ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2009-07-02

    تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم - - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/41802476.html

    نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى

    ﺋﻪﮔﻪر «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ-ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﻴﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷلا - ﺗﯘرﻣﯘش» دﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﭼﻮڭ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
    ﺗﯘرﻣﯘش - ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯜرەش ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﭼﻮڭ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎﮬﻰ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﯩﺨﯘدلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ. ﺗﯘرﻣﯘش - ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ دوﺳﺘﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﻪرﮔﻪ ﺟﺎزا ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ. ﺗﯘرﻣﯘش - ﺗﯘز ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺷﻮرﭘﺎ؛ ﺗﯘزﺳﯩﺰ ﺋﯩﭽﺴﻪڭ ﺑﻪﺗﺘﺎم، ﺗﯘزﻧﻰ ﻛﯚپ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﺴﻪڭ ﻗﯩﺮﺗﺎق، ﺗﯘز ﺳﯧﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯚزۈﯕﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
    ﺗﯘرﻣﯘش - ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎق، ﺗﯘرﻣﯘش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪن ﺟﺎۋاﺑﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﯘرﻣﯘش - ﻳﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﮬﯧﺴﺎﺑلا، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﯩﺮ-ﻣﯧﮭﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪل ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎي ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖلا ﻏﻪم-ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎن ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﺎﻳﻐﯘلاردﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎن ﺗﻪﺳﯟى دەﻳﻤﯩﺰ. ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎداۋەﺗﺨﻮرﻟﯘﻗﻰ ﺷﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ، ﺳﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺴﺎڭ، ﺋﯘ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎب ﺋﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺪۇ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻤﯘ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺪۇ.
    ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﭽﺎرە ﻳﯧﺮى ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﭼﺎﻏﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﺎي دەپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؛ ﺋﺎدەم ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎش ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﻟﻪززﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎزاب-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪت ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ لاﻳﯩﻘﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر داﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
    ﻳﺎﺷلار ﺋﯚزى ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘلار داﺋﯩﻢ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺟﻪڭ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧلار رﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﻪرﻟﻪر ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯩﭙﻪرۋا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟلاردا زﯨﻞ، ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.
    ﺑﯩﻜﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ زﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎت؛ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯘر؛ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺗﯘرﻣﯘش ﭘﺎﻟﻪچ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯘر؛ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎش ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪن ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯩلاﺟﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯘر.
    ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﻣﻪن ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﺎداﻗﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻢ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﯘرﻣﯘش ﺧﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. زﯨﻴﺎدە ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺳﯚزﻟﻪۋەرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮەك. ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ دەل ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ دەل ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜش ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻮﻗﯘم ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜش ﻛﯧﺮەك، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
    ﺑﯩﺰ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ دۈﻣﺒﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺳﯧﯟەت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻪدەم ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﯟاﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ داﺋﯩﻢ ﮬﺎرﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜن ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەر ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜۋﯦﺮﯨﺪۇ.

                                                                           *  *  *
    ﺋﯚﻟﯜم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟى ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺋﻪﺑﻪدﯨﻴﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﮬﺎﻳﺎت، ﭼﯜﺷﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺰﺳﯩﺰلا ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪگ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯘل ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﯟاﭘﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرﺳﻪﻛﻤﯘ، ﮬﯧﭻ ۋاﭘﺎ ﻛﯚرﻣﻪي ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﻪﭘﻪر ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﯩﺰ.
    ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎس ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎس ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪن: «ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻤﯘ ﺋﯚﻟﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﺎﻳﻤﯘ ﺋﯚﻟﯩﺪۇ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرا ﻳﻪر ﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪل ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪۇ، ﺑﺎي ﺋﯚﻟﺴﻪ ﻣﺎل-دۇﻧﻴﺎﻟﯩﺮى ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ۋاﺑﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎدەم ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﺎرۋاﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﻛﺎرۋان ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘدا ﺋﯘزۇن ﺗﯘراﻟﻤﺎس … ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ، ﮔﯚرۈڭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘدۇر، ﺑﯘ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘدﯨﻦ ﻗﻮزﻏﺎﻟﺴﺎڭ، ﺋﯘ دۇﻧﻴﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ».
    ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ. ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ، ﮬﯚرﻟﯜك، ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﻢ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯚﻟﯜم ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮرﻗﯩﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮرﻗﺴﺎﻗﻤﯘ، ﭼﺎﻳﻜﻮۋﯨﺴﻜﯩﻲ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪەك: «ﺋﻪﺟﻪل دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻘﯘش ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘڭ-ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ».
    ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻳﺎﺷﺎپ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﭘﻪﻳلاﺳﻮﭘلار ۋە ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن: ﮬﯧﻤﯩﯖﯟاﻳﺪەك ﺋﯘﻟﯘغ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ «ﺋﯚﻟﯜم - ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ» دەپ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪن ﮬﻪم ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋاﻟﻐﺎن. ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎر ﭼﺎﻳﻜﻮۋﯨﺴﻜﯩﻲ ﮔﯚرﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ «ﺋﯩﭙلاس ﺋﯚﯕﻜﯜر» دەپ ﺑﺎﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ دەﻛﻜﻪ-دۈﻛﻜﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن. 20-ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﺑﯧﺘﺮان روﺳﯧﻞ 98 ﻳﯧﺸﯩﺪا «ﻣﻪن ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ ﺑﯩﺰار ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ» دەپ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ «ﻗﯘﺗﯘﻟﯘش ﻳﻮﻟﻰ» دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن. ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯧﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎددﯨﻲ، ﻣﺎس، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺟﺎۋاب ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﻪك ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜم ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «راﺳﺖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﯩﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا، ﭘﻪﻗﻪت ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺑﺎراۋەر. ﺑﻪزى ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر: ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺑﺎﺑﺒﺎراۋەر ﻳﺎراﻟﻐﺎن، دەﻳﺪۇ. ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯧﺮ ﺑﺎﻳلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪەرﻟﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﻧﻪدﯨﻤﯘ ﺑﺎراۋەرﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘن !ﺑﺎي ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﻣﺮات ﻧﯧﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﺑﺎراۋەر ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘلار ﺧﯘدا ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎراۋەر ﺋﻪﻣﻪس. ﭘﻪﻗﻪت ﺋﻪزراﺋﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨلا ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﺑﺎﺑﺒﺎراۋەر».
    راﺳﺖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚﻟﯜم ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘش، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ. ﺋﯚﻟﯜم ۋۇﺟﯘدﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗلاﻳﺪۇ. ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎزاب ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻛﯚرۈﭘﺘﯘ !ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯚﻟﯜك ۋە ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮۋاﻗلا ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ۋە ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﻗﻮرﻗﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮق. ﭘﻪﻗﻪت ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻘﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯜرﻟﻪر ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ، ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻏﺎن-ﮬﻪ!؟

    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭘﻪن-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ)

    جوڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى2004.2- سانىدىن

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.