ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-07-06

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار....نىڭ داۋامى(5)

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/68266081.html

    4. ھەمىت ۋەكىلى ھەمىت ۋەكىلى ئىلى ۋە چوچەك ۋىلايەتلىرىدە 50 يىل مائارىپ ھىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1930 - يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۇمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. تالانتلىق ۋە ئىجتىھاتلىق بۇ مەرىپەتچى ئۇيغۇرچە، تاتارچە، قازاقچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە ۋە رۇسچە تىللارنى پىششىق بىلەتتى ۋە شۇ تىللاردىكى دەرسلىك ماتەرىياللاردىن تولۇق پايدىلىناتتى. ھەمىت ۋەكىلى 1934 - يىلدىن باشلپ غۇلجىدىكى مەشھۇر "نەمۇنە مەكتىپى" گە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن ئىلى مائارىپىغا نەمۇنە ياراتقانىدى. ئۇنىڭ ئۇلگىسى بويىچە شۇ چاغدىكى "تائالىيە"، "كەشپىيە"، "سايرامىيە"، "ھۇسەينىيە"، "روشەن"، "گۇلشەن" قاتارلىق مەكتەپلەر قايتا رەتكە سەلىنىپ، تەز راۋاجلاندى. ھەمىت ۋەكىلى تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى فىزىكا، خىمىيە، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ چاغدا دەرسلىك ماتەرىياللار كەم بولغاچقا، ئالگەبرا ۋە گىئومەترىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئۆزى كونسپىك تۈزۈپ چىققان. ھەمىت ۋەكىلى 1947 - يىلدىن باشلاپ "غۇلجا بىلىم يۇرتى" دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە فىزىكا، خىمىيە، تىرگىنومەترىيە... پەنلىرى ئۈچۈن 1000 بەتتىن ئارتۇق دەرسلىك تەييارلىدى. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن ئالگەبرا ۋە ئانالىتىك گىئومەترىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۈچۈن 800 بەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم نەمۇنىلىك مائارىپچى دېگەن شەرەپكە ئىگە بولدى. مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدە مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسىي رولچىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916 - 1943) ئىدى. لىن جىلۇ 1938 - يىلنىڭ بەشىدا شىنجاڭ دائىلفۇنۇنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقنى ئۇستىگە ئالغان، "ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش" تىن ئىبارەت تەلىم - تەربىيە فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە "ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، روھلۇق بولۇش" دىن ئىبارەت مەكتەپ نىزامنامىسىنى يۇرگۇزگەن. ئۇ كوتۇرەڭگۇ - روھلۇق مەزمۇندىكى "دارىلفۇنۇن مەكتەپ ناھشىسى" نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى جۇشقۇن كەيپىياتلىق بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. لىن جىلۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچا ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان چاغلىرىدىمۇ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چوڭ ئىشلارنى قىلدى. "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى گۇللەنگەن مائارىپ قوينىدا يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئابدۇكەرىم ئابباسۇف (1920 - 1949)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922 - 1945)، ئابدۇللا روزى (1919 - 1945) قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ يەتىلىشىدە لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي مائارىپ تەربىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كۈچلۈك تەسىرى بولدى. ئاتاقلىق مائارىپچى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇللا روزى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كوزگە كورۇنگەن ناماياندىلىرىدىن بىرى. ئابدۇللار روزى 1919 - يىلى ئۇچتۇرپاندا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتۇش مەشھەتلىك ئىدى. ئۇ 1935 - يىل باھاردا ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن (ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق قىسقا مۇددەتلىك ئىدى) نى ئەلا تۇگىتىپ، "ئەلىيۇلئەلا" (ھەممىدىن بىرىنچى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئەينى زاماندا ئۇنى ئوقۇتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا "ئۇنىڭدەك زەرەك، پاراسەتلىك ئوسمۇرنى كورۇپ باقمىغان" ئىكەن. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپان دارىلمۇئەللىمىننى تۇگىتىپ، يېزىلاردا مۇئەللىملىك قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋەرسىتەتىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى. ئۇچتۇرپاندىن ئىمتىھاندا ئەلا ئوتكۇنلەر ئابدۇللا روزى، ئابدۇكەرىم ئابباسوف بولدى. ئاقسۇ كونىشەھەردىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوتكەنلەر مەۋلانجان تۇردى، ھاشىمجان ئاھۇنجان، ئەھمەت ھەسەنۇف قاتارلىقلار ئىدى. بىراق كېيىنكىلەر ئۇرۇمچىگە دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككىيلەن ۋاقتىدا ئۇلگۇرۇپ بارالماي، ئۇرۇمچىدە قېلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. 1936 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ھەم تەبىئىي پەندە ھەم ئىجتىمائىي پەندە تەزلا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئوتتى. يەنە كېلىپ ئۇ پەلسەپە (ماتەرىيالىستىك دۇنيا قاراش) ساھەسىدە ئەڭ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇ ھەممە جەھەتتە ياخشى بولغاچقا، پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ "داھىي ئوقۇغۇچى" (ئوقۇغۇچىلار داھىيسى) دەپ ئاتىشاتتى. شۇ چاغدىكى "شىنجاڭ گېزىتى" دە ئۇنىڭ قىسقا ماقالىلىرى بەسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پوچۇركىسى ھۇددىي ئۆزىنىڭ كەلىشكەن قامىتىدەك چىرايلىق ئىدى. ئابدۇللا روزى بىر ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم "ئارزۇ" دېگەن تەھەللۇسنى قوللانغىنىدىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بۇ تەھەللۇس كەڭ تارقىلىپ كەتتى. ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىمۇ كېيىنچە بېرىپ مۇشۇ تەھەللۇس بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئوتمەي مەكتەپ "تەرتىپ بولۇمى" نىڭ يوشۇرۇن چارلاپ بەكىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى "ئەكسىيەتچىل" دەپ قارىلاندى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى بولغان ئابدۇللا روزى سىياسىي توھمەت بىلەن ماناسقا پالىۋەتىلدى. ئابدۇللا روزى ماناسقا پالىنىپ كېلىپ ئۇزۇن ئوتمەي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باشپاناھلىق قىلىشىغا ئەرىشتى. 1938 - يىل كۇز مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى. ئابدۇللا روزى ئۆزىگە يۇكلەنگەن قوش خىزمەت ئىمتىيازىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە ئارىلاپ بېرىپ مەكتەپ تورلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭلار مائارىپىغىمۇ كوڭۇل بولۇپ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. غەپلەتكە، نادانلىققا ۋە جاھالەتكە قارشى مەزمۇندا "تومۇر ئاكا ئويغاندى" ناملىق درامىنى يېزىپ چىقىپ، سەھنىلەشتۇرگەندىن كېيىن، بۇ دراما پۈتۈن ناھىيىنى زىلزىلىگە كەلتۇرۇۋەتتى. ئارىدىن توپ - توغرا يېرىم ئەسىر ئوتۇپ كەتكەن مۇشۇ كۇنلەردىمۇ ئۇرۇمچى، ماناس، قۇتۇبى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر ئابدۇللا روزى ۋە ئۇنىڭ پەداگوگىكىلىق درامىسى - "تومۇر ئاكا ئويغاندى" نى ئەغىزىدىن چۇشۇرۇشمەيدۇ. ئابدۇللا روزى 1940 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاقسۇغا كېلىپلا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش مائارىپ ئىنسپەكتورى (مەكتەپ مۇپەتتىشى)، جۇملىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش چىقىپ، 1941 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ گېزىتىدە "تەلىم - تەربىيە ئوچەركلىرى" سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن يېرىم ئايغىچە ئايىغى ئۇزۇلمەي بەسىلغان ۋە پۈتۈن ۋىلايەت ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇللا روزى ئىنسپەكتورلۇق ھوقۇقىدىن توغرا پايدىلىنىپ يېرىم يىل ئىچىدە مەكتەپ تەشكىلىنى رەتكە سېلىپ چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئىنسپەكتورلاردا شۇنداق ئىمتىياز بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى تەشكىللىدى ۋە بۇ كۇرسلاردا ماتېماتىكا ھەم تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئوتتى. ئۇ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە تەز شۆھرەت قازاندى. ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1943 - يىل 9 - ئايدا رەسمىي ئۇچ سىنىپ، بىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىن تەشكىل تاپقان ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى دولان دەرياسى بويىدىكى يېڭى بىنادا تەنتەنە بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي مۇدىرى ئابدۇللا روزى ئىدى. شۇ يىلنىڭ كەچ كۇزىدە ئوت يۇرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا كەلىشى بىلەن بۇ يەردە كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلدى. ئابدۇللا روزى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوھشاش جەڭگىۋار زىيالىيلارنىڭ جاھالەتكە قارشى كۇرەشلىرى ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەمكارلىقى ئارقىسىدا پۈتۈن ئولكە ھاراكتەرلىك چوڭ ئىشلار مۇشۇ ئاقسۇدا مەيدانغا كەلدى. قىسقىغىنا ئىككى - ئۇچ يىل ئىچىدە ئاقسۇدا چوڭ ھەجىملىك ئوپەرا - درامىلاردىن 10 نەچچىسى سەھنىلەشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە "دراما - ئوپەرا شەھىرى" گە ئايلاندى. بۇ جەھەتتىن ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇنىڭغا نە قەشقەر، نە ئۇرۇمچى يەتىشەلمەيتتى. مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدا مەرھۇم ئابدۇللا روزى يەتەكچىلىكىدىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ مەكتەپ چوڭ تىپتىكى "غەرىپ - سەنەم ئوپەراسى" نى تەييارلىغاننىڭ سىرتىدا، ئابدۇللا روزى يازغان مەشھۇر "ئوگەي ئانا" درامىسىنى سەھنىلەشتۇرۇپ پۈتۈن ۋىلايەتنى زىلزىلىگە كەلتۇرگەن. شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى، ل. مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزىنىڭ غايىسى دراما - سەنئەت دولقۇنى ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئىلىم - مەرىپەتنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمايتتى. بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر جانلىق مىسالنى كورسىتىپ ئوتۇش كۇپايە، بىر كۇنى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى دارىلمۇئەللىمىننىڭ يېڭى بىنا مەيدانىدا ئارىغا ئەلىۋەلىپ، شائىرنىڭ رەسساملىق ماھارىتىنى سىناپ كورمەكچى بولۇشىدۇ. لۇتپۇللا دەرھال ماقۇل بولىدۇ -دە، خېلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەگەشتۇرۇپ سىنىپقا كىرىدۇ ۋە قولىغا بور ئېلىپ، قارا دوسكىغا رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ: ئوڭ تەرەپكە كىتاب كورۇۋاتقان ئىلاھىي قىزنى، سول تەرەپكە مەۋىلىرى قىزىرىپ پىشقان ئالما دەرىھىنى بەش مىنۇت روزىگادا سىزىپ چىقىدۇ. ئىلاھىي قىزنىڭ ئۇستى تەرىپىگە "مۇزەيۇس" دېگەن سۆزنى يېزىپ قويىدۇ - دە، سىنىپتىن ئالدىراش چىقىپ كەتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ، رەسىمدىن مەنە تاپالماي، ئابدۇللا روزىنىڭ شەرھىلەپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇللا روزى بۇ تەپىشماقنى يەشىپ بېرىدۇ: خېلىقى سۇرەتتىكى ئىلىم - پەننىڭ پىرى "مۇزەيۇس" ناملىق ئىلاھىي قىز ئىكەن. ھازىرقى مۇزەي دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققانىكەن. رەسىمدىكى مەنە: پەقەت كىتاب ئوقۇغاندا ۋە بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن مەۋىگە ئەرىشەلەيدۇ، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ جاۋابتىن بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمىگە ھەيران قەلىشقان. ئابدۇللا روزى يەنە "ئارزۇ" تەھەللۇسى بىلەن ئاقسۇ گېزىتىدە نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئېلان قىلدى. "ئاپرەل ئوزگىرىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى"، "كەلپىن ۋە دولان شىۋىلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان "ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئەسىرى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەينى يىللاردىكى بىردىنبىر مۇھىم دەرسلىكى ئىدى. ئۇ، بۇ دەرسنى ئۆزى بېرەتتى. دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن شېئىرىي زجانىرلار ئۈچۈن كۆپىنچە ل. مۇتەللىپ ۋە بىلال ئەزىزنىڭ ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن يوغۇرۇلغان شېئىرلىرى مىسال قىلىپ كىرگۇزۇلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ "شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ" ناملىق شېئىرىمۇ بار ئىدى. بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر كۇپلەتىنىڭ باش مىسراسىدىكى بىرىنچى ھەرپنى تەرىۋەلىپ قوشقاندا "ياشاش ئۈچۈن كۇرەش" دېگەن ئىنقىلابىي شوئار چىقتى. ئۇنىڭ ئۆزى يازغان بىر مۇۋەششەھ شېئىرىدىن "كۇچ ئۇلاش" دېگەن ياڭراق يەكۇن چىقاتتى. "ياشاش ئۈچۈن كۇرەش"، "كۇچ ئۇلاش" - ماركسىزم پرىنسىپىغىمۇ، دارۋىنىزم پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كەلەتتى. ئابدۇللا روزى مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى باش ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ جەڭگىۋار غايىنىڭ تۇرتكىسىدە يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە "ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئۇلار ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كوتۇرۇش يولىدا مەھپىي ھەرىكەت ئېلىپ بەرىۋاتقان چاغدا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئەلىنىپ، 1945 - يىلى تەررورلۇق بىلەن ئولتۇرۇپ تاشلاندى. ئابدۇللا روزى شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى... 1942 - يىلدىن كېيىن سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىن ئوزگىرىپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە تۇرمىلەرگە تاشلىنىپ ئولتۇرۇۋەتىلدى. شۇنداق قىلىپ، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە بىر مەھەل گۇللەنگەن مائارىپ ھاراب بولۇپ كەتتى، مەكتەپلەر تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قالدى، نادانلىق ۋە جاھالەت قايتىدىن باش كوتۇردى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رايونىدا مىللىي مائارىپ گۇللەپ ياشنىدى.
    مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى كۇنسايىن ئوستى. ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت دەپ تونۇلدى ۋە ھۆرمەت قىلىندى. مەرھۇم ئەھمەتجان قاسىمى مۇنداق دېگەنىدى: "
    سىنىپتا قالاق ئوقۇغۇچى قالمىسۇن دەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ قانچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. كىشىلىك جەمئىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ مېھنىتىدىن پەخىرلىكرەك مېھنەت يوقتۇر، چۈنكى، ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت، دۆلەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر." ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 295 كە، سىنىپ سانى 980 گە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 1051 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 28 مىڭ 345 كە يەتكەن بولسا، 1949 - يىل 9 - ئايدا مەكتەپلەرنىڭ سانى 342 گە، سىنىپ سانى 1321 گە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 1413 كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 39 مىڭ 269 غا يەتىپ بارغانىدى. 1950 - يىلى جەدۋەللەشتۇرۇلگەن سانلىق مەلۇماتتا ئىلى ۋىلايىتى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1134 سىنىپ، 39 مىڭ 734 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 180 سىنىپ، 4938 ئوقۇغۇچى؛ ئەھمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى، تىببىي مەكتەپ، ھۇنەر - كەسىپ مەكتىپى ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان 2096 ئوقۇغۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 768 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بولغانىدى. ئۇ چاغدا غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئاتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان "مۇراد مەكتىپى" 27 سىنىپقا كۆپەيگەنىدى. ئۇچ ۋىلايەت مائارىپىدا قىسقىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇر، ۋراچلار، رادىست، پوچتاليونلار يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار تاكى كېيىنكى كۇنلەرگىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرو كۇچلىرىدىن بولۇپ مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىزغىن قاتناشچىسى - مەرىپەتپەرۋەر شائىر نىمشەھىتنىڭ "بىلىم ئىشقىدا" سەرلەۋھىلىك توۋەندىكى شېئىرى ئەينى زاماندا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان مەرىپەت ھىتابى ئىدى. جاھان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر گۇزەل يار يوق، بىلىمدىن ئوزگە تۇتقان بار، بولۇر ئۇ گاھىدا يار - يوق. قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۇن يولداش، ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سەنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يۇق. كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئوزگە يار تۇتساڭ، بەشىڭغا چۇشسە بىر كۇنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى ھار يوق. بىلىمگە ئاشنا بولسا، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول، ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ئەسلى گۇلزار يوق. ئوزەڭنى نىمشەھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان، بىلىمدىن يۇز ئورىگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق... ئىزاھاتلار: (1) مىللىي بىرلىك سەپ - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپنى كورسىتىدۇ. (2) (3) "شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى" 1982 - يىل، 5 - سان 176 - بەت، 180 - بەت.
    11 - باب سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق

    بىز يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كېيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز. مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ تارىخشۇناسلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مېتودى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۈر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۈپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئېلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. مەشھۇر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: "باشقىلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك" دېگەنىدى. يەنە بىر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس كاندەل: "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۇزۇلدۇرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدۇ..." دەيدۇ. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون) ئۆزىنىڭ "پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى" ناملىق ئەسىرىدە: پەرسىيە ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پەرسىيە بىلەن يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى، تەشكىلىي تۈزۈملىرى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مەتودى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلغان. قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 - 43 - يىللار) ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان. لېكىن، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قېتىم سىستەمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 -- 5771 ئانتونى جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 - يىلى "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر مائارىپچىلىرى ئوزئارا نازارەت قىلىش، ئوز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. 1831 - يىلى يەنە بىر فرانسۇز پەداگوگى ۋىكتۇر (1792 - 1867 - يىللار) "پروسسىيە مائارىپى" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تەھىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 - باسقۇچقا كوتۇرۇلدى. مەشھۇر ئىنگلىز پېداگوگى سادلىر (3491 -- 1681 مىچھائەل سەدلەر) "مائارىپ مەسىلىلىرى" ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ بايان قىلدى. 1898 - يىلدىن باشلاپ سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامىرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىشقا باشلىدى. مەخسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى" دېگەن نامدا كۆپ توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مەتودى توۋەندىكى ئۇچ كاتەگورىيىگە بولۇنىدۇ: 1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سېلىشتۇرۇش مەتودى: بۇ مەتود بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى بويىچە سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۇرگۇزۇلىدۇ. 2. گورىزۇنتال (پاراللەل) سېلىشتۇرۇش مەتودى: بۇ مەتود بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سېلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 - يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170، قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73،
    قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن توغرا كېلىدۇ. يەنە 1980 - يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230 دىن توغرا كېلىدۇ. شۇ يىللاردا ئا ق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10 مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دەموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا 10.5، تۈركىيىدە 68 دىن توغرا كېلىدۇ. 3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مەتودى: بۇ مەتود بويىچە ئاھبارات - ماتەرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كوزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا توپلانغان پاكىت - ماتەرىياللار سېلىشتۇرۇلۇپ سىستەمىغا سەلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ھازىر ئىلىم - پەن ۋە تەھنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش ۋە يېڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تەزلەشمەكتە. ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ كورۇشىچە، 16 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 - ئەسىردە 106 خىلغا، 18 - ئەسىردە 156 خىلغا، 19 - ئەسىردە 546 خىلغا، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 961 خىلغا يەتكەن. 60 - يىللاردىن كېيىن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى يېڭىلىنىش ۋە كەشپىياتلار ئاجايىپ تەز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يېڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تونۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ قەلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە "ئومۇرۋايەتلىك مائارىپ" يۈرگۇزۈلمەكتە. بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاددىي سانلارنى كورسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەلىم - تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۈزۈمى، مائارىپ ئىقتىسادى، مائارىپ پسىھولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋەرتىكال تەتقىقات مەتودى كۆپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خەتى بىلەن يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 - توم قەھرىمانلىق داستانى "كەلكىمىش" (1) دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئوتتى: 1) مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كېلىپ چىقىشى؛ 2) كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3) ئەدەبىي ئويغىنىش (ئىلىم - مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4) سانائەت ئىنقىلابى تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5) ھازىرقى زامان ئەلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا بايان قىلىپ ئوتۇلگەندەك، خاراكتېرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بولۇنىدۇ. مەسىلەن: 1) ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2) مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3) كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4) يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5) ھازىرقى زامان مائارىپى باسقۇچىدا. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس توۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قۇيۇق دىنىي تۈس ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە ئەدىبلىرى تۈرلۈك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بارلىق تىل، ئەدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى..." ("جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.") مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم - سەنئەت كوز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يەتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ 2 - مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەھىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەھىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى يېتىشتۈرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يەتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كەلەچەكشۇناسلىقنىمۇ قەتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. مائارىپ كېلەچەكشۇناسلىق (فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 - يىلى تۇنجى قېتىم نەمىس پەداگوگى پولئىستەمىر ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 - يىلى ئامېرىكىدا "خەلقئارا كېلەچەكشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كەلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر ئامەرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى. لېنىن مۇنداق دېگەنىدى: "يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئوتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كەلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كېرەك." ("لېنىن ئەسەرلىرى" 21 - توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 - بەت.) ھازىرقى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىمۇ كەلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئېغىر مەجبۇرىيەتلەر يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسەرى پەننىڭ تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيەكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۈچكە (زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كېلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۈچۈن ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا چەكلىك ئومۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن يالغۇز بۇگۇننى كوزلەپ ئۆگىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كوزلەپ ئۆگىنىش لازىم. ئەمەلىيەتتە تەلىم - تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۈچۈن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت ئۈچۈن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار بولسا تەبىئىي "بىرىنچى" ئۇستاز بولۇشى كېرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. ئىزاھاتلار: (1) 1872 - يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى «نەۋى ئوردىسى» دىن تېپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىرلەشتۈرۈلگەن مەشھۇر داستان.
    分享到:

    评论

  • ھارمىغايسىز، بىلىۋېلىشقاتىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن.
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.