ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-01

    كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41757655.html

     

     

    ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﻪﻟلاﻣﯩﻠﻪرﮔﻪ ﮬﯚرﻣﻪت ﻧﻪزﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺗﯜرﯨﺪﯨلا ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﻪﻧﻤﻪي، ﺷﯘ دەۋر ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯜﻛﻠﯜك دەرﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر، ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﻪدﯨﺒﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘلار ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە زور ﺋﯘﺗﯘق ﻗﺎزﯨﻨﯩﭗ ﺗﺎرﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺋﻮرۇن ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟاﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎن ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﻣﯩلادى 344 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﺳﻪن ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻛﯘﻣﺎراﺗﺎن ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ دۆﻟﻪت ﺋﻪرﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯩﯟا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯜﺳﻪن ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﻗﺎرى ﭘﺎﻛﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪى. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪۋزەل ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟى ﻣﯘﮬﯩﺖ ۋە ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﯜﮔﯜن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘق ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻳﯧﺸﯩﺪا ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩلادى 353 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯩﯟا ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻧﻪﺗﻜﻪك(ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن)ﻛﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎرﻏﺎن. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯘددا ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﺳﻰ ﭘﺎﻧﺘﯘدادۇدﯨﻦ ﮬﯩﻨﺎﻳﺎﻧﺎ ﺑﯘددﯨﺰﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜچ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن. 13 ﻳﯧﺸﯩﺪا ﻛﯜﺳﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎن ﮬﻪم 39 ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﺳﻪﻧﺪە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 401 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 413 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن 12 ﻳﯩﻠﺪا ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻰ ﻳﺎۋ ﺷﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪە دۆﻟﻪت ﺋﯘﺳﺘﺎزى ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘددا ﻧﻮم - ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ - ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺷﺎﮔﯩﺮت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﻐﺎن.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟاﻧﯩﯔ زادى ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ ﺑﯘددا ﻧﻮم - ﺳﯘﺗﺮاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﺎراﺷلار ﺑﺎر. زﯦﯔ ﻳﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، 32 ﭘﺎرﭼﻪ، 300 ﺟﯩﻠﺪ، ﻓﯧﯔ ﭼﺎﯕﻔﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ 98 ﭘﺎرﭼﻪ، 425 ﺟﯩﻠﺪ ﺑﯘددا ﻧﻮم - ﺳﯘﺗﺮاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. 800 دﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺷﺎﮔﯩﺮت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪن. «ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪم»، «ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮى»، »ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻏﺎ ﺟﺎۋاب»، «راﮬﯩﺐ ﺧﯘي ﻳﯜەﻧﻨﯩﯔ 18ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎۋاب» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎزﻏﺎن.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟاﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ زور ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﺋﯘ «ۋﯨﻤﺎلا ﻛﯩﺮﺗﻰ ﺳﯘﺗﺮاﺳﻰ»، «ﺳﺎددا ﮬﺎراﻣﺎ ﭘﻮﻧﺪاﻧﯩﻜﺎ ﺳﯘﺗﺮاﺳﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎلاي ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﯘددا ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻧﺎدﯨﺮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ رﯨﺴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟاﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪۋەردار ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺋﯩﺨلاس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟاﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯩﯟا ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺑﯘددا ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ دەۋرﻧﯩﯔ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺋﯩﺪى. ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلاردﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺟﯩﯟا ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﻳﺎزﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘم. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪر ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﻪش ﺋﻪزاﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ داۋاﺳﻰ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ دورﯨلارﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ۋاﻗﺘﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺑﯘرۇن، ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ رﯨﺴﺎﻟﯩﺴﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
    ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 1902 - ۋە 1903 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋون. ﻟﯩﻜﻮك ۋە ﺋﺎﻟﺒﯧﺮت. ﮔﺮوﻧﯟﯦﺪﯨﻠلار ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا»ﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﯟاﻟﻐﺎن. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺗﯜﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺑﯩﺮ دەﭘﺘﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﯘپ، دەﭘﺘﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮڭ ﺗﻪرﯨﭙﻰ «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﻪر، ﺗﻪﺗﯜر ﺗﻪرﯨﭙﻰ «ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ رﯦﺘﺴﯧﭙلار ﺟﻪۋﮬﯩﺮى» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﻪردﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎن. «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» cm 13.5*20 ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪت ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪرق ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن. ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯘ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪە ﺳﺎﻗلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
    ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯩﯟا ﻳﺎزﻏﺎن «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺧﺎس ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 383 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﻳﻪﻧﻪ «ﺟﯩﯟا ﻛﺎﭘﻮﺳﺘﺎ»، 33 ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ »ﻏﻪرﺑﯩﻲ دﯨﻴﺎر ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮى ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﻣﯘﮬﯩﻢ رﯦﺘﺴﯧﭙلار»، ﺋﯜچ ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ «ﻏﻪرﺑﯩﻲ دﯨﻴﺎر ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ رﯦﺘﺴﯧﭙﻠﯩﺮى»، ﺗﯚت ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ «ﻏﻪرﺑﯩﻲ دﯨﻴﺎردﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺗﯧﯟﯨﭙلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ رﯦﺘﺴﯧﭙلار»، ﺗﯚت ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ «ﺑﯘﺗﺴﺎﺗﯟا ﻧﺎﮔﺎر ﺟﯘﻧﺎﻧﯩﯔ دورا رﯦﺘﺴﯧﭙﻠﯩﺮى»، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ «ﺑﯘﺗﺴﺎﺗﯟا ﻧﺎﮔﺎر ﺟﯘﻧﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮﯨﻘلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى» ۋە2600 ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ «ﮬﻪر ﻳﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺗﻮﭘلاﻧﻐﺎن رﯦﺘﺴﯧﭙلار» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت رﯨﺴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
    ﺑﯘلاردﯨﻦ «ﺟﯩﯟا ﺑﻪش ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ۋە«ﺟﯩﯟا ﻛﺎﭘﻮﺳﺘﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر دۇﻧﺨﯘاﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻧﻮم - ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪر ﺳﺎﻗلاﻧﻐﺎن ﻏﺎردا ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ دەۋرﻟﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗلاﻧﻐﺎن. 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﭼﻪت ﺋﻪل ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪن. ﮬﺎزﯨﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرس ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮلار ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪا ۋە ﻟﻮﻧﺪۇﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺳﺎﻗلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
    ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﻛﯘﻣﺎراﺟﯩﯟا ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﺎدﯨﺮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ رﯨﺴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪس ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ.
    ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار:
     1. ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺋﯩﻤﯩﻦ: »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 7991 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 98 - ﺑﻪت.
     2. ﺳﯩﺪﯨﻖ رەﮬﻤﻪت، ﻣﯘﺧﺘﺎر ﻣﺎﻣﯘت ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﯩﺪى: »ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮى»، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 7991 - ﻳﯩﻞ 3 - ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 5 - ، 8 - ، 9 - ﺑﻪﺗﻠﻪر.

    جونگگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.3- سانىدىن

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.