ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-01

    ۋاقىت ئېڭى ۋە رىقابەت

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41759708.html

    ئاپتور:ئېلى ئابدۇقادىر

    - ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯔ؟، - ﺳﻮرﯨﺪﯨﻤﻤﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺧﯧﻠﯩلا ۋاﻗﭽﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎن دﯦﮭﻘﺎن ﻗﻮﺷﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ.
    - ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺷﯘ... - دﯦﺪى ﺋﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن.
    - ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ۋاﻗﭽﻪ ﺑﺎرﺳﺎڭ، دەرﺳﻠﻪردە ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮلالاﻳﺴﻪن، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻤﺎﻣﺪۇ؟
    - ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي. ﻣﯧﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﻪم ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ، ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﻪچ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪﻣلا ﺑﻮﻟﺪى. دادام ﺷﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪن...

    «ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق» دەﻳﺪۇ ﻛﻮﻧﯩلار. ۋاﻗﯩﺖ ﺗﺎلاي زاﻣﺎﻧلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، زاﻣﺎن ﭼﺎﻗﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرۈپ، دەۋرﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﯘلاپ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪا ﺑﯩﮭﻮش ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜرﮔﯜن ﻗﯩﻠﺪى. ۋاﻗﯩﺖ ــ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎن ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚۋرۈك، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﺑﻮﺷﻠﯘق. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.
    ۋاﻗﯩﺖ دەرﻳﺎدﯨﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ دەل ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭼﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﭘﯘرﺳﻪﺗﺘﯘر. دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺷﯩﺪدەت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘش ۋە ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮬﺎﻟﻘﯩلاردﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟى ﺋﯘﻗﯘﻣلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺘﻰ.
    ﮬﻪرﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪارﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﺗﻜﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﺎزﻏﯩﻨﻪ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﯘلارﻧﻰ ﺋﻮن ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﺑﻪش ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮن ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. دﯦﻤﻪك، ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺗﻮﭘﻰ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪس ﺋﻪﻣﻪس. ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪاق ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪم ﻣﺎﻛﺎن ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪرﺑﺎت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘش، ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن.
    ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﮬﺎﻳﺎت دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر، ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﭘﯘل دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر، ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﺑﻪﺧﺖ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر. ﺋﯘ، ﺋﺎﺷﯘرﻣﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ۋاﺳﯩﺘﻪ.
    ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘلاردﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎن ﻣﺎرﺟﺎن، ۋاﻗﯩﺖ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘلار ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﺎش ﺋﻪﮔﻤﯩﮕﻪن ﻗﻪﻳﺴﻪر ﺋﺎدەﻣﻠﻪرلا ۋاﻗﯩﺖ ﻣﺎرﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﮔﯚﮬﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇپ، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻗﻪدەﮬﻠﯩﺮﯨﺪە ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ، ﺧﯘﺷﺒﯘي ﺷﺎراﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻛﺴﭽﻪ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪي، ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯘﻟﯟۇرﯨﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻤﺎي، ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﯜﭼﯩﻠﻪر ﮬﺎﻣﺎن ﺋﯘﻧﯩﯔ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺟﺎزاﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ. ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎرﺟﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯩﺸﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻟﻘﯘﻣﻠﯘق ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﺪۇ.
    ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ زاﻣﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﻮۋاي ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﻣﺎل- دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە، ﺑﻮۋاي ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﺎﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ۋەﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ﻣﺎل- ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯚﻟﯜﺷﯜپ ﻗﻮرۇ- ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜن، ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﯘل ﻣﻪﺷﺮﻗﻘﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘل ﻣﻪﻏﺮﯨﺒﻜﻪ ﻗﺎراپ ﻳﻮل ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﯘل ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﻳﻮل ﻳﯜرۈپ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻗﺎرﯨﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﯜﻧﮕﻪﻧﺪەﻛلا، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻗﺎراﻗﭽﯩلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﺎل- ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎلان- ﺗﺎراج ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎق-ﺳﻪﻧﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻳﯩﻐلاﭘﺘﯘ، ﻗﺎﻗﺸﺎﭘﺘﯘ. دادﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯚز ﻳﯘرﺗﯩﺪا ﻗﯧﻠﯩﭗ دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪۇرﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن- ﮬﻪﺳﺮەت ﭼﯧﻜﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻟﯧﯟﯨﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭘﺘﯘ. ﻗﻮرﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﺋﻮۋلاپ، ﮔﯜل-ﮔﯩﻴﺎﮬلارﻧﻰ ﻳﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﺑﻮراﻧﻠﯩﻖ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺋﺎچ- ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﺴﺎ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﯩﺮ ﻧﯘر ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ دۇﻣﯩﻠﯩﻐﺎن ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯩلا ﻛﻪﭘﺘﯘ... ﺋﯘ، ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، دۇﻣﯩلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ دەرﮬﺎل ﺗﯘﺗﯘۋاﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﭘﺘﯘ- دە، ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘۋاﭘﺘﯘ. ﻗﺎرﯨﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﮔﯚﮬﻪر ﺋﯩﻜﻪن- ﺋﯘ، ﺧﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ داۋام ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ- دە،ﮔﯚﮬﻪرﻧﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎراﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﭘﺘﯘ ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﺘﯘ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺗﯩﺠﺎرﯨﺘﻰ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ روﻧﺎق ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﺎﺟﯩﺰ- ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪرﮔﻪ ﺧﻪﻳﺮ-ﺋﯧﮭﺴﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯜز ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺮۇﻳﻠﯘق ﻣﯚﺗﯩﯟەرﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻮل ﻛﯜﻧﺒﻮﻳﻰ ﮬﺎراق- ﺷﺎراب، ﻛﻪﻳﭗ- ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨلا ﻣﺎل-دۇﻧﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪپ، ﻛﯜﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻮرۇۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻳﯩﺮاق ﭼﯚﻟﻠﻪرﮔﻪ ﺳﯜرﮔﯜن ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺳﺴﯘزﻟﯘق دەردﯨﺪە ﺋﯚﻟﯜپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜم ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﻳﻐﯘرۇﭘﺘﯘ ﮬﻪﻣﺪە ﺷﻪﮬﻪر ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪزﯨﺮ- ﭼﯩﺮاغ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎد ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ... ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ.
    ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﺎل- دۇﻧﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮى- ﺑﯘلاﯕﭽﯩلار ﺋﯧﻠﯩﯟالاﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎل- دۇﻧﻴﺎدﯨﻨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟالاﻟﻤﯩﻐﺎن، ۋاﻗﯩﺖ ۋە ﭘﯘرﺳﻪت ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎن؛ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘل ﻣﺎل- دۇﻧﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘزۇپ- ﭼﺎﭼﻘﺎن ﮬﻪم ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﺎل- دۇﻧﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎن.
    ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜش، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﭼﯩﻦ ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ روﺷﻪن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩلا ﭼﯩﻦ- ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪۇر. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﺎﺳﻘﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻪدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮى ﭼﺎﻗﻨﺎﻳﺪۇ. ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎن ﭘﺎرلاق ﮬﺎﻳﺎت ۋاﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﻛﯚﻛﻠﻪپ ﻣﯧﯟە ﺑﯧﺮﯨﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻏﯟەﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺦ دەﭘﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺑﻪدﯨﻠﺌﻪﺑﻪد ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪۇ.
    ﭘﯘرﺳﻪت ـــ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ دﯦﯖﯩﺰ، ﮬﺎﻳﺎت ـــ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ دﯦﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯟاق. ﭼﻪت- ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﭘﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﮔﯩﺮەﻟﻪﺷﻜﻪن ﺑﯘ دﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﻳﮕﻪ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ. ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﻳﻮﻗﻠﯘق ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﺗﯘﻏﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜرەﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﯜرﯨﻜﻰ. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘۋازﯨﻨﯩﺘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪن. ﺷﯘﯕﺎ، ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎرەﺳﯩﺪە ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ رﯦﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯘﺗﻰ ﮔﯚرﮔﻪ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎن دەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﻗﻪدەر ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ لازﯨﻤﺪۇر. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش، ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﭘﯘرﺳﻪت، ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﻗﯩﻤﻤﻪت دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯜﻳﯜك ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚز ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻟﯘﻏﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘ، ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪرﺑﺎت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺗﻮﻏﺮا ﻣﯧﺘﻮد ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘش، ﺑﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘزاق ﺳﻪﭘﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﺎﻟﺠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
    ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم ﺋﯩﺮادە، ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪس ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﺴﯩﺪۇر. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﺑﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪي، ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰ داﺋﯩﻢ ﻗﯘرۇق ﺋﺎرزۇلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﻪﺳﻞ- ۋەﺳﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻨﻤﯘ ﻗﯘرۇق ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ... ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜﮔﻪﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
    ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ دەۋر ـــ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎدرو ﻗﯩﻠﻐﺎن رﯨﻘﺎﺑﻪت دەۋرﯨﺪۇر. ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘش رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎت- ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﭘﯘرﺳﻪت ۋە رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪس. زەن ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردﯨﻜﻰ رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ۋە ﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﺪۇ. دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰى ۋاﻗﯩﺖ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﺎﻗلاش، ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎت ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚز ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﺗﺎرﯨﺦ ـــ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻰ، ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ۋەزﯨﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺰ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺌﯩﻨﺠﺎﻟﯩﻖ، ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻏﺮا دۇﻧﻴﺎﻗﺎراش ﺗﯩﻜﻠﻪپ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ، ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﮭﯘدە ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.
    ﮬﺎزﯨﺮ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻛﻪڭ ﺳﻪﮬﺮالارﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﺎ- ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪدەر ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎدﯨﺴﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﺳﺎﻏلام ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳلاﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ رەﯕﺪار ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ، ﺧﯘﺷﺎل- ﺧﯘرام، ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﻪﮬﻪر- ﺑﺎزارلاردﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ- ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯧﭽﻪك، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت ﻏﻪﻟﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣلاردﯨﻜﻰ «ﭼﺎي»لارﻏﺎ ﻗﺎﺗﺮاش دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻤﯩﺴﻪ، ﺳﻪﮬﺮاﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪر ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺧﻮﺗﯘن ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪرﻣﯘﻳﻪر، ﻛﻪﭼﻤﯘﻛﻪچ ﺳﯩﺮﺗلاردا لاﻏﺎﻳلاپ ﻳﯜرﺳﻪ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ؟ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟلار دەل ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا، ﻛﺎدﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا، ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻴﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ.
     ـــ  ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯔ؟، ـــ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻤﻤﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺧﯧﻠﯩلا ۋاﻗﭽﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎن دﯦﮭﻘﺎن ﻗﻮﺷﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ.
     ـــ  ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺷﯘ...  ـــ ، دﯦﺪى ﺋﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن.
     ـــ  ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ۋاﻗﭽﻪ ﺑﺎرﺳﺎڭ، دەرﺳﻠﻪردە ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮلالاﻳﺴﻪن، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻤﺎﻣﺪۇ؟
     ـــ  ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي. ﻣﯧﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﻪم ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ، ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﻪچ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪﻣلا ﺑﻮﻟﺪى. دادام ﺷﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪن...
    ﻗﺎراڭ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ! ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰا- ﻗﯩﺸلاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﻪزى دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ۋە ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮرﻗﯘﭘلا ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪرﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪر ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎدان ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﺪۇ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘددى ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺑﻜﺎر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ رﯨﻘﺎﺑﻪت دەۋرﯨﺪە دﯦﮭﻘﺎﻧلار ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘۋﯦﺮەﻣﺪۇ؟ ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪەك، ﻛﻪﺗﻤﻪن ﭼﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻳﺎق، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس! ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻪن- ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﮬﯚﻧﻪر- ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘت ﺗﯧﺮەپ ﺗﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ، دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻪ، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮬﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻧﺎﻣﺮاﺗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯘﺗﯘلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ، ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎس ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا- ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎب- ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ، دﯦﮭﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋزەل ﺋﻮﻗﯘش ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ﺗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﻤﯘ، ﻗﯩﺴﻤﻪن دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﮬﺎﺷﺎر ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﻛﯚرۈۋاﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻧﺎداﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﻴﺮﯨﻠﯩﺪۇ!...
    ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ۋە رﯨﻘﺎﺑﻪت ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﺎﭘﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺳﻪل ﭼﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜچ- ﻗﯘدرﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮل ﻳﻮق. ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ۋە رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜردە ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯧﯖﻰ ۋە رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ  ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪش ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻪﻳﮕﻪ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﻨﯩﯔ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻰ.
    «ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق» دەﻳﺪۇ ﻛﻮﻧﯩلار. ﻛﻪﺗﻜﻪن ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ ﺑﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺖ ۋە رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ۋاي!
    دوﺳﺘلار، ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮلا ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮلا ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪرداﺋﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰدە ﺗﯘﺗﺎﻳﻠﻰ. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯚزى ﺧﺎلاپ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜم ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەردۇر. دﯦﻤﻪك، ۋاﻗﯩﺖ، ﭘﯘرﺳﻪت ﮬﺎﻣﺎن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﻤﯩﺰدە، رﯨﻘﺎﺑﻪت دۇﻟﺪۇﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯘﻟﯟۇرﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰدا، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎش ﮬﻪرﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.


    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻟﻮپ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﯘﻳﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﺪا)

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.