ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-01

    ھاياتنىڭ پىچىرلاشلىرى - [ھايات ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41759505.html

    ئاپتور:تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز  

    ﮬﺎﻳﺎت _ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘداﺗلار ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻗﻪددەﺳﺘﯘر. ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻗﻠﯘق، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﻳﻮﻗﻠﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯘﻟﯘغ ۋە ﺋﻪڭ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭼﺎﻗﻨﺎﺷﺘﯘر. ﺋﯘ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ. ﺑﯩﺮاق، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﯖﯩﺰ زادى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎداﻗﻘﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﺗﻪڭ ﺋﻪﻣﻪس. زەررﯨﭽﯩﻠﻪر ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ ﻓﻮرﻣﯘﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻰ، ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜك ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﭼﺎﻗﻨﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪۇ.
         ﮬﺎﻳﺎت _ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰدﯨلا ﺋﯘﭼﯘپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺋﻪڭ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪڭ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺑﯩﺮ ﻗﯘش. ﺳﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﯩﺪۇر ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ، ﮔﯜزەل ﭘﻪر ﻗﯧﻘﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرزۇ دەرﯨﺨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺴﯩﺰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﺎزﯨﺮلا ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎزﯨﺮلا ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ زﯦﺮﯨﻜﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎزﯨﺮلا ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ۋە ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﭽﻠﯩﻚ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺰەﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ﭘﺎﭼﺎﻗلاﻧﻐﺎن، روﮬﯩﯖﯩﺰ ﺧﻮرﯨﻐﺎن دەﻗﯩﻘﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯚﻟﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺰاﮬﯩﺪۇر.
        ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺷﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﺎت ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﺷﺎش ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺮاق، ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎش ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰ ۋە ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﺎدەم ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯘﻟﯘﻏﯟارﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﺪا ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﮬﺎﻳﺎت ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﺎدەﻣﻠﻪر دەل ﺳﻪۋەب ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﯩﯟى ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﺎرزۇﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﺘﺎ ﻳﻪﻧﯩلا ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻳﺎت ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﮬﻪم ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ، ﮬﻪم ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯘر. ﺋﯘلار ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ۋە ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدەش، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈش، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜرﯨﺸﯩﺪۇر.
        ﺑﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ۋە ﺑﯧﻴﯩﺘﻘﯘﭼﻰ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﺎلاﻳﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇپ ﻳﺎﺗﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻜﻪن، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﻰ، ﭘﯘرﺳﻪت ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨلا ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەر ﮬﺎﻣﺎن ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎﻳﺴﯩﺰ. ﭘﯘرﺳﻪت ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﯩﺰدا ﺋﯘﭼﯘپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت ﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻧﯘرﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﯘﭼﯘش ﻗﯘۋۋﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. ﻧﺎۋادا ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﭽﯘ؟ ﭘﯘرﺳﻪت ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك.
        ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎرﺷﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﻨﻪك دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ. ﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎراپ ﻛﯜﻟﯩﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﻛﯚز ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎردەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰدا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻛﻪ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪڭ ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﯩﺪۇ؛ ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻳﯜك دەپ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪت زور ﻳﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ... ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﺋﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺷﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪڭ.
        ﮬﺎﻳﺎت _ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨلا ﻣﻪۋﺟﯘت ﻧﻪرﺳﻪ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪۋەﻟﻠﯘت دەﻗﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟاﺷلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪدەم ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ «ﭼﯩﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ» ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺋﺎﭼﻘﺎن ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.


    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻣﺎراﻟﺒﯧﺸﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﭘﯩﭽﺎﻗﺴﯘﻧﺪى 35- ﺗﯘەن ﺋﯩﻨﺘﯩﺰام ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪا)

    分享到:

    评论

  • ulinix kilip koydum
  • ulinix kilip koydum
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.