىش ئويۇنى» قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئوينالغان. 
     
    شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت-يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇلارنىڭ شاگىرت-تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن(ھازىر بۇ، ئۇمۇمىي خەلق پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، بۇ ساھەدە ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ ھەر قاندىقى قاتنىشىدىغان بولدى). مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلار ماددىي مۇكاپاتلارغا مۇ يەسسەر بولغان. 
     
    سۇ چېچىش ئويۇنى: بۇ ئويۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتتە سەيلىگە كەلگەن بارلىق چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ بىر-بىرىگە سۇ چېچىش شەكلىدە ئوينىلىپ كەلگەن. + : 
     
    بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى: گىرۋەكلىرىگە چۆرۈلدۈرۈپ خاسىيەتلىك سۆزلەر ئۇيۇلغان مەخسۇس بىر نەچچە نان ھازىرلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. ياشلار، تالىپلار بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ناننى سۈزىۋېلىپ تالىشىپ يەيدىكەن. ھازىرقى شىرمان ناننىڭ گۈلى شۇنىڭدىن قالغانلىقى مەلۇم.  
      
    تۇمارلىق ئېلىش: مۇسابىقىدە باھالانغان شېئىر-نەزمىلەر يېزىلغان قەغەزلەر ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلىنىپ، ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. سەيلىگە كەلگەن ياشلار ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ئۇلارنى سۈزىۋېلىپ دوپپىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ قويىدىكەن، كېيىن رەخىتتىن ئۈچ بۇرجەك قاپچۇق تىكىپ، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇمار ئېسىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «تۇمار» كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇجا، ئىشانلار تەرىپىدىن خۇراپىلەشتۈرىۋېتىلگەن. 
     
    بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئىجرادىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ پائالىيەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن خەلقىمىزدىكى ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئادىتى مەشرەپ ئويۇنلىرى، شېئىر-نەزمە، تېپىشماق ئېيتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. شۇڭا كونىلار: «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغان.  
     
    دېمەك، نورۇز بايرىمى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس ۋە تەسىرگە ئىگە بولغاچقا، يەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىسلام شارائىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي دىندىن خالىي بولغان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام سۈپىىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. نۇرۇزنىڭ خاسىيىتى شۇكى، ئۇ، بىرلىك، ئىناقلىق بايرىمىدۇر. شۇڭا، ئۆچ-ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-خۇتۇنلار نوزۇر مەزگىلىدە «ئۆتكەنگە سالۋات» قىلىپ، قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرىلاتتى. بۇ، كۆپىنچە يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ، سەيلىلىرىدە، ياكى بولمىسا «زارىخەتمە» ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.  
     
    4-نورۇزنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش جەريانىدىكى ئىجابىي رولى  
     
    نورۇز-ئاپتۇم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈكىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا تاجىك قاتارلىق شەرقىي ئىران تىللىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا دىندىن خالىي، بايرام جەريانىدا ھېچقانداق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزلمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا دىنىي بايراملاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر رېئال ئەھمىيىتى شۇكى، نورۇز-شادلىق بايرىمى، ئۆملۈك-ئىناقلىق، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئامانلىق ۋە ئەمگەك بايرىمى بولغاچقا، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلدى. 
     
    نورۇز بايرىمىنى رەسمىي بايرام سۈپىتىدە قۇتلۇقلاشقا ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى رايونلار ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بۇ بايرامنى يالغۇز ئويغۇر قاتارلىق بىر نەچچە مىللەتلەرلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەت كىشىلىرى تەڭ قۇتلۇقلايدىغان چوڭ بايراملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرشقا تىرىشتى. قەشقەر ۋىلايىتىنى مىسال ئالىدىغان بولساق، 2004-يىلى ۋىلايەتلىك پارتىكوم «ھەر مىللەت خەلقىنى تەشكىللەپ نورۇزنى ئورتاق تەبرىكلەشنى يولغا قويۇش پىكرى»(2004-يىل 1-نۇمۇرلۇق ھۆججەت)نى تارقاتتى ھەمدە مەخسۇس نورۇز بايرىمىغا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بايرام قىلىشنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بايرام تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۆت كۆز بىلەن كۈتىدىغان قۇتلۇق كۈنلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.   
      
    پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ بايرام ئۆزنىڭ قۇبۇل قىلىشچانلىقى، خالىلىقى ۋە رەڭگارەڭلىكى بىلەن خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك  تەربىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.   
      

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.