ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-20

    ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا....نىڭ داۋامى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41250461.html


    5.نۇرۇز بايرىمىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى 
     
    نۇرۇز بايرىمى گەرچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە قۇربان ھېيىت ۋە رۇزى ھېيىتقا ئوخشاش رەسمى قارار چىقىرىپ مەخسۇس دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كەڭ ئاممىنىڭ مەركۈر بايرامنى قۇتلۇقلاش پائالىيتى  قانۇن بۇيىچە قوغدالدى ۋە قانۇننى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،80-يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە بىر قىسىم ناھىيلەر نۆۋەت بىلەن چوڭ تىپتىكى نۇرۇز پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۇپ بايرامنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى  داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي روللارنى ئوينىدى .  
     
    ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ھەريىلى نۇرۇز بايرىمىنى ھارپىسىدا، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاتار، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەركەزى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھاللىرى مەخسۇس بىر كۈننى تاللاپ چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۇپ بايرامنى قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئىچىدە بولسا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ھەريىلى دېگۈدەك نۇرۇز بايرىمىنى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقياسىدىكى كەڭ بايرام ئەھلىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارمۇ تەشكىللىك ھالدا ھەرخىل يوسۇندىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر بايرامنىڭ رەڭگارەڭلىكى، قاتلام ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلماقتا.  
     
    ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، نورۇز بايرىمىنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى ئاممىۋى ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ ھازىرقى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ھەممە مىللەت كىشىلىرى بىرلىكتە قۇتلۇقلايدىغان بايرامغا ئايلاندى. شۇنداق بولغاچقا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۇكۈمەتلەر بايرام مەزگىلىدە ئومۇمىي يۇزلۇك دەم ئېلىش توغۇرسىدا ھۆججەت چۈشۇردى. بۇ خىل قانۇنىي ۋە سىياسەت جەھەتتىكى كاپالەت ئاممىنىڭ بايرام قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى كەڭ ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. 
     
    بايرام مەزگىلىدە، ھەر قايسى مەكتەپ، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە يېزا بازارلاردىن كەلگەن ئامما ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پۇتبول، ئارقان تارتىشىش، قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئويۇن تۈرلىرى ئارقىلىق، بۇ بايرامنىڭ ھەقىقىي تۈردىكى ئىناقلىق، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق بايرىمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا. >
     
    شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، مەزكۇر بايرامنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەمما يوقىلىش كىرتابىغا بېرىپ قالغان «سارغايدى-پىشتى» قاتارلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز قايتا ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ، كەڭ  خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
     
    6.ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر  
     
    گەرچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر بايرامنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە نورمال ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن، مەزكۇر بايرام تېخى رەسمىي يوسۇندا قانۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا، مەزكۇر بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھۈكۈمەت مالىيىسىدىن مۇقىم مەبلەخ ئاجىرتىش قىيىن بولماقتا. ئىككىنچى، ئۈسكۈنە ۋە مەيدان قىيىنچىلىقى، بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي ۋە زامانىۋى ھەركەت تۈرلىرى مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنىڭ بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىق بىر قەدەر ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈنمۇ مەخسۇس مەيدان بولمىغاچقا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. 
     
    لېكىن، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، خەلىق ھۆكۈمەتلىرى، ئەل سۆيەر كارخانىچى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن يېقىندىن قوللىشى نەتىجىسىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، نورۇز بايرىمىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى كۈن يەنى شادلىق، ئىناقلىق، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە مول-ھۇسۇل بايرىمى قىلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 
     
    ئىزاھلار 
     
    ① «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» 12-توم، 239-بەت  
     
    ② «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى، قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە».   
     
    ③ «ياڭ شىنمېي: «ئۇيغۇر  تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ئۇيغۇرچە نەشرى، 292-بەت.  
     
    ④ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» 12-توم، 241-بەت؛ ئوبۇلغازى باھادۇرخان: «شەجەرەئى تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ئۇيغۇرچە نەشرى، 28~29-بەتلەر.   
      
    ⑤ «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 22-بەت.  
      
    ⑥ مەھمۇد قەشقەرى: «تۈكىي تىللار دىۋانى» 1-توم،   
     
    ⑦ «رەۋزەتۇسافا»، تەرجىمە ئارگېنال، 10-بەت.   
      
    ⑧ مۇھەممەد سادىق قەشقەرى: «تەكىرەئى ئەزىزان»، خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخا، 83-بەت.  
     
    ⑨ سەنەۋبەر شاھ بىننى ئەھمەد ئاخۇن: «نورۇزنامە»، «بۇلاق» ژورنىلى 2007-يىللىق 1-سان. 
     
    ⑩ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1983-يىللىق 1-سان.  
      
    (11) ئىمىن تۇرسۇن: «نورۇزنامە»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈلەر نەشىرياتى 2001-يىل نەشرى
     
    (12) ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا: «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1994-يىل نەشرى. 
     
    {ئەسكەرتىش: بۇ تەتقىقات تېمىسى 2006-يىللىق جۇڭگو پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن}  
      
    ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تارىخ تەتقىقات ئورنى
    جاۋاپكا مۇھەررىرى: مۇھەممەدجان مۆمىن 
     
    مەنبە  : شىنجاڭ ئىجتىماىي پەنلەر تەتقىقاتى  ژورنىلى 

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.