ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-01

    خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت، نەپرەت - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41759798.html

    ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ - ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮادﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎۋلاﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎدﻟﯩﻖ، ﻛﯜچ - ﻗﯘۋۋەت، ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪت ۋە ﺟﺎﺳﺎرەت ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ... ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﺎزاب ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰدا ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﯘپ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜردە ﻗﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلا ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﻪك - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜزەل ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪر، رﯨﻘﺎﺑﻪت ۋە ﻛﯜرەﺷﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﺎلاﻳﻤﯩﺰ ...
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ۋە ﺋﻪڭ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﺋﯩﺶ ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯘر. ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎت، ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ۋەﮬﯩﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜم ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاش - ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺘﯩﺪە ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺧﺎلاس.
    ﺋﺎدەم ﮬﺎﻳﺎت ۋاﻗﺘﯩﺪا داﺋﯩﻢ ﭘﯜﺗﻤﻪس - ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس ﻧﺎم - ﺋﺎﺗﺎق، ﺷﺎن - ﺷﯚﮬﺮەت، راﮬﻪت - ﭘﺎراﻏﻪت ۋە ﻣﺎل - دۇﻧﻴﺎ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر «ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺋﺎﻣﻪت»ﻧﻰ دەپ ﺋﯘﻟﯘغ ۋە ﺑﯜﻳﯜك ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺗﻪرك ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﻧﺎۋادا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎرزۇ - ﺋﯜﻣﯩﺪى روﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪت ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ۋە ﺑﯩﺮدەﻣﻠﯩﻚ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎدەم ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪراك ۋە ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮاﻟﻤﺎي، ﺋﻪﺑﺠﻪش ﺗﯘرﻣﯘش ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﺪا ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻏﻪم - ﻏﯘﺳﺴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜرﯨﺪۇ.
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎددﯨﻲ: ﺋﯘ دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت - ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﺎن - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، دوﺳﺖ - ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺷﻪﻳﺌﻰ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎت ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯘر. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت - ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن، رەﯕﮕﺎرەڭ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺧﯘﺷﭙﯘراق ﭼﺎﭼﻘﺎن ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻐﺎ زاﮬﯩﺪ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﺪۇ؛ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭼﯚﻟﻨﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎن، ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺗﺎﻟﻘﺎن ﻗﯩﻠﻐﯘدەك ﺟﺎﺳﺎرەت ۋە ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﺎﭼﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜزەل، ﺧﯘددى ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪڭ ﺟﻪﻧﻨﻪت  ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﺗﺎﻏلارﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪۇ، ﺷﯩﻠﺪﯨﺮلاپ ﺋﺎﻗﻘﺎن ﺳﯜزۈك ﺳﯘلارﻏﺎ ﻗﺎراپ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘرﻏﯘپ ﺗﺎﺷﯩﺪۇ؛ ﻛﯚﭘﻜﯚك ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎق ﺑﯘﻟﯘت ۋە ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﻮرۇپ، ﺋﻪرﻛﯩﻦ، ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ، ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﺳﺎﻏلام، ﺑﻪﮬﯘزۇرﻟﯘق ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﯩﺪۇ؛ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺧﯘددى ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺠﯩﻞ - ﺋﯩﻨﺎق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﯩﭽﻪﻛﯩﺸﯩﭗ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎزادە، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، راﮬﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪە ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ ﺋﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯘر.
    ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﯩﺮ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ: «ﺋﺎدەم ﻳﺎﺷﺎش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺖ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎﻳﺪا ﺋﯚزى ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت ﮬﯘﺟﺮﯨﺴﻰ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك» دﯦﮕﻪن. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻧﻪﭘﺮەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺗﺎزا ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺑﯘ ﺳﯚزﮔﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻣﻪﻧﻪ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋالالاﻳﻤﯩﺰ. ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭘﺮەﺗﻤﯘ ﻣﻪۋﺟﯘت. ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎق، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻏﻪزەپ - ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﻰ ﺋﯚرﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎلاﻳﺪۇ. ﻧﻪﭘﺮەت - ﻧﺎﭼﺎر-ﺋﯩﭙلاس ﺋﯩﺸلارﻏﺎ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ- ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﺎداﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ- ﺗﻪﺧﺴﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﻪﭘﺮەﺗﺘﯘر. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت ﮔﻪرﭼﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ زﯨﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ «ﻗﻪﻟﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﺴﻰ»دا ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻧﻪﭘﺮەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﻗﻪﻟﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﺴﻰ«ﻧﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎش ﺗﻪﭘﺘﯩﮕﻪ، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ۋە ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﭘﻪۋەس ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﺪۇ؛ ﻧﻪﭘﺮەت ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﻗﻪﻟﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﺴﻰ»ﻧﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪت، ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ۋە ﻏﻪزەﭘﻜﻪ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ، ﮬﯘﺟﺮا ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘﻟﻤﺎس ﺋﯩﺮادە، ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪس ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯘﻟﯘﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﻟﯘﭘلاﻳﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت - ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯧﻜﻰ، ﻧﻪﭘﺮەت - ﻏﻪزەﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﺎﮬﻰ. ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ: ﺑﯘ دەل ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻧﯧﻤﻪ؟!
    ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﺳﯘل - ﭼﺎرە ۋە ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﻳﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ داﺋﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎن، ﺗﻪدﺑﯩﺮ ۋە ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎس «ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ» ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ «ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ» ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯜرﻟﯜك روﻟلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ - دە، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ۋە ﺑﻪﺧﺘﻨﻰ ﮬﻪرۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﻧﻪﭘﺮەت ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪڭ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﺋﯩﺸلار ﺋﺎز، ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلار ﻛﯚپ، ﺑﯘ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮار - ﺗﻪﻛﺮار ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلار ﺋﯚز ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﻪزەر ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎي، ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا «ﻣﻪن ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ، دۇﻧﻴﺎدا ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ۋە ﺑﻪﺧﺖ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس» دەپ ﺋﻪزۋەﻳﻠﯩﺸﯩﺪۇ.
    ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ دۇﻧﻴﺎدا ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﻏلام، ﺧﯘﺷﺎل ﻗﻪﻟﺐ ۋە ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﻛﯚﺗﯜرەﯕﮕﯜ روھ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ؛ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﺴﺎق ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ دۇرۇس ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪپ ﻛﻪﺗﺴﻪك ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎزاب - ﺋﻮﻗﯘﺑﻪت، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪت ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﺳﺎرەت ۋە ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪڭ زور ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﺘﯘر.
    ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ  ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎن روﮬﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ دورا، ﻛﯚﯕﯜل ﻏﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻟﮭﻪم، ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﻜﻪ ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻚ، ﻏﻪم - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺷﺎدﻟﯩﻖ، زﯨﺪدﯨﻴﻪت ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺠﯩﻞ - ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﮬﻪدﯨﻴﻪ ﻗﯩلاﻟﯩﺴﺎق، ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎش ۋە ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺗﯘﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﮬﺎﻳﺎت ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ - ﭼﯜﭼﯜك ۋە ﺋﻪﮔﺮى - ﺗﻮﻗﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ  ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚز ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎلاﻳﺪۇ.

    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻗﻪﺷﻘﻪر ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮم ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪپ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە)

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.