ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-07-08

    قەدىمكى مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/68522065.html

    مەركىزى ئاسىيادا مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرى كونا تاش قۇرال دەۋرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە تەدرىجىي ئۆتۈش مۇمكىنلىكلىرىگە ئېرىشتى.يېڭى تاش قۇرال(نېئولىت) دەۋرىدە ئىنسانىيەت تەييار تاشنى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ۋە تاشنى يېرىپ، سۇقۇپ-سۇندۇرۇپ قۇرال قىلىشتىن تاشنى سىلىقلاپ ئىشلەشكە ئۆتتى. مېتال كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ كۈچلۈك جىسىم بولغان تاش ئەمدى ئىنسان ئېھتىياجى ۋە ئىرادىسىگە بېقىپ سىپتا قىلىنىپ پىششىقلاپ ياسالدى. تاشنى قىرىش، ئويۇش، تېشىش- ئەينى زاماندىكىى تۇنجى «سانائەت ئىنقىلابى» بولدى. تاش ئوتىغۇچ، تاش پالتا، تاش قاچا، تاش نەيزە ۋە ئوقيا ئۇچى، تېشىلگەن تاش مۇنچاق قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولدى. يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدە سۆڭەك، ياغاچ ۋە تېرە قۇراللىرىمۇ زور ئىسلاھ قىلىندى. ئوتتىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىش، تېرە ئەيلەش، يىڭنىدە تېرە كىيىملەرنى تىكىش ئاددى كىگىز-پالاس ياساش، مېۋىلەر، كېيىنچە خېمىرلارنى ئېچىتىش، ھاۋانچا ۋە يارغۇنچاقنىڭ ياسىلىشى يېڭى تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئاجايىپ ئۇتۇقى بولدى. كېيىنچە تاغ ئۆڭكۈرلىرى، ساي -جىلغىلاردىن كۆپلەپ ساھىللارغا يۆتكەلگەن، ئىپتىدائىي ئېكىنچىلىق ۋە باقما چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي ئىنسان تۇپراقتىن ئوتتا ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇشنى ئىختىرا قىلدى.تاشنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن ساپال(كاش، كۇلال) چىلىق يېڭى تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئىككى قانىتى بولدى. ئىنسانىيەت تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدە يارىتىلىشقا باشلىغان قۇرال ۋە بۇيۇملاردىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇلار تولۇقلاندى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، خالاس.
    مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلى ئىپتىدائىي پادىلارچە تۇرمۇش شەكلىدىن ئانا ئۇرۇقى-تۇنجى ئاڭلىق نەسىلداشلىق جامائەسىگە ئۆتۈش بىلەن خاراكتېرلەنگەن. دائىمىي تۇرارجاي، كوللېكتىپ ئەمگەك، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ بىرقەدەر زاپاس ساقلىنىشى، پائالىيەت رايۇنلىرى ۋە پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ كېڭىيىشى، نەسىل كۆپەيتىش ئېھتىياجلىرىنىڭ جىددى بېسىمى، يات جامائەلەر ۋە ئورۇقداشلىق جامائەسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئەڭ دەسلىپىدە ئانا ھۇقۇقىنى ئاساس قىلغان تەشكىلات-ئانا ئۇرۇقى جامائەسى(ماتېرىئارخاللىق تۈزۈمى) دىن باشلانغان.ئانا ئۇرۇقى جامائەسى مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرى تارىخىدا ئىپتىدائىي قانداشلىق-ئۇرۇقداشلىق -ئېتنولوگىيلىك ئاڭ بىلەن ئىپتىدائىي ھوقۇق- نوپۇز ئېڭىنى نامايەندە قىلدى. شۇ ئاساستا ئىپتىدائىي تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت قاراشلىرى، ئەم-ئىرىم ئادەتلىرى مەيدانغا كەلدى. يىراق ئەجدادلىرىمىز ئەگەر مۇز دەۋرى مۇھاسىرىسى ۋە غار تۇرمۇشىدا، تەييار تاش-توقماقلار بىلەن ئوتتىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت قارنىدا، تەبىئەتنىڭ ئىسيانكار بىر قىسىمى ياشىغان بولسا، مۇز دەۋرىدىن كېيىنكى ئۇچۇق زېمىندا مىللىيەتلىك تۇرمۇش رېلىسىغا قەدەم قويدى. مۇشۇ چاغدا، دەل مۇشۇ چاغدىلا مەركىزى ئاسىيا خەلقىگە مەركىزى ئاسىيا ئېتنىك تامغىسى بېسىلدى. ئانا ئۇرۇقىدىكى نىكاھىنىڭ چەكلىنىپ، باشقا ئۇرۇقلار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ كۈچىيىشى قانداشلىق توقۇلمىسنى كېڭەيتتى.
    يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىكى ئانا ئۇرۇقى جامائەسىدە ئىنسانىيەت تەييار ئۆڭكۈرلەر ۋە قېزىلغان لەخمىلەردىن تاشقىرى يەنە ساتما ئۆيلەر ۋە چوڭ-كىچىك جامائە كەپىلىرى ياساشقان. ئۇلار دەريا ساھىللىرى ۋە بوستانلىقلارغا ئىجتىمائىي ھايات تورىنى يايدى. بۇ ھال ئىپتىدائىي ئېكىنچىلىق ۋە ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيتىنى پەيدا قىلدى.
    ئوقيانىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى مەرگەن-ئوۋچىلارنىڭ يەككە پائالىيتىگە مۇمكىنلىك يارىتىپ بەردى. ئىت ۋە ئوۋ قۇشلىرى ئۇنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە كۆندۈرۈلدى. ئارقىدىنلا قوي، ئۆچكە، كالا قاتارلىقلارمۇ ئۆزلەشتۈرۈلدى. بۇ چاغلاردا ئات ۋە تۆگىلەر تېخى تەرسا ۋە ياۋا ئىدى. قارماق، تور ۋە نەيزىلەر بىلەن بېلىق تۇتۇش، ياغاچنى ئويۇپ(ياكى كۆيدۈرۈپ) ياسالغان قېيىقلاردىن پايدىلىنىش ئانا ئۇرۇقى جامائەسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ تەرەپلىمە راۋاجلانغانلىقىنى نىشانلىدى. مىلادىيدىن ئىلگىرىكى ئون مىڭىنچى يىللار ئىچىدە تۈركمەن-خۇراسان زېمىنلىرىدا مۇز دەۋرى ئاخىرلىشىپ، مىلادىيدىن ئىلگىرىكى بەش مىڭىنچى يىللاردا يەنسەي-ئوب ۋادىلىرى مۇزدىن يا