ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-06-30

    ئىللەتتىن پەزىلەت ئىزدەش - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41679212.html

     
    مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بىزنىڭ بۆگۈنكى كۈنگىچە كىلىشىمىز، بىزنىڭ  ھەقىقى ئەسلىمىزگە يۇشۇرنغان يىڭىلگۈسىز ئۇيۇشۇش كۆچىدىن كەلگەن بۇلۇپ، مۇشۇ كۈچنىڭ تۈرىتىكىسىدە بىز تارىختا ئۆزىمىزگە خاس بولغان نۇرغۇن ئۆلمەس نەتىجىلەرنى يارىتىپ ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىمىزنىڭ پارلاق بىر خىل ئەنئەنىگە ئىگە مەدىنيەتلىك ، ئىسىل خىسلەتلىك خەلىق تۇپى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ كەلدۇق.
    مانا شۇنداق شەرەپنىڭ ئارقىسىدىكى ئەكىس ئەتكەن كۆلەڭگىگە بۆگۈنكى كۈندە نەزەر سالىدىغان بولساق بىزدە ئادەمنىڭ ئويلىغۇسى كەلمەيدىغان، يىڭىدىن شەكىللەنگەن نۇرغۇن ئىللەتلەر بىخ سۈرۈپ بىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قۇيىۋاتىدۇ.
    بىز ھازىرقى يىڭى دەۋىرىدە شۇنداق چايقىلىۋاتىمىزكى بىزنىڭ ھەقىقى نىشانىمىز گاھىدا شەرىقنى كۆرسەتسە ، گاھىدا غەرىبنى كۆرسىتىپ بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەش تۇغىنى تەۋرىتىپ قويدى.
    نەتىجىدە بىزدىكى بۈيۈك ئارمانلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە چۇشلۇق دەرمانىنى تاپالماي خام خىيال لاگىرسىغا قىستىلىپ قالدى.
    ئەمىليەت سىنىقىدىكى يۈكسەكلىك دىگەن ئۇقۇم بىزگە چىرايىنى شۇنچىلىك تۈرۈپ بىزنى چۈشەپ قۇيدىكى بىزگە مەنىۋىيتىمىزنىڭ ھەقىقى ئۆزلۈكنى ئاشكارلىمىدى. خۇددى بىز قۇرۇق قول يانغان بىچارىدەك ئۆز نىسىۋىمىز ئورنىغا بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنى قولتۇقلاپ قايىتتۇق.
    ئەمدى بۇنىڭلىق بىلەن بىز ھەممىنى ئۇنتۇپ چۈشكۈنلىشىپ كەتسەك ھازىرقىدىنمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا قالىمىز.  شۇنداق بولغاچقا مەن بۆگۈن مۇشۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى كەڭ دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن.
    مەن مۇنبەرگە يوللانغان يىقىندىن بۇيانقى شۇنداق ياخشى ماقالىلارنى ئۇقۇپ چىقتىم .
    يەنى، بىزدىكى يىڭى ئىللەتلەر ، ئۇقۇتقۇچى بولغانغا تويدۇم،  ماسكا تاقىغان ئىتلار، قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى ماقالىلارنى كۆردۈم .
    ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە  نۇرغۇن ياخشى يىزىلغان ماقالىلار بار بۇلۇپ بۇ يەردە ھەممىنى مىسال ئېلىپ بۇلالمىدىم . مۇشۇنداق ياخشى يىزىلغان ماقالىلاردا دوسلار ناھايتى ئەتراپلىق ياخشى ئىزدەنگەن .
    دېمىسىمۇ بۇنداق ئەمىلى مەسىلىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا ناھايتى تىز بارلىققا كلىپ ئادەمنڭ ئىچىنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ ۋە سەسكۈندۈرۋاتىدۇ. بۇنداق ئەمىلى مەسىلىلەر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن بىز شۇ ۋاقىتا ھىس قىلغان بولساقمۇ لىكىن بۇنداق مەسىللەرنى تۈزىتىدىغان ھەقىقى سىناققا دۇچ كەلگەندە بىز بۇنىڭ بۇسۇغىسىدىن يىنىپ كەتتۇق . ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەلمىدۇق .
    بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن تۇتۇرۇقسىز ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ كىلىدىغان ئىش بۇلۇپ چىقتى.
    بۇنداق مەسىلىلەرنى تۆزىتىشكە كەلگەندە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ،كىچىككنە مەنپەئەت ۋە باش ئاخىرى چىقمايدىغان چىگىش ياشاش ھەلەكچىلىكى بىلەن بەزى ئېغىر مەسىلىلەرنى شۇ پېتى ساقلاپ قىلىش يۇلىدا ماڭدى.
    بۇلۇپمۇ ئادەمنى ئەڭ ئىچىندۇردىغىنى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم يۆزى چوڭ ،سۇپۇر يۈزلۈك كىشىلەر ،بۇ مەسىلىلەرگە قىزىل چىراق يىقىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ بىغۇبار خەلىقىنى كىچىككنە مەنپەئەتكە ، ئابرويغا، ھۇقۇققا سىتىپ بەردى . قىسىقىسى ئۆز روھىنى سۇلاپ بەردى .
    مىنىڭچە بۇ ھازىرقى دەۋىرىمىزدىكى خەلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر پاجىئەسى بولسا كىرەك.
    ماركىسىزىم نەزىريىسىدە زىددىيەت بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن باغلىنىش بۇلىدۇ . لىكىن بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ رىئاللىقى زىددىيەت بىلەن زىددىيەت تۇقۇنىشىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ بۇنىڭدىن چىقىدىغان يەنە شۇ ئاز تۇلا مەنپەئەت قارىشى ، زىددىيەت كېيندىكى تەرەققىياتنى يۇقىتىۋەتكەن بولغاچقا ،ئەڭ يىڭى كۆلكىلىك تىراگىددىيە داپ قانۇنى شەكىللەندى.
    بۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتكەن داپ قانۇنىنى مەن  قانداقتۇر مۇزىكىغا تەقلىد قىلىنغان داپ مىلودىيسنى كۆزدە تۇتقان بولماستىن، مىلودىيگە ماسلاشقان رىتىم ئۇسلۇبىنى كۆزدە تۇتتۇم .
    ئەمدى ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى چۇقۇم ئاۋۋال ئۆزى توغىرىسىدا ئويلىنىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ قانۇنيىتىنى ئويلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ. لىكىن بىزنىڭ 80 پىرسەنىت زىيالىيلىرىمىز بۇنداق ئويلىنىشنى بىر خىل ئاۋارىچلىك دەپ قاراپ ھىسىسى ئوينىڭ ناركۇزىغا بىھۇش بۇلۇپ ئۆزىنى تاشلاپ قۇيۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ئاددى  دىھقان ، چارۋىچى تۇرسا بىزنىڭ شۇنداق ھىكمەتنى تەتقىق قىلىۋاتقان بالىلىرىمىز پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرمىسا بۇ قانداق بىر خىل ئادىل ياشاش قانۇنيىتى بۇلىدۇ.
    بىز يا بىكارغىلا قاسساپنىڭ سودىسىغا يىتتىك ئايلىنىپ كىتىدىغان ئولجا بولمىساق .
    ئەسلى تىمىغا قايىتساق بىزنىڭ ئىللىتىمىزنى تۇنۇش ئېڭىمىز بىر قەدەر ياخشى بۇلۇپ كەلدى .
    ئەمدى بىز ئىللەتنى تۇنىغاندىن كىيىنلا ھەممە ئىشنى تۆگەتسەك تېخى بىزنىڭ ھەممە بۇرىچىمىز ئادا بۇلغان بولمايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۈۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
    1-ياش تۆككەن ئەخلاق ۋە بۇنىڭ ئاسارىتىىن قۇتۇلۇش توغىرسىدا.
    مەن بۇ يەردە بىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن يىمىرلىپ كەتكەن مۇھىم نەرسىمىزنىڭ يەنىلا بىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىمىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچى.
    ئەخلاق ئادەم زىننىتى ، گۈزەل ئەخلاق ئادەمنىڭ ئەڭ چىرايلىق يارىشىقى . بۇ قەدىمدىن بۇيان ئەمىليەتنىڭ ھەقىقى سىنىقىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت . شۇ ۋەجىدىن بىزنىڭمۇ بۇ ئەمىليەتتە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەنئەنىلىرىىز ۋە ھەقىقى نەتىجىلىرىمىز بار .
    بىراق بۆگۈنكى كۈندە نىمە بولدىكىن ئارىمىزدىكى قىسمەن كىشىلەر بىزنىڭ ئەخلاق پىرىنسىپمىزغا يات قىلمىشلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ . بۇنداق بولمىغۇرلۇق مەيدانغا كەلگەندىن ئارىمىزدىكى ئىرادىسى ئاجىز كىشىلىرىمىز ئاسانلا بۇنىڭغا تەسلىم بۇلۇپ بۇنداق قىلمىشنىڭ ۋابادەك تىز تارقىلىشىغا كۆچ چىقىرىۋاتىدۇ.
    يەنە ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى نىمىنىڭ گۈزەللىك ۋە نىمىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمىغان نۇرغۇن يىڭى دەۋىرىدىكى ياشلىرىمىز ،ئاتالمىش مودىكەشلىك دولقۇنىدا لەيلەپ كەتتى . ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل نەرسلىرىدىن تاندى.
    يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق بولمىغورلىققا ھە دىسىلا چەتنىڭ ياكى باشقا ئىزىمنىڭ ئىلغارلىقى دىگەندەك قاملاشمىغان قالپاقنى كېيگۈزۈپ ئۇنى پەردازلاپ كىلىۋاتىدۇ.
    توغرا ئىلغارلىقنى ئۆگىنىش كىرەك. لىكىن باشقىلارنىڭ بىزدىن قايسى تەرەپتىن ئىلغارىقنى بىلىشمۇ بەك مۇھىمدە.
    ھازىر باشقىلار بىزدىن ئىشىپ كەتكىنى ئەخلاقى جەھەتتىن بولماستىن بەلكى پەن -تېخنىكا، ئقتىساد، بىلىم ، ئۇچۇر، تەرەققىيات، قۇرال ياساش، تىجارەت ۋە باشقا ئەمىلى خىزمەتلەر تۇرسا نىمىشقا بىزگە ھە دىسە مۇشۇنداق ئادەمنىڭ كۆزىگە تاقىشىپ كور قىلىۋىتىدىغان تەرىپى تەسىر قىلماي ،ئۆز قىلمىشىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ناچار ئەخلەتلىرى رام قىلىۋالىدۇ؟
    شۇنداق ئىكەن بىزدە تۈۋەندىكىدەك ئەمىلى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بەك كۆپ كۈپىيىپ كەتتى.
    1-ھىلى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان، ھېلى ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ، ھىلى ھېچقانداق سەۋەبسىزلار باشقىلارنى قەسىتلەيدىغان ،ئاخماق قىلىدىغان ، ھەسەت قىلىدىغان . چېقىمچىلىق قىلىدىغان ، ئاسىيلىق قىلىدىغان ئادەت ئاز قىلىش تۆگۈل ئەدەپ كەتتى . بۇ ھەقتە بىز كۈرۈپ تۇرۇپتىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپتىىمىز.
    2- يەنە بىر بىزنىڭ ئەڭ بىمەنىلىكىمىز شەھۋەتپەرەسلىك بولدى. بۇ ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ خەلىقىمىز ئارىسىدا ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقا ئەڭ ئىغىر قىلمىشتۇر . بۇنداق ئەخلاقسىزلىق، ئۆزىنى ھۆرمەت قىلماسلىق ، ھەدىسلا نارسىدىلەرگە باسقۇنىچلىق قىلىدىغان، ئاشنا ئوينايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىنى ئۆز قۇلى بىلەن ھالاك قىلىپ بىچارە گۇناھسىز بالىلارنى ئىغىر داغدا قۇيىدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بىنۇرمال جەمىئەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ ئاخىرىدا ئۆز- پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا ئۇرىدىغان تىراگىددىييە شەكىلەندى.
    3- بىز نىڭ ئارىمىزدايەنە  بۇ يىڭى كۈنلەردە باشلىق ۋە پۇقرا مۇناسىۋىتىنى توغرا تۇنۇلمىدى.
    شاپاقچىلىق بىلەن پارىخورلوق بىزنىڭ خەلىقىمىزدە نۇرمال ئىش بىجىرىش قائىدىسىگە ئايلىنىپ كەتتى . بۇلۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلىقى ئارىسىدا ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۆز پۇقراسىنى ئۇنتۇپ كىتىشى بىلەن پۇقرانىڭ باشلىقنى خۇدا بىلىشى ئەڭ ئىغىر مەسىلىگە ئايلاندى.
    بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىياسى ۋە قانۇنى مەسىلە بولماستىن ئېغىر ئەخلاقسىزلىقتۇر. ئەلگە باش بولغان رەھبەر شۇ ئەلدىن يىتىلىپ چىقمىغانمىدى،. شۇ ئەلنىڭ تەربىيەسىنى ئالمىغانمىدى، ئەمدى نىمىشقا شۇ ئەل بۇ باشلىق نەزىرىدە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا بەك ئەدەپ كەتتى.
    4- ياتلىشىش بىلەن يالىڭاچلىنىش ھادىسىسى، بۇ يەردىكى ياتلىشىش ھادىسسى بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈچىمىز ئۇيۇشۇشنىڭ چىرايىغا چۈشكەن ئەڭ چوڭ داغدۇر. يالىڭاچلىنىش بىزنىڭ روھىمىزنى ئۆركۈتكەن ئەڭ چوڭ قاغا قۇزغۇندۇر. ئەمىليەت سەيناسىدا كۈرۈنگەن بۇ خىل تېتېقسىزلىق ئەخلاقىمىزنىڭ ياش تۈكۈشىگە ئەڭ چوڭ بىر سەۋەب.
    5-رىقابەتتىن قېچىپ شاپائەتكە ئىنتىلىش مەسىلىسى . بۇ مەسىلىمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ۋەزىنىلىك مەسىلە . چۈنكى ئۆزىنىڭ ھەقىقى قابىليىتىنى قېزىپ چىقىپ ھەقىقى رىقابەت بىلەن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئورنىغا باشقىلاردىن تاما كۆتىدىغان. يۈلنىشنى شەرەپ بىلىدىغان بىر خىل ئىدىييە سېستىمىسى ھازىر خىلى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەپ كىلىۋاتىدۇ. ئۆزمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش دەيدىغان زامان كەلمەسكە كەتكىلى نەۋاق . بۇمۇ بىزنىڭ ئەخلاق تۇنۇشىمىزنىڭ، ئادەملىك زىننىتىمىزنىڭ تۈۋەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
    6- سۇس كەيپىيات . ئۆزىنى تاشلىۋىتىش . ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلماسلىق ، بىچارىلىك ، ئۆزىنى تاشلىۋىتىش. ئۇخلىماي چۈش كۈرۈش مەسىلىسى. بۇنى كۆپ تەكىتلىمىسەممۇ ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك.
    7- ئەڭ ئىغىر مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرسى ئىتىقادتىن تېنىش ، ئۆزئاتا-ئانىسىدىن تېنىش. پەقەت چىقىش يۇلىنى كۆرەلمەسلىك . بىزدە ئاتا-ئاناڭنىڭ دۇئاسى ئەڭ تىز . ئۇ بىر ھىسابتا تەڭرى بىلەن ئوخشاش دەيدىغان گۈزەل ئەخلاقى ئەندىزىمىز بار . بىراق ھازىرچۇ؟
    دىمەك ئېيتىپ كەلسەك نۇرغۇن مەسىلىلەر بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.
    لىكىن بىز مۇشۇنداق ئىللەتلەردىن نىمىنى ئىزدىشىمىز كىرەك .
    بىز چۇقۇم بۇنداق ئىلەتتىن يەنىلا يۈتتۈرۈپ قويغان پەزىلىتىمىزنى ئىزدىشىمىز كىرەك.
    مەن يۇقارقى ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ پەزىلىتىمىزنى نامايەن قىلىشتىكى ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەي باشقا دوسلارمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى ئۆمىد قىلىمەن چۈنكى بۇنداق قىلىش مىنىڭ ھەم سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھۇقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى دەپ قارايمەن.
    1- ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇشىمىز كرەك . مەسىلەن بىز كىم ؟ بىز كىمنىڭ بالىسى؟ بىز بىلەن ياشايدىغان ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا نىمىلەر بار دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلاپ ئىش كۈرۈشىمىز كىرەك.
    2- ئەخلاق توغىرسىدىكى تۇنۇشىمىزنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرىشىىمىز كىرەك. بۇنى ئاۋۋال كىچىك ئائىلە ، مەكتەپ، جەمىئەت دىگەن مۇھىتتا ئورتاق تەشۋىق قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . ئەخلاق يىلتىزىنىڭ ئائىلىدىن باش تارتىپ، مەكتەپتە كۆكلەپ ،جەمىئەتتە ئۈنۈم بىرىدىغان بىر خىل گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇشىمىز لازىم. ھەم ھەر ۋاقىت بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.
    3-ئارىمىزدا پەردىشەپ مەسىلىسىنى توغرا بىتەرەپ قىلىشىمىز كرەك . ئۇغۇللارنى مەرىد ، مىھىربان قىلپ تەربىيلىسەك . قىزلارنى شەرمىي -ھايا ، ئەدەپ ، نۇمۇسچانلىق تەرەپلەردىن ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتتە يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم ، بۇ يەردە ئۇغۇللار ھەقىقى مۇھەببەتنى چوڭ بىلىدىغان ، قىز ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان جەسۇرلۇق ماقامىغا يەتكۈزسەك ، قىزلارنى ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ، ئىپپەتنى ئۇلۇغ بىلىدىغان. ئىپپەتنىڭ خۇددى ئادەمنىڭ ھاياتىدەك قممەت بۇلىدىغانلىقى ،ئۇنىڭ پەقەت  ئۆزىنىڭ ئەڭ پاكلىقىغا گۇۋاھچى ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تۈردە تۇنۇتۇش زۈرۈۈ.
    4- خەلىقىمىز ئارىسىدا سىياسى تەلىم تەربىيە بىلەن قانۇن ئېڭنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئىشىنى ئالدىنقى قاتارغا قۇيۇش كىرەك . پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ دىمۇكىراتىيە ھۇقۇقى بىلەن مەسئۇلىيتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تۈردە تۇنۇپ يىتىشكە ياردەملىشىش.
    5- نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دىگەن ئۇقۇمنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ چۇقۇم سەن قىلغان ئىشقا چۇشلۇق نىسىۋىگە ئىگە بۇلىدىغان ئادىل بىر خىل مۇناسىۋەتنى تۇنۇتۇش كىرەكمىكىن دەپ قارايمەن .
    6- رىقابەت ئېڭى ھەقىقى بىر پەندەك ئەمىليىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتسە تېىخىمۇ ىۇشاللىنارلىق ئەھۋال بولغان بۇلاتتى.
    7-ئىتىقاد مەسىلىسى غايەت زور بىر تۈۋرۈك ئىدى . بۇ ناھايتى مۇھىم . ۋە ئەڭ يىڭىلمەس مەنىۋى قۇرال.
    2- ئادەمنى ئويغا سالىدىغان جەنۇبى شىنجاڭ مائارىپى
    نىمىشقىكىن بۇ جەھەتتە مىنىڭمۇ قۇرساق كۆپىكىم خېلىلا ئىغېر . چۈنكى بۇ ھەقتە نۇرغۇن دوسلىرىمىز ئۆزىنىڭ توغرا قاراشلىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتتى .
    ئويلاپ باقايلى : جەنۇبى شىنجاڭ بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ 60پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ھاياتلىق مۇھىتى بىلەن تەمىن ئىتىپ كىلىۋاتقان، بىزنىڭ مۇقەددەس زىمىنىمىز تۇرسا . بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائى تەربىيە تۈۋرۈكى مائارىپ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىۋاتسا ،ھازىر پۈتكۈل دۇنيا بۇيىنچە زىيان ئىچىدە تۇرىۋاتقىنى قايسى رايۇن؟ قايسى ئادەملەر؟
    مائارىپ تىراگىددىيسى شۇنچىلىك قاباھەتلىك، ئېچىنىشلىق ئىدىكى ئۇنىڭ زىيىنى يادىرۇ قۇرالى پەيداقىلغان زىياندىن تۈۋەن تۇرمايدۇ.
    لىكىن بۇنى ئادەملىرىمىز تۇلۇق ھىس قىلالمىدى.
    كۆپ سۆزلىمەي مەن ھازىرقى مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ، ئىلغار بۇلۇشنىڭ شەرىتلىرنى بىر سۆزلەپ باقاي. بۇمۇ بىر خىل يىڭى ئىللەت .
    1-ئەڭ ئاۋۋال رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ھىمايىسىدىن قۇرۇق قالماسلىق. رەھبەرلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلماسلىق.
    2- ئۇقۇغۇچىلارنى ناھايتى ياخشى تازىلىققا سالىدىغان ئىقتىدار بۇلۇشى . خەت يىزىش ئىقتىدارى كاتىپنىڭكىدىنمۇ قاتتى يۇقۇرى بۇلشى كىرەك.
    3- خەرەتچىلىك. سۇۋاقچىلىق. دىھقانچىلىق، سىيچىلىق، ئەينەكچىلىك، ئىشچىلىق، باغۋەنچىلىك، گۈلچىلىك. يالغانچىلىق. ساختىپەزلىك، خۇشامەتچىلىك ، چېقىمچىلىق بىلىمى كامالەتكە يەتكەن بۇلىشى كىرەك.
    4- جاراستاندا پىچاق چىقارماسلىق . رەھبەرلەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق. جەرىمانىدىن يالتايماسلىق . ئىتائەتمەن بۇلۇش كىرەك.
    5- شەنبە -يەكشەنبە ئۇقۇمىنى ئۇنتۇپ كىتىش . چۈنكى ھۆكۈمەت بىرىدىغان مۇئاش 30كۈنلۈك تۇلۇق بىرىلىدۇ،كىچىچە ئۇخلىماي ئىشلەيدىغان ئىقتىدار بۇلۇش كىرەك.
    6-ۋىلايەتنىڭ، ناھىينىڭ . يىزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئەمىلى ئۆزىنىڭ قىيىنلىچىقى دەپ بىلىش . مەسىلە سادىر قىلماسلىق،جىبەرلىكتە مۇنتىزىم ساقچى ،ھەربىيدىن ،چىڭ تۇرۇش، مەكتەپنى قاتتىق قوغداش.
    7-كۆرەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان. ئىشلىيەلەيدىغان . سۆزلىيەلمەيدىغان. ئۇقۇتقۇچىلاردىن بۇلۇپ چىقىش كىرەك.
    ئەمدى بۇ يەردە مەن ھەممىسىنى ئورتاق مۇشۇ ھالدا دىمەكچى ئەمەس ، بۇ يەردە ئادەم رازى بۇلىدىغان ياخشىلىرمۇ بار .لىكىن بۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىلا تەدبىقلانغان .
    مۇشۇندا ق ئەھۋالدا تۇرىۋاتقىنى ئىللەتىتىن قانداق قۇتۇلۇش كىرەك.بۇنىڭدىكى پەزىلەت قايسى؟
    مىنىڭچە بۇنىڭدا.
    1- رەھبەرلىك ئۇقۇمى كەڭ مەنىدىن يولغا قۇيۇلۇپ قالىدىغان كۈنلەر كەلسە ، يەنى تار مەنىدىكى جازىلىق. نوچىلىق قالپىقى چېقىلىپ كەتسە مائارىپىمىز مائارىپنى تۇتقان رەھبەرلەرنى ھەقىقى تەربىيلىسە پەزىلەت كۈرىنىشى مۇمكىن.
    2- مەكتەپتىكى ئەڭ بۈيۈك نەرسە تەلىم تەربىيەنىڭ ھەقىقى ئۆزى بولسا ھەدىسىلا تېشىنى سىرلىماي ئىچىنى پارقىراتساق .
    3- مەكتەپ چۇقۇم جەمىيەتتتىكى يىتىملىكىدىن قۇتۇلسا، ئۇنىڭ ھەقىقى رۇلى نۇر چاچسا.
    4- زىيادە قۇشۇمچىلىق ئورنىغا ئاساسى مەقسەت پارلىسا.
    5- ئۇقۇتقۇچى . ئۇقۇغۇچى ، مەكتەپ مۇدىرى، سىكىرىتارى، يېزا باشلىقى . ئىدارە باشلىقى . باشقارما باشلىقى ، سىكىرىتارى ، خەلىق ھەممىسى ئورتاق بىر مەۋقەلىكىنى تۇنىۋالسا.
    6-ھەممە ئىش سىغىشىغا قاراپ بولغاندا .
    7- شۇنداق بىر يىڭىلمەس كۆچ بىلەن كۆرەش قىلغاندا
    جەنۇبى شىنجاڭ مائارىپىدىكى ئىلەتلەردىنمۇ پەزىلەت كۈرىنىشى مۇمكىن
    ئاپتۇرى : پەرھات مۇھەممەتئىمىن

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.