ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-24

    سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت - [زۇلپىقار بارات ئۆز باش ماقالىل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41426430.html

    زۇلپىقار بارات)|

    زىيالىنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى.
    -
    پىئېر بوردىئو(فىرانسىيە)
    -
    ئەمەلىي تىرىشچانلىققا ئايلانمىغان تۇنۇش ئەھمىيەتسىزدۇر.
    -
    جون دۇۋېي(ئامېرىكا)
    ئېلاۋە: ئەسلى مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان ئون قېرىندىشىمغا،ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئون سەگەك زىيالىغا يېڭى يىللىق ئۈمىد ئورنىدا يازغانىدىم. ھازىر ئويلىشىپ، مەن تونۇش-تونۇماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان دوستلارلا بولسا تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ۋە مەتبۇئاتقا بېرىىش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنبەردە ئېلان قىلدىم. بۇ بىر تەسىرات يازمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى قويمىدىم، نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى تەبىي، ئۇدۇل
    ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. ماقالىدە ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىشىلەرگە مەن ئۆچ ئەمەس، ئەمما، ھازىر مەن كۈندىن-كەنگە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان ئادەملەرنى ھەم ئۆزۈمنى پاكىتى بىلەن تەنقىد قىلىپ تۇرۇشنىڭ(قۇرۇق سۆكۈش، چۆكۈرۈش ئەمەس) زۆرۈرلىكىنى كۈنسىرى ھېس قىلىۋاتىمەن.مەن بۇ خەتنىڭ روھىنى چۈشىنىپ ئوقۇغان چېچەن پكىر ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىدىن «مەن ئۆزۈم قۇربىتىم يېتىدىغان دائىرىدە خەلقىم ئۈچۈن يەنە نېمە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟ مەن ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئۇسۇلۇم ھەققىدە ئويلىنىشىم كېرەكمۇ –يوق؟»دەپ سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇندىلا مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەشەببۇس خېتىمدىن ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى.
    ئەسلى مەن بۇ خەتتىكى گەپلەرنى يېرىم يىل بۇرۇن يازدا يازماقچى ئىدىم. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنداق بولماي قالدى. بۇ خەتتە زىل، نازۇك تېمىلارغا تاقىشىدىغان ھىچقانداق گەپ يوق، پەقەتلا خىرسلىق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئويغۇر ئىجتىمائىي پەن زىيالىلىرىنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە يەنە قانداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغانلىقى ۋە چوقۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەمىمىي دەۋەت، پىكىريولىنى ۋە ئىزدىنىش يولىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇنازىرىگە ،تەنقىدگە، ئىلمىي ئەمگەككە، تەخىرسىز ئىجتىمائىي مەسىللەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈش ھەققىدە چاقىرىق بار. مېنىڭچە، بۇ خەتتە ئوتتىرغا قويۇلۇۋاتقان مەسىللەرنى ھېس قىلىۋاتقىنى يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان
    ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي پەن زىيالىسى ھىچبولمىغاندا بۇ مەسىللەرنىڭ ئويغۇرنىڭ سەگەك، پىكرى ئويغاق زىيالىلار قاتلىمىدا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىىن.
    1.
    بىزنىڭ ئىلاجسىز ئەھۋالدا قالغىنىمىز، چۈشكۈنلىشىۋاتقىنىمىز راست. ئەمما، بىزنىڭ ئىزچىل سەل قاراۋاتقان، تىرىشساق چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس؛ 2. بۇ خەتنى چۈشىنىپ ئوقۇغان ھەر بىر زىيالىدا تەنقىدىي روھ، سەگەك مېڭە ۋە رېئاللىقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىللەر ھەققىدە كۆيۈۋاتقان يۈرەك، ئۆز چامىغا يارىشا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىق بار، ئەمما ھەمكارلىق روھى كەمچىل، ھەتتا ھەمكارلىققا ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغان جۈرئەتمۇ يوق؛
    3.
    بىزدە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش خائىشى ئېغىر؛ باشقىلار دەۋاتغان 10 ئېغىز گەپنىڭ توققۇزىدا ھەقىقەت، بىرىدە پۇچەكلىك ياكى يەڭگىلتەكلىك ئەكىس ئەتكەن بولسا، بىز ئۇنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز خاتا گېپى ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرىدىكى توغرا تەرەپلەرنى كۆرمەيمىز ياكى مۇشۇ >> بايقىشىمىز<< نى دەستەك قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇ زىيالىدىن قالتىس ئىكەنلىكىمىزگە ئىچىمىزدە
    خۇش بولىمىز. نەزىرىمىزدە ئويغۇرنىڭ كارغا كېلىدىغان زىيالىسىدىن ئۆزىمىزدىن باشقا ھىچكىم يوق؛
    4.
    بىزدە ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىدىغان، بېسىۋالىدىغان، ئالماشتۇرمايدىغان ئاجىزلىق مەۋجۇد؛ بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر ئويغۇر زىيالىسى تالانتلىق. ئەمما، بىز ئويغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى، تەتقىقاتىنىڭ مەقسىتىنى، ماقالە يېزىش قائىدىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغىنىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، نىمە ئۈچۈن
    ئويغۇرلار ھەااىدە قەلەم تەۋرىتكەن چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئويغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە دىققەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىجىللىق ئىچىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك.
    5.
    جوڭگوغا كەينىچىلەپ كىرگەن نەزىرىيە ۋە ئويغۇرلاردا تىللاش، مەنسىتمەسلىك ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان نەزىرىيە ھەر بىر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنىڭ جېنى ئىدى. لېكىن بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزىرىيىسىنى بولسىمۇ تولۇق ئۆگەنمىدۇق. مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالى ئۆزى قىزىققان، تەتقىق قىلىۋاتقان پەننىڭ نەزىرىيىسى ۋە دۇنيادا ئۇ ھەقتە نىمە يېڭى تەتقىقاتلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنۇشىنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك.
    6.
    مىللەتكە ئارتىلغان نۇرغۇنلىغان نۇقسان ۋە ئىللەتلەر ئاۋۋال ئۆزىمىزدە بار. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىز ھەققىدە تەلتۆكۈس ئويلىنىشىمىز كېرەك.
    7.
    ئابىستىراكىت تەپەككۇرنىڭ، زىيادە كەڭرى قىزىقىشنىڭ زىينىنى جىق تارتتۇق.
    8.
    ئويغۇرلاردا پىكىر يېڭىلاش دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى ھەم بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ زىممىمىزدە.
    9.
    ئابدۇرۇپ پولات، مەترېھىم سايىت، لېتىپ توختى بىر فاكولتىتتا تۇرۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرالمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا، ئەسئەت سۇلايمان ئاكا، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىم ئاكا بىر- بىرىگە ئۆچ ئەمەس ھەم ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان يېرى ئاز ئەمەس. ئۇلارنى بىر
    يەرگە ئەكىلەلمەيۋاتقان نەرسە نىمە؟ >> بىزنىڭ تارىختىن قۇبۇل قىلغان نەرسىمىز بىرلا ئۇ بولسىمۇ ھىچقانداق ساۋاق قۇبۇل قىلماسلىق. << بىز بۇ ھېكمەتنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرىشىمىز كېرەكمۇ-يوق؟
    10.
    نىمە ئۈچۈن ئويغۇرنىڭ تالانتلىق زىيالىلىرى ئۆزى ئارلىشىۋاتقان پۇچەك ئادەملەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ-يۇ، پۇچەك ئادەملەر بۇ سۆيۈملۈك ئادەملىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ.
    11.
    بىز جەمئىيەتلەشكەن ئۈچ مەرەز ئەۋج ئالغان مۇھىتتا )جەمئىيەتلەشكەن رەڭۋازلىق، جەمئىيەتلەشكەن پۇچەكلىك، جەمئىيەتلەشكەن ئىجتىمائىي بىنورماللىق ( ياشاۋاتىمىز. بىز بۇ مۇھىتتا قانچىلىك چىرىدۇق؟ ۋە داۋاملىق چىرىماسلىق ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
    بىز ۋەھىمە ئوبىكتىنى مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. ھەقىقى ئەندىشىنىڭ مەنبەسى، ھەقىقى دۈشمەننىڭ مەنبەسى ئۆزىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ.
    10
    نۇقتىنىڭ ھەر بىرىدە نىمە دىمەكچى؟
    1.
    بىز ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە مۇختەر مەخسۇت، ئابدىراخمان ئەبەي، پولات ھېزىۋۇللالارنىڭ ،رىياسەتچى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ،بىر قەدەر ساپالىق نەشرىيات سودىگىرى ئەركىن ئىبراھىمنىڭ رولى بەك مۇھىم ئىدى. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقىرىقى بەش كىشى بىلەن دىئالوگلىشىىشى، ئۇلارغا گەپ قىلىشى كېرەك. بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش. مېنىڭچە، يۇقىرىقى بەش كىشىنى جەمئىيەت ئاز-تولا چىرىتقان بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۇلار پەقەت گەپ يېمەيدىغان ھاماقەتلەردىن ئەمەس. بىز تېلۋۇزۇردا >> خۇداغا ئامانەت << دىگەن گەپنى دىگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن مۇختەر مەخسۇتقا(ئۇ
    نازىر ھەم بەك سەۋىيىلىك ئادەم ئىدىغۇ،نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟)«دۇنياۋى يۈز مەشھۇر ئەسەر << نىڭ پاخال ئەسەرلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئاران 30% دائىرىدە كىتاب چىقىرىش ئىمكانىيىتى قالغان ئىجادىي ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئورنىنى ئەخلەت كىتاب ئىگىلەپ كەتمەسلىكى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئەبەيگە، >> تەڭرىتاغ<< ژۇرنىلىدا >>خۇدا ، مۇسۇلمان<< دىگەن گەپلەرنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن پولات ھېۋزۇللاغا(2007-يلى 12-ئايدا تەڭرىتاغ ژۇرنىلىغا ماقالە ئاپاردىم، ئىمىر ھەسەن ژۇرنالنىڭ بۇ تەلىپىنى دەپ بەرگەندە يىغلىغۇدەك بولۇپ چىققانىدىم)، >> بەدەن ئىملىرى<< قاتارلىق ئويغۇرلارغا كېرىكى يوق كىتابلارغا مەبلەغ سېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەقىللىق ئەركىن ئىبراھىمغا گەپ قىلىشىمىز، خەت يېزىشىمىز كېرەك (مەن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنى زىيادە ھۆرمەتلىگىنىم، ئۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئىسمىنى بىۋاستە تىلغا ئالدىم)، بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىدى. لىكىن بىز نىمە ئۈچۈن قىلمىدۇق؟
    نىمە ئۈچۈن كونكىرىت ھەركەتكە ئۆتمەيمىز؟ بۇ خەتنى ئوقۇغان ئەقىللىق زىيالىلار ئارىسىدا يۇقىرىقى كىشىلەرگە نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ گەپ يېگۈزەلەيدىغانلار، قاملاشمىغان ئەسەرلەر بىلەن ئويغۇر ئەدەبىياتىنى بۇلغاۋاتقان >> يازغۇچىلار << نى جايىدا، ئىلمىي تەنقىدلىيەلەيدىغانلار، ئويغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىدا جىددى قەلەم ئېلىشقا، ئىزدىنىشقا تىگىشلىك، شۇنداقلا زىل، نازۇك تېما ھېسابلانمىغان ئەخلاق كىرزىسى، قىممەت قارىشى، پىكىر كىرزىسى ھەققىدە ئاجايىپ ياخشى نەرسىلەرنى يازالايدىغانلار بار. بىز نىمىشقا قىلغىلى بولىدىغان
    ئىشلاردىمۇ سۈكۈت قىلىمىز؟ ئۆزىمىز تەنقىد قىلىۋاتقان ئىللەت ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتامدۇ قانداق؟ بىز مۇمكىن بولغاندا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشىمىز، مۇمكىن بولمىغاندا خەت يېزىپ رولى چوڭ كىشىلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن دىمەكچى ،بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ يولى ئىتىلسە، بىز يەنە بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز ۋە توساقلاردىن شۇڭغۇپ كىرەلىشىمىز كېرەك.
    .2
    ئىجتىمائىي پەن زىيالىلىرى ھەمكارلىشالمايۋاتىمىز. بۇ بىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىللەرنىڭ بىرى. مۇنەۋۋەر پىداگوك ئابدۇۋەلى مۇقىيت >> مەدەنىيەت بوستانى<< پىروگىراممىسىنىڭ زىيالىلارنىڭ بۇرچىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سانىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، >> مەن ئۇنىڭ بىر يېرىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇ مېنىڭ بىر يېرىمنى ياقتۇرمايدۇ، ئىشقىلىپ بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرمايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلەلمەيمىز.<< تىگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىزدىكى ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتنىڭ مۈجىمەل ئىكەنلىكى، ئىلمى ئەخلاقنىڭ يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھېلىمۇ پۇچەك ئادەملەرنىڭ جىقلىقىدىن ئىچىمىزنى تۆكىدىغان ئادەم تاپالماي قىينىلىمىز. ئەمدى بىر يەرگە كېلىپ بىلىدىغانلىرىمىز ھەققىدە دىئالوگلىشىشقا، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىمىز ھەققىدە باشقىلاردىن پىكىر
    ئېلىشقا، ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمىزمۇ؟ بۇ ئۇنچىلىك دەرىجىدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەستىغۇ؟ ئىجتىمائى پەندە مۇتلەق توغرا پىكىر بولمايدۇ، پەقەتلا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ قىلىنغان پىكىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ پىكىرلەر ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن، يۈزەكىلىكتىن
    خالى بولالمايدۇ. بۇ خىل نۇقساننى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ. زىيالىلارنىڭ، مىجەزى كېلىشىدىغان ئىلىمگەرلەرنىڭ سۇرۇنلىرى گەپ سېتىش، يەپ-ئىچىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالسا، بۇ شۇ زىيالىنىڭ پۇچەكلىكى، قورسىقىنىڭ، روھىنىڭ تېخى تويۇنمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. >> بىز ئىلىم چېيى>> << ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش چېيى<< >>كىتاب ئۇقۇش تەسىراتى چېيى<< قاتارلىق يېڭىچە سۇرۇن تۈرلىرىنى پەيدا قىلىپ بىر خىل ئىلمىي كەيپىيات پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
    3.
    ئۆزىڭىزدىن ئوبدان سوراڭ>>:ئويغۇر جەمئىيىتىدە سىزدىن باشقا ياخشىراق پىكىر قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟<< مېنىڭچە، بۇ خەتنى ئۇقۇغان ھەر بىر ئويغۇر زىيالى ئۆز كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز پەقەت ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدىنىۋاتقانلار، شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ، ئۆزىمىز دەۋاتقان گەپنىڭ ئەھمىيىتىنى زىيادە يۇقىرى باھالايمىز، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر خىل سوغۇق نەزەر بىلەن كۆزىتىمىز. راستىنلا باشقا زىيالىلاردا بىز ئۆگەنگۈدەك تەرەپلەر يوقمۇ؟ ئەگەر >>ھەئە<< دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىگە مەپتۇن بۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى. ھەر بىرىمىزدە ،يۇقارقى سۇئالغا >>ھەئە<< دەپ جاۋاب بېرىۋاتقان سىزدىمۇ كەمچىلىك بولىدۇ. پەقەتلا باشقىلارنىڭ پىكرىدىكى، ئىلىي پوزىتسىيىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ،ئىشقىلىپ ئۆگەنگۈدەك بىر يېرىنى ئاۋۋال كۆرەلىگەنلەر ۋە قۇبۇل قىلالىغانلار قىممەتلىك زىيالىلاردۇر. بىر زىيالىنى ئاخىرقى ھېسابتا كېرەكسىز قىلىۋېتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل ئۆزىگە مەپتۇن بۇلۇپ كېتىش كېسىلىدۇر.
    4.
    تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى ،شۇ قاتاردا كىتابلارمۇ قىممەتلەپ كەتتى. بىز نىمە ئۈچۈن كىتابلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىمىز؟ بولسا بىز ئۆزىمىزدە بار كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى تىزىپ ئۆزىمىز يېقىن ئۆتكەن زىيالىلارغا تاپشۇرۇپ ئىلمىي ئۇچۇر يەتكۈزۈشىمىز، ھەمكارلىشىپ كىتاب
    سېتىۋېلىش ،كىتابلاردىن تەڭ پايدىلىنىشنى سىناق قىلىپ بېقىشىمىز ۋە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىمىز كېرەك. قاملاشمىغان يېرى، نۇرغۇن ئويغۇر زىيالىلىرى بىر-بىرىدىن كىتاب ئەمەس، ئۇچۇرلارنىمۇ قىزغىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلگىرلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
    بۇ زىيالىلاردىكى پاجىئە بولماي نىمە؟
    بىزنىڭ چەكلىك ئۆمرىمىز قالدى. بەلكىم بېسىپ ياتقان بەزى كىتابلىرىمىزنى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىش پۇرسىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىز ئۇ كىتابلارنى گۆرىمىزگە ئەكىتەلمەيمىز. ئويغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا كىتابلىرىمىزنى ئارىيەت بېرەيلى، كىتاب ئارىيەت ئالغانلار لەۋزىمىزدە تۇرۇپ كىتابنى ۋاقتىدا قايتۇرايلى، باشقىلارنىڭ كىتابىنى بېقىۋالىدىغان قىلىقنى قىلمايلى.
    .5
    ئويغۇر ئىجتىمائي پەن تەتقىقاتى بەك ئاجىز، خەلقئارا ئۆلچەمدىن يىراق. بىز ئىلمىي تەتقىقاتنى خاتا چۈشەنگەن. مەسلەن، بىز كىتابخانىدىن >>مەدىنىيەت تەزكىرىسى<< دەپ ئېسىل كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ۋە ئۇ كىتابلاردىكى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساق، ئۆزىمىزچە شۇ پىكىرلەرنى مۇشۇ تېمىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق قاراش دەپ بىلىمىز، ئۇنىڭ خەلقئارادا شۇ تېمىدا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتاب ئىكەنلىكى ۋە مەلۇم بىر خىل پىكىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايمىز. بىز ئىلمىي تەتقىقاتتىكى سىتاتا قائىدىسى، ئىزاھات قائىدىسى، نەزىرىيە ئەسلەش قائىدىسىدىن خەۋەرسىز. ماقالىلىرىمىز ھېسسىي قاراش تىپىدىكى ماقالىلەر بۇلۇپ پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل كەمچىل. شۇ تېمىدا پەقەت ھازىرغىچە ئۆزىمىزلا قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك ھېسىياتتا ئەسەر يازىمىز. بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى قاراشلىرىنى، خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەيمىز. ئەمدى بىز- مۇشۇ دەۋر زىيالىلىرى مۇشۇنداق كۈلكىلىك پوزىتسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.
    .6
    بىز ئويغۇر زىيالىلىرى نەزىرىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىن خىجىل بۇلىشىمىز كېرەك. ئاددى ئاۋام ئارىسىدا نەزىرىيىنى تىللاش، مەنسىتمەسلىك، مازاق قىلىش، چۈشەنمەسلىك ئۇمۇمى ئېقىمغا ئايلاندى. بۇ خىل ناچار يۈزلىنىشنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى زىيالىلاردا. باشقىلارغۇ مەيلى،
    بۇ خەتنى ئۇقۇۋاتقان سەگەك ئويغۇر زىيالىلىرى نەزىرىيە ئۈگىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى، يېرىم يىل ئەتىراپىدا ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى جىددى ئۆگىنىشى كېرەك. ئېنگلىسنىڭ>> ھەر قانداق بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ھەر دەقىقە نەزىرىيىۋى
    تەپەككۇردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك<< دىگەن سالمىقى ئېغىر گېپىنى بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالى ئاڭلىغان، ئوقۇغان ياكى ماقالىلىرىدە سىتاتا ئالغان، ئەمدى گەپنى ئەمىلىيىتىمىزدە كۆرسىتىدىغان دەۋر كەلدى. ھەر قانداق بىر ماقالىدە شۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇقۇملارغا دائىر نەزىرىيىلەر جايىدا تەدبىقلىنىشى كېرەك. راست، ئەمما قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپتىن بىرنى قىلغاندا، بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزىرىيىسىنى بىلمەيمىز.
    7
    بىز ئويغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان نۇقسان، ئىللەتلەرنى ھېس قىلالايمىز ۋە پىكىر قىستىغاندا ئۆزىمىز بىلگەن نۇقتىلاردا قەلەم تەۋرىتىمىز. ئەمما، بىزدە ئۆزىمىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ئۆزىمىزدە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان باتۇرلۇق بۇلۇشى كېرەك. ئويغۇرلاردا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلمىساق، ھەددىدىن زىيادە ئىجتىمائي ئالاقە ۋە زىياپەتنىڭ زىينىنى ھېس قىلىپ ۋە ئۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىمىز
    ئىجتىمائي ئالاقىنىڭ سەلىبى تەسىرى تۈپەيلى تەنقىدى تەپەككۇردىن ئايرىلىپ قالساق ، ۋاقىتلىق خۇشاللىقلار ئۈچۈن سۇرۇنلاردىن نېرى كىلەلمىسەك، بۇ بىر قارا يۇمۇر. زىيالىلىق نامى ئابىستىراكىت
    تەپەككۇردا، تەنقىدى پىكىردە ئىپادىلىنىپ قالماستىن كونكىرىت ھەركەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئۇمۇمەن، بۈگۈنكى دەۋر ھىچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر تۈركۈم ئىجتىمائي پەن زىيالىلىرى دەل ئويغۇرنىڭ رىئاللىقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر تەقەززا قىلىۋاتىدۇ.فرانسىيىلىك
    مۇتەپپەككۇر ژان مىچېل ئۆزىنىڭ >> تەنقىدچى زىيالىلارنى تەنقىد << ناملىق ماقالىسىدە ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان نۇقتىلارغا ئەمەل قىلمايدىغان زىيالىلارنى >> ساختا ئالىجانابلار << دەپ ئاتاپ مۇنداق يازىدۇ>> بۇنداق زىيالىلار تەنقىد ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىدۇ، تەنقىدنى شۆھرەت ۋە ياشاش دەستىكىكىگە ئايلاندۇرۋالغان. ئۇلار تەنقىدسىز ياشىيالمايدۇ، ئەمما ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان تېمىنىڭ ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تۇيمايدۇ.<< ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا
    >>
    قەھرىمانلارنى دەۋر يارىتىدۇ

    分享到:

    评论

  • [dAva:0][dAva:0]بىلوگىڭىزدا ئەھمىيەتلىك تېمىلار جىقكەن، بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
    مېنىمۇ قېتىۋېلىڭ. ھۆرمەت بىلەن پاساھەت
    回复پاساھەت说:
    kalgan qadimingiz qutluq bolsun. rehmet ,menmu ulinish qilip qoyay ozara hemkarliship oteyli ...
    2011-05-25 10:29:05
  • [dAva:0]بىلوگىڭىزدا ئەھمىيەتلىك تېمىلار جىقكەن، بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
    مېنىمۇ قېتىۋېلىڭ. ھۆرمەت بىلەن پاساھەت
  • [dAva:10]ئۇسلۇبىڭىز چىرايلىق ئىكەن!!بلوگىڭىزغا مەرھابا
    回复كۈندۈز说:
    yaqturghiningizgha kop rehmet ......kelgen qedimingiz qutluq bolsun ...
    2011-05-25 10:42:43
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.