ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-01

    بىزدىكى ئىسراپچىلىق - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41760846.html

    ئەختەم ئۆمەر

    .1 ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮاپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ 
    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎرﻗﺎ- ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﻪزى داﻧﯩﺸﻤﻪن، ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪﻧﻠﻪر: «روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎرﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﺗﺘﻪرﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﭽﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺳﯧﻨﯩﯔ زەﮬﻪردەك ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ <ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﭘﻤﻪك> ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ، ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺑﻮلارﻣﯩﻜﯩﻦ» دەپ ﺋﺎق ﮬﻪم ﺳﺎپ ﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪﻧﺪ - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى. 
    ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯚزۈﻣﻤﯘ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪت دوﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎپ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﺎرﯨﺴﺎﻟﺪﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪت دوﻗﻤﯘﺷﻰ، ﺋﺎرﯨﺴﺎﻟﺪى ﺋﯧﻘﯩﻨلار ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪل ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﭼﻘﯘن، ﺳﻪﭘﺮا، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺴﻪل ﻛﯚرﭘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺴﻪ، ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻧﯚﻟﮕﻪ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ، ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯚﻟﯜم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻤﺎﻣﺪۇ؟! ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ۋەﺳﯟەﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ: «ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﻪن ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯘﺗﯘپ زەردﯨﮕﯚش ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﻏﯩﺖ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺳﯩﯖﮕﻪن ﻧﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪڭ، ﺧﯘﺷﺎل ﻳﺎﺷﺎﻳﺴﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ» دەﻳﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯜرۈﻟﮕﻪن ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﭗ، ﭼﯩﺮاﻳﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن. ﮬﻪ راﺳﺖ، داﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﯩﮕﻠﯩﺮﯨﺪە: «ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪە ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎلا ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎراڭ، ﮔﺎﻟﯟاڭ ﻛﯩﺸﯩلا ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﺧﺖ دﯦﮕﻪن ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﻏﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر. ﮬﻮش - ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎدەﻣلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘﻧﻰ ﻏﻪم ﺑﺎﺳﯘر. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻟﯧﻴﻰ ﻏﻪم ﺗﻮﭘﯩﺴﻰ، ﺳﯜﻳﻰ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺋﻮﺗﻰ ﺑﺎلا - ﻗﺎزا، ﺗﯩﻨﯩﻘﻰ ﻣﯜﺷﻜﯜلاﺗلاردﯨﻦ ﭘﯜﺗﯩﺪۇ» دﯦﻴﯩﺸﻪرﻣﯩﺸﻠﻪر.
    ﻣﺎﻧﺎ، ﺷﯘ ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘ، ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ - ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﭼﯚرۈپ ﺗﺎﺷلاپ، ﺑﯩﻐﻪﻣﻠﯩﻚ دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜۋﯦﻠﯩﺸلا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﭙﯩﺪە ﺋﯩﺸلارﯨﻜﻪﻧﺪۇق. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺧﯘي، ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺧﯘددى ﮬﯜﻧﻪر ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن. «ﺗﺎغ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺴﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﻪر، ﺧﯘي ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﻤﻪس» دﯦﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎ ﺳﯚزى ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘۋالاي دەپ ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن ﺋﯘدۇم ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎي دﯦﺴﻪ ﻗﯘلاق ﺋﺎﯕلاپ، ﻛﯚرﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻛﺎﻣﺎر ﻣﯚﻟﺪۈرﻟﻪپ ﺗﯘرۇپ ﻛﯚرۈۋاﻟﺴﺎ، ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﻤﺎي دﯦﺴﻪ، ﻛﺎﻟﻠﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﺴﺎ.
    ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮاپ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮەك ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﯩﭽﯘ! 
    ﻣﺎﻧﺎ، ﺷﯘﻧﺪاق ﮬﯧﺴلاردﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻠﻪر رەﮬﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﺎز ﺋﻪدﯨﺐ زوردۇن ﺳﺎﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜرەك ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى: «ﺑﯧﺸﯩﻢ ﮔﯜﻣﺒﻪزدەك ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯜﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن؛ ﺳﺎﻗﺘﻪك ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪل دﯦﮕﻪن ﻛﺎﺳﺎﭘﻪت ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘردى، ﺋﯘﻛﺎم. ﺑﯩﺮدەم ﻳﯜرەﻛﻨﯩﯔ، ﺑﯩﺮدەم ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﯩﯔ، ﺑﯩﺮدەم ﺟﯩﮕﻪر، ﺑﯩﺮدەم ﺑﯚرەﻛﻨﯩﯔ دەرۋازﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺟﯩﻢ ﺗﯘرﻏﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى، ﺋﯘﻛﺎم. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر دەرۋازﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪر ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺴﯩلا، ﺋﯚﻣﯜر ﺑﯩﺮ ﻏﯘلاﭼﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮاپ ﻣﯧﯖﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯘۋاﺗﻤﺎﻣﺪۇ، ﺋﯘﻛﺎم. ﺑﯘ دوﺧﺘﯘر دﯦﮕﻪن ﺧﻪق ﺳﺎق ﺋﺎدەم ﻛﯩﺮﺳﯩﻤﯘ، دورا ﺳﯧﺘﯩﭗ ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﺎران ﺗﯘراﻣﺪۇ - ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺑﯘلارﻧﻰ دوﺧﺘﯘر دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚرە، ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮرۇﻗﭽﯩﺴﻰ، دورا زاۋۇﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮى زاۋۇﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮى، ﺑﯧﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻮﭘﯘرﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﺪﯨﻜﻰ، دﯦﮕﯜم ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻞ دورا ﺗﻪﻳﻴﺎر ﺋﯩﻜﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ﻗﺎﻳﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎزﺳﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎب، ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻧﻪﭘﺴﯩلا ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ... <ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪڭ، ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪڭ، دورا ﻳﻪڭ>دﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻐﯘ! ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 50 ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺑﯘ دورا ﺳﺎﺗﺎرﺧﺎﻧﺎ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ - ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﻳﻮق ﺋﯩﺪى، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﻪﺟﺪادلار ﻳﺎﺷﺎپ، ﺑﺎلا ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺟﺎﮬﺎن روزﯨﻐﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪى؟! ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘلار ﺳﺎﭘلا 100 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈپ، ﺋﻮﻧلاپ ﺧﻮﺗﯘن ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺗﺘﯘزلاپ ﺑﺎلا ﺗﺎﭘﻘﺎن؛ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺋﺎق، ﺋﺎﻏﺰﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﻳﺎﻟﻐﺎن ﭼﯩﺶ ﻳﻮق ﺳﺎق ﭘﯧﺘﻰ- ﻛﯜﻟﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺟﺎن ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪى ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻐﺎ داۋاﻟﯩﻨﯩﭗ، ﭼﺎﯕﮕﺎﻟلاپ دورا ﻳﻪپ، 60 ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎلالاﻣﺪۇق - ﻳﻮق؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻤﻪك ﺗﻪس. ﻣﻪن دوﺧﺘﯘرﻧﯩﯔ <ﻛﯧﺴﻪل ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ> دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚچ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻛﯧﺴﻪل ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﻗﯘلاﻗﺘﯩﻦ، ﻛﯚزدﯨﻦ، ﮬﯧﺲ - ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﺎزاﺑلاردﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ، دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪن. ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪم، دادام رەﮬﻤﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻰ، ﺋﯩﭻ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎم ﻳﻪپ ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜرەرﻛﻪﻧﯩﺪۇق. ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﭼﯚﭼﯜرﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻏﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪك، ﭘﻮﻟﯘ ﻳﯧﺴﻪك زﯨﻴﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪۇﻗﻤﯘ؟ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋﯨﻤﯩﺰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﯧﮕﻪن ﮔﯚش- ﭘﻮﻟﯘ، ﭘﯧﺘﯩﺮﻣﺎﻧﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪﯨﻤﯘ؟ ﻳﺎق، ﻳﺎق. روﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎزارﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸلار ﺑﺎرﻟﯩﻖ روﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﯩﺨﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ ﺧﺎﻣﺎن ﺋﯚﻣﯜر ﻗﯩﺴﻘﺎرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯧﺴﻪل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﺑﺎدۇر. ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎزاب، ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪن دەردﺗﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻜﻪن. ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻣﯜر ﻗﯩﺴﻘﺎرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠلاردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪن …» 
    ﺷﯘﻧﺪاق، ﻣﻪرﮬﯘم ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻤﯩﺰ زوردۇن ﺳﺎﺑﯩﺮﻣﯘ ﺧﯘددى ﺋﯚزى دﯦﮕﻪﻧﺪەك، 60 ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎلا - ﺋﺎﻟﻤﺎي ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى.