ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-08-27

    كروراننىڭ نوپۇسى ۋە كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/73813905.html

    غالىب بارات ئەرك

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەملىكەت مىقياسىدا قوزغالغان كروران قىزغىنلىقى كىشىلەرنى قىزغىن بىر تېمىغا جەلپ قىلماقتا ، ئۇ بولسىمۇ كروراننىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ ئۇلار نەگە كەتكەن ؟ زامانىمىزدا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بارمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ماقالىمىزدا ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىنىدۇ .
    كروران مىلادىيەدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بىر شەھەرنىڭ ۋە شۇ شەھەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بىر كىچىك دۆلەتنىڭ نامى . بۇ خاندانلىق دەسلەپ كروران نامىدا ، كېيىنچە چەرچەن خاندانلىقى نامىدا زاھىر بولىدۇ . ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى دەسلەپ لوپ كۆلى بويىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىنى كۆرسەتكەن بولسا ، مىلادىيە 2 – ئەسىردىن باشلاپ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيا ناھىيىلىرىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز ئىدارىسىغا ئالغان . بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان كروران ئەينى دەۋردىكى كروران ۋە چەرچەن خاندانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسى ئاساس قىلىندى .
    بىز ‹‹ خەننامە›› دىن كروران ، چەرچەن خاندانلىقلىرىنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەرچەن ئېلىنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، چەرچەن خاندانلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى كروراندىن پارچىلىنىپ چىققان . چەرچەن خاندانلىقىنىڭ نامى خەنزۇچە مەنبەلەردە鄯善国 دەپ ، ھاكىمىيەت تىل يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغان قارۇشتى تىل يېزىقىداkroraina دەپ يېزىلغان ، خارابىلىكلەرنىڭ جايلىشىشى بىلەن نوپۇسنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالغاندا بۇلار لوپ كۆلى بويىدىن تاكى مىرەن خارابىسىغىچە بولغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ . كروران ئېلىنىڭ نوپۇسى ئېھتىمال مەردەك (padäka) ۋە كىتىك (katak~kadag) شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولىشى مۇمكىن .
    مىلادىيە 400 – يىلى چەرچەندىن ئۆتكەن راھىب فاشەننىڭ خاتىرىسى يەنە بىر ۋاستىلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ، 17 كۈن يول يۈرۈپ چەرچەن خاندانلىقىغا كەلگەنلىكىنى ۋە بىر ئاي تۇرغانلىقىنى ، بۇ يەردە 4000 دىن ئارتۇق كىچىك كۆلۈڭۈ ( ھىنايانا ) راھىبى بارلىقىنى خاتىرىلىگەن . راھىب فاشەن چەرچەن خاندانلىقىدىن چىقىپ غەربىي شىمالغا يۈرۈپ 15 كۈندە ئاگنىي (偽夷国)غا بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
    ‹‹ سۇڭنامە ›› 98 – جىلد ‹‹ دى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە ››دە ‹‹ … يۈەنجىيا 19 – يىلى ( مىلادىيە 442 – يىلى ) 4- ئايدا ، جۇرچى ئۇرغۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ، دۇنخۇاڭنى تاشلاپ كۈن پېتىشقا يۈرۈش قىلىپ جۇرچى ئارگۇنىڭ قېشىغا كەتمەكچى بولدى . ئۇلار چەرچەن (鄯善) يېتىپ بارغۇچە ، چەرچەن بېگى بېگى بىلوڭ 4000 دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن جۇرچى ئۇرغۇ چەرچەننى ئىگەللىۋالدى ….›› [1].
    بىز بۇ بايانلارنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، بۇنىڭ بىرىنچىسى راھىب فاشەننىڭ دۇخاندىن چىقىپ چەرچەن ئارقىلىق ھازىرقى قاراشەھەرگە بېرىشى . راھىب فاشەن ئاگنىيغا بارغاندا ئاگنىيدا 4000 دىن ئارتۇق كىچىك كۆلۆڭۈ راھىبى بارلىقى يېزىلغان ، ئۇنداقتا ، مۇشۇ دەۋرلەردىكى ئاگنىينىڭ نوپۇسىنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساق، جىن سۇلالىسى ( 265-420 ) دەۋرىدە ‹‹ ئاگنىي ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى ›› [2] . يەنە بىر مەسىلە، مىلادىيە 442 – يىلى جۇرچى ئۇرغۇنىڭ 10 مىڭ ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ تۇرپاننى نىشانلاپ مېڭىپ چەرچەننى ئىشغال قىلغانلىقى ۋە چەرچەن خاقانى بەگروڭنىڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە ( ئاھالىنىڭ يېرىمى )نى باشلاپ چالمادانا ( سارمادان ، ھازىرقى چەرچەن ) گە كۆچۈشىدۇر. يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدە بىزنى داۋاملىق ئىزدىنىشكە مەجبۇرلايدىغان نۇقتا شۇكى، دۇنخۇاڭدىن چىققان راھىب بىلەن جۇرچى ئۇرغۇ باشلىغان نۇرغۇن ئاھالىنىڭ چەرچەنگە ( ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مىرەن بوستانلىقى) بېرىشىدۇر . ئەجابا ئۇلار ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقى ياكى مىرەن بوستانلىقىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىن لوپ كۆلى بويىغا قايتىپ ، ئۇندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىي يولىغا كىرگەنمۇ ؟ بۇنداق بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق . شۇڭا كروران شەھىرىنى مىلادىيە 327 – يىلى ئەتراپىدا ۋەيران بولغان دېگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ ، 5 – ئەسىردىمۇ لوپ كۆلى بويىدا بىر تۈركۈم ( خېلى كۆپ ساندا ) ئاھالىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئاندىن مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز.
    بىز يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن، كروران ~ چەرچەن نوپۇسى ھەققىدە تەخمىنىي سانغا ئېرىشەلەيمىز. مىلادىيەنىڭ بېشىدا چەرچەن ( كروران ) ، نوپچان نوپۇسىنى قوشۇپ ھېسابلىساق 15850 كىشى بولىدۇ ، بىز بۇ مەلۇماتنى تولۇقسىز مەلۇمات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز ، چۈنكى ئۇ دەۋرلەردە ھازىرقىدەك نوپۇس ستاتىسكىسى بولىشى ناتايىن . بىز بۇ سانغا دەريا – كۆل بويلىرىدا تارقاق ياشاۋاتقانلارنى ۋە قوشۇلماي قالغان شەھەر – بازارلار بار دەپ قاراپ ، بۇ ستاتىسكىنى پۈتۈنلەپ 20 مىڭ دەپ قارىساق خاتا بولىشى ناتايىن . راھىب فاشەننىڭ 400 – يىلىدىكى بايانى يەنى چەرچەندىكى 4000 دىن ئارتۇق راھىب بىلەن شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاگنىي ( قاراشەھەر)نىڭ 4000 دىن ئارتۇق راھىبى يېقىن بولۇپ، بۇلاردىن بۇ ئىككى جايدىكى ئاھالىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ، شۇنداق بولغاندا، ۋاستىلىك ھالدا كروران ئېلى ~ چەرچەن خاندانلىقىنىڭ نوپۇسىنىڭمۇ مىلادىيە 400 – يىلى ئەتراپىدا 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز . بىلوڭنىڭ ئاھالىنىڭ يېرىمى ( 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق كىشى) باشلاپ چالمادانا ( ھازىرقى چەرچەن ) گە قېچىشىنى نەزەرگە ئالساق ، مىلادىيە 442 – يىلى چەرچەن ئېلىدە 8000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . بۇنىڭغا ئەينى چاغدا خاندانلىق مەركىزى ۋە شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ يېرىمىنى يەنى 4000دىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ چالماداناغا كۆچكەن دەپ قارىساق ( تارىخ كىتابلىرىدا شۇنداق دېيىلگەن)، ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8000 ئائىلىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ ، مۇشۇلارغا ئاساسەن شۇ ۋاقىتلاردا 9 – 10 مىڭ ئائىلە كىشى بارلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن . بىز بۇلارنى 10 مىڭ ئائىلە دەپ قارىساق ۋە مىلادىيەنىڭ بېشىدىكى ( ‹‹ خەننامە›› دىكى ) ھەر بىر ئائىلىدە 9 جان بولۇش نىسبىتى بىلەن ھېسابلىساق ، 442 – يىلى كروران ~ چەرچەن خاندانلىقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 90 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز . مانا بۇلارغا ئاساسەن كرورانلىقلار مىلادىيەنىڭ بېشىدا 20 مىڭ بولغان، 442 – يىلىغا كەلگەندە 80~ 90 مىڭغا يەتكەن دەپ قارايمىز . بىز تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا شۇنى دېيەلەيمەنكى ، ئاھالىنىڭ كۆچۈشى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى ، دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ، تاجاۋۇزچىلىق قاتارلىقلار ئاھالىنىڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ‹‹ بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ›› دە مىلادىيە 644 – يىلى ئەتراپىدا كروران دىيارىدىن ئۆتكەن شۇەنزاڭنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، شۇ ۋاقىتتا ‹‹ [چالمادانا ( سارمادان) دىن چىقىپ] شەرقىي شىمالغا 1000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرگەندىن كېيىن نوپ (纳缚波古国 دەپ يېزىلغان ، ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 – ئەسىردە بۇ نامنى نوپ دەپ تەرجىمە قىلغان ) قەدىمكى ئېلىگە كەلدىم ، بۇ كروراندۇر ››[[3] دېگەن بايانىغا ئاساسلانساق، مىلادىيە 645 – يىلىدىن بۇرۇن، كروران ~ چەرچەن خاندانلىقى دائىرىسىدىكى شەھەر بازارلار ۋەيران بولۇپ ئاھالىلەر كۆچۈپ كەتكەن ، پەقەت دەريا كۆل بويلىرىدىكى سانى نىسبەتەن ئازراق بولغان ئاھالىلەر قالغان. شۇنداق بولغاندا، كۆپ سانلىق ئاھالىلەر ھاياتلىق ئۈچۈن باشقا جايلارغا كۆچكەن ، لېكىن تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانساق ، كىتىك ۋە مەردەك شەھەرلىرى بۇ ۋاقىتلاردا ۋەيران بولمىغان ئىدى .
    بىز ئاھالىنىڭ كۆچۈشىنى ئۈچ رايون بويىچە تەھلىل قىلىشىمىز مۇمكىن . 1 – رايون لوپ كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ رايوندا ئاھالىلەر تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ ياشاپ كەلگەن ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىن بۇرۇنلا كروران شەھىرىنى ۋە ئۆز خاندانلىقىنى قۇرغان . ئەمما ، 6 – ئەسىردىن بۇرۇن، كۆنچى دەرياسىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇ تەدرىجىي ئازلاپ، شەھەر – بازارلار ھاياتلىق مەنبەسى سۇدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولغان . شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى تۈپەيلى ، شەھەر ئاھالىلىرى يۇرت ماكانىنى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان . بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىككى قېتىملىق كۆچۈشى ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەردە بەزى ئۇچۇرلار بار . كرورانلىقلارنىڭ 1 – قېتىملىق كۆچۈشى يۇقىرىدا بىز كۆرگەندەك مىلادىيە 442 – يىلى بولغان ، خان بىلوڭ باشچىلىقىدا 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى دائىرىسىگە كۆچكەن ، بۇ ئاھالىنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، چالمادانانىڭ يەرلىك ئاھالىسى چەرچەندىن كۆچۈپ كەلگەنلەردىن ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن تەدرىجىي ، چەرچەن نامى چالمادانانىڭ ئورنىنى ئېلىپ ، بۈگۈنكى كۈنگىچە جاي نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان .
    كرورانلىقلارنىڭ 2 – قېتىملىق كۆچۈشى ھەققىدە ، ‹‹ كونا تاڭنامە ›› 40 – بىلىدىكى‹‹ 纳职 (لاپچۇق) ، جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى كروران خورلىرى قۇرغان ›› [4] دېگەن بايانى ھەم تاڭ دەۋرىدىكى لى جىفۇ يازغان ‹‹ يۈەنخې ئايمىقىدىكى ناھىيىلەرنىڭ تەزكىرىسى ››دىكى ‹‹ ئېۋىرغول … چەرچەنلىكلەر كەلگەن . سۈي سۇلالىسىنىڭ دايې 6 – يىلى ( 610 – يىلى ) بۇ يەردە ئېۋىرغول ئايمىقى قۇرۇلدى . سۈي سۇلالىسىنىڭ مالىمانچىلىق يىللىرىدا بىر توپ خورلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . … لاپچۇق (纳职) جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى قۇرۇلغان، خورلار چەرچەننى لاپچۇق دەيدۇ، شۇڭا لاپچۇق ئاتالغان››[5] دېيىلگەن. ‹‹ قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى››دە لاپچۇق خارابىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ قارلۇقغولنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان . دەريانىڭ شەرقىدىكى ئىككى شەھەر ( بىرى شىمالدا ، بىرى جەنۇبتا ) ، دەريانىڭ غەربىدە بىر شەھەر … دەريانىڭ شەرقىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 150 مېتىر ، سېپىلىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 2 مېتىر ئەتراپىدا ، سېپىل تېمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئەتراپىدا ، شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا قاراغۇنىڭ قالدۇقى ، سېپىل ئىچىدە دۆڭ ۋە ئۆي خارابىلىرى بار . دەريا شەرقىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر قەلئەسى كىچىكرەك بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىردەك ، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىرچە ، شەرقىي شىمالى بۇلۇڭىدا قاراغۇ بولۇپ ئېگىزلىكى 10 مېتىردەك كېلىدۇ . دەريانىڭ غەربىدىكى شەھەر قەلئەسىنىڭ قالدۇق ئۇزۇنلىقى 100 مېتىرچە …. ››[6] دېيىلگەن ۋە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن 493 – يىلى چەرچەن ئېلىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ بۇ يەرگە قېچىپ كېلىپ يۇرت بەرپا قىلغانلىقى ، 630 – يىللىرى بۇ يەردە لاپچۇق ناھىيىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى يېزىلغان . ‹‹ قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى ›› دە يەنە، مىلادىيە 489 – يىلى چەرچەن خورلىرىنىڭ ئېۋىرغولنى ئىشغال قىلغانلىقى ، لاپچۇق شەھىرىنى بەرپا قىلغانلىقى ، 632 – يىلى ئېۋىرغولدا لاپچۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 3 ناھىيە تەسس قىلىنغانلىقى ، 1332 ئائىلە ، 6778 نوپۇس بارلىقى يېزىلغان [7] . مانا بۇلار ئەمەلىيەتتە 1 – رايوندىكى ئاھالىنىڭ كۆچۈشى ھېسابلىنىدۇ . بۇلار ھازىرقى قۇمۇل شەھىرىنىڭ لاپچۇققا ۋە ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە كۆچكەن . يۇقىرىقى ئىككى قېتىملىق كۆچۈش تارىخىي يازمىلاردىكى خاتىرىلەردىن ئىبارەت . بىز يازما خاتىرىگە چۈشمىگەن كۆچۈشنى ھېسابقا ئالىدىغان بولساق، شەكسىزكى بىر تۈركۈم ئاھالە كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ، سۇ قوغلاپ يۇقىرى ئېقىنغا كۆچكەن ، جۈملىدىن كىچىك مىرەن ئېقىنى بويىدىكى ئىزلارغا ، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغا كۆچكەن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن . LA خارابىسىنى مەركەز قىلغان بىر تۈركۈم ئاھالە ھازىرقى مىرەن بوستانلىقى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن . ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانساق، كروران – چەرچەن خاندانلىقىدىكى ئاھالىلەر ياقا يۇرتلارغا جۈملىدىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا بارغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى 鄯善 دىن 鄯 ياكى 善 خېتىنى فامىلە قىلىپ قوللانغان . تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان يازمىلاردىكى 鄯庆، 鄯护 ،鄯愿 ، 鄯好 ، 鄯月光 قاتارلىق ناملارنى [8] كۆرسىتىشكە بولىدۇ . 1930 – يىللىرى لوياڭ شەھىرىدىن 6 – ئەسىردىكى كرورانلىقلارنىڭ قەبرە تېشى بايقالغان ، مانا بۇلار كرورانلىق بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ كۆچۈپ ئىچكىرىگىمۇ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بىز بۇ يەردە 10 – ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ داۋاملىق ئۆز يۇرتىدا ياشىغانلىقىدەك پاكىتنى ئەسكە ئېلىشىمىز زۆرۈر . ‹‹ شاجو ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىراتى ››دا ‹‹ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا شەرقىي تۈركلەرگە تەۋە شەنفۇتو باج سېلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن شەھەرنى تاشلاپ چەرچەنگە قاچتى . تۇيغۇنلار تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشتى …. خورلار چەرچەننى لوپ ( 纳职) دەپ ئاتايدۇ …. ›› دېيىلگەن. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، كروران رايونىدا بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ داۋاملىق ياشىغانلىقىنى ، بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز . مىلادىيە 925 – يىلى ساك تىلىدا يېزىلغان، خوتەن ئالتۇن ئىل ھاكىمىيىتىنىڭ ئەلچىسىنىڭ يول بويلاپ يازغان دوكلاتىدا، كروران رايونىدىكى شەھەر- بازار ئولتۇراق نۇقتىلىرىدىن Kyaurata kamtha ( كروران شەھىرى ) ، Kadaka bisa kamtha ( كىتىك رايونىدىكى شەھەرلەر – چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ 100 كىلومېتىر شىمالىدا) ، Inaka chitta bu ( چوڭ لوپ- چاقىلىق بازىرى ئەتراپى ) بىلەن naha، chunu ( كىچىك لوپ – مىرەن كونا شەھىرى ) بىلەن durtci ( 弩支، ۋاششەھىرى كونا شەھىرى)، Padaka bisa kamtha ( بۇ نام قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇننىڭ ئىسپاتلىشىچە شەھىرى مەردەك دېگەن نامدا ساقلىنىپ قالغان ) ۋە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىكى نام 鄯善 ( 7 – ئەسىردىكى تۈبۈتچە يازمىلاردا Cercen دەپ يېزىلغان ) نىڭ چەرچەن دېگەن شەكىلدە زامانىمىزغا يېتىپ كېلىشى ،纳职 نىڭ ئەسلىسىنى لاپچۇق ( dapaci katha دەپ يېزىلغان )نىڭ ساقلىنىشى… قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز . بۇلارنىڭ ئىچىدە كروران نامىنىڭ Kyaurata سۈپىتىدە ساقلىنىشى ، بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ ئوز يۇرتىنىڭ نامىنى ساقلاپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ[9] .
    2- رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى 10 – ئەسىردىكى ۋەقە بولۇپ بۇ ھەقتە يازما خاتىرە يوق ، لېكىن مىرەن كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى تۈپەيلىدىن ئاھالىنىڭ كۆچكەنلىكىنى ئىلمىي پەرەز قىلىش مۇمكىن . ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانساق، 645 – يىلىدىن بۇرۇن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران بولغان قۇتۇم ~ قېتىم ( 古屯、七屯、khatum، مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىنى كۆرسىتىدۇ) شەھىرى بىلەن قاغان شەھىرى (khavani、扞泥、扜泥、欢泥 ) ئەتراپلىرىغا ، 675 – يىللىرى بىر تۈركۈم ئاھالە يىغىلىپ يۇرتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن . بۇ قېتىمقى گۈللەندۈرۈش ‹‹ شاجو ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى ›› ، ‹‹ شۇچاڭ ناھىيىسىنىڭ چېگرىلىرى ›› ناملىق يازمىلاردا، سەمەرقەندلىك سەردار كاڭ يەندەنننىڭ تۆھپىسىگە يېزىلغان . بۇ قېتىمقى گۈللىنىش ئەلۋەتتە كرورانلىق بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ يۇرت ماكانىنى سېغىنىپ قايتىشى ۋە پېتراپ كەتكەن جايلىرىدىن قايتىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئاۋات بولغان . خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، توققۇز شەھەرچە بەرپا قىلىنغان بولۇپ تاشبالىق (石城)، قۇتۇمبالىق ( 古屯城) ، ياڭىبالىق ( 新城) ، بوربالىق ( 蒲桃城) ۋە شەھىرى سابىز (萨吡) ….. قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بىز بۇ شەھەرلەرنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساقمۇ نوپۇسى ۋە ۋەيران بولغان يىللىرى ھەققىدە يازما ئۇچۇر يوق ، شۇنداقتىمۇ ئارخېئولوگىيە تېپىلمىلارغا ئاساسەن بۇ شەھەرلەرنى 10 – ئەسىردە ، توغرىراقى 11 – ئەسىردىن بۇرۇن ۋەيران بولغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان . بۇ قېتىم كۆچكەن ئاھالىلەر ئالدىنقى قېتىمكىدىن خېلىلا ئاز ئىدى ، شۇڭا بۇلارنى يېقىن قوشنا شەھەرلەر لوپ (罗卜، LOP) ، كىتىك ~ كاتاك (怯台、kadag، KADHAKH ) ۋە مەردەك (padäka) شەھەرلىرىگە كۆچكەن دېيىشكە بولىدۇ .
    3- رايون : كىتىك ، لوپ ۋە مەدەك شەھەرلىرى بولۇپ بۇ شەھەرلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى . بۇلار ئوتتۇرا ئەسىردە، تەكلىماكاندىكى ئەڭ مەشھۇر شەھەرلەردىن ئىدى، 14- ئەسىردە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان . بۇ شەھەرلەردىن لوپ شەھىرى مىلادىيەنىڭ بېشىدىن باشلاپ گۈللەنگەن، شۇ ۋاقىتتىكى يازمىلاردا 弩支城 دەپ ، 7 – ئەسىردە قايتا گۈللەندۈرۈلگەندە ياڭىبالىق دەپ يېزىلغان ، لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردە قەدىمكى نامى بىلەن لوپ ~ نوپ دەپ يېزىلغان ، چاقىلىق ناھىيە ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ غەربىدىكى كونا شەھەر خارابىسىدۇر. لوپ شەھىرىدە مىلادىيە 1276 – يىلىدىن بۇرۇن ئىسلام دىنى ئومۇملىشىپ بولغان . كىتىك شەھىرى تۈبۈتلەر ئىشغالىيىتى دەۋرىدە kadag دەپ يېزىلغان ، 10 – ئەسىردىكى پارسچە ئەسەر ‹‹ ھۇدۇدۇل ئالەم››دە KADHAKH ، 13- ئەسىردىكى خەنزۇچە يازمىلاردا 怯台 دەپ ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا ( 16 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە ) كاتاك ( كىتىك ) دەپ يېزىلغان ( بۇنىڭغا ‹‹ تارىخى رەشىدىي ›› ، ‹‹ مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى ›› ، ‹‹ تارىخىي كاشغەر ( چىڭگىزنامە )›› ، ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››لەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن ) . تارىخىي يازمىلاردا بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى ، ئاھالىسىنىڭ كۆچكەن جايلىرى ھەققىدە ئېنىق خاتىرە بار . مەردەك ۋە كىتىك شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ئەمەس ، ئاز بىر قىسمى مۇسۇلمان ئىدى . بۇ شەھەرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ قاياققا كۆچكەنلىكى ھەققىدە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدىي›› ، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدىي زەيلى ›› ، ‹‹ كاشغەر تارىخى – چىڭگىزنامە ›› ( موللا مىر سالىھ كاشغەرى كۆچۈرگەن ) ، شىريارنىڭ ‹‹ مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا تەزكىرىسى ›› ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› … قاتارلىق كلاسسىك تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 1340 – يىللار ئەتراپىدا شەھىرى كىتىكتە قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ شەھەرنى قۇم باسقان ، مۇسۇلمانلار جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچۈپ، ئاخىرى ئاقسۇ ئايكۆل قاتارلىق جايلارنى ماكان قىلغان . يول بويلاپ ئىزلەيدىغان بولساق، ھازىر كورلا شەھىرىدە لوپئېرىق ۋە ئۇنىڭ بويىدا لوپلۇقلار ، كورلا شەھىرىنىڭ ئايروپىلان ئىستانسىنىڭ شىمالىدا كىتىكلىكلەر كەنتى بارلىقى، چەرچى يېزىسىدىكى بىر بۆلۈك ئاھالىنىڭ ئۆزلىرىنى لوپلۇقلارغا باغلاپ رىۋايەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم . بۈگۈر ناھىيىسىدە كىتىك شەھىرىنى بۈگۈر تەۋەسىدە دەپ قارايدىغان قاراشلار بار . ئاقسۇ ۋە كۇچارلاردىن كىتىكتىن كۆچكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بارلىقى تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم . پىچان ناھىيىسىدە لوپ كارىز ناملىق كارىز بولغاندىن سىرت، مۇشۇ ناھىيىنىڭ لۈكچۈنگە يېقىن بولغان ئامانشاھ مەھەللىسى بار، رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ مەھەللىدىكىلەرمۇ شەھىرى كىتىكتىن كۆچۈپ بارغانلار ئىكەن ، ئۇلار قۇمتاغدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ . قۇمۇل شەھىرىنىڭ لاپچۇقتا بىر تۈركۈم ئاھالە ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى لوپولۇق دەپ ئاتايدۇ. مانا مۇشۇ ماتېرىياللارغا قارىغاندا شەھىرى كىتىك ، لوپ ۋە مەردەكلەر ۋەيران بولغاندا، ئاھالىلەر بىر قانچە توپقا بۆلۈنۈپ كۆچكەن . ئۇلارنىڭ كۆچكەن جايلىرىنى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق ، مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى جايلارغا كۆچكەن بولسا، مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىلەر قەيەرگە كەتتى ؟ ئۇيغۇرچە كلاسسىك تارىخلاردا مۇسۇلمان بولمىغانلارنى قۇم تېگىدە قېلىپ ھالاك بولدى … دېگەندەك ھەر خىل رىۋايەتلەر بار . بۇ خۇددى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنى يېزىشتىن پايدا يوق دەپ، دىنىي قاراش تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك بايانلارنى يازمىغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دىنىدىن قېچىپ شەرققە كۆچكەن ، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كۆچۈرۈپ يۈرۈپ، تەخمىنەن 1360 – يىللىرى ئەتراپىدادۇخان ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بارغان . بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار بولغان يۇغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹ يۇغۇرلار كەلگەن شىجىنىڭ خاجىدىن ›› دا، دەسلەپ قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ، ئوتلاقلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ، قاتتىق بورانلىق، ھالاكەتلىك ئاشۇ يىللاردا يات دىندىكىلەرنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغانلىقى ، ئۇلارنىڭ كۆچە – كۆچە ئۈچ ئايدا توختىغانلىقى يېزىلغان . مانا بۇلار مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىسىنىڭ كېيىنكى كۆچۈپ بارغان يېرى ۋە تەقدىرىدۇر . سېرىق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ۋە مىللەت نامىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ . ‹‹ مىڭ سۇلالىسى تارىخى›› قاتارلىق بەزى يازمىلاردا ئۇلارنىڭ يۇرتىنىڭ چاقىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان . مۇسۇلمان بولغان سېرىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مىللەت نامىنى قوللانماستىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن ئاتايدىغان بولغان .
    كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ . تارىخىي ئەسەرلەر ۋە ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش لوپلۇقلار 18 – ئەسىرلەردىن باشلاپ 1940 – يىلىغىچە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ كۆچۈشى تۈپەيلىدىن، بىر قانچە قېتىم يۇرت ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچكەن . بۇلارنىڭ كۆچكەن يەرلىرى ئاساسەن كېيىن بەرپا بولغان چاقىلىق ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان بوستانلىق ، مىرەن بوستانلىقى ، ۋاششەھرى بوستانلىقى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنلىرىغا قاراپ كۆچكەن .
    خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ، كروران رايونىدىكى كرورانلىقلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەن ئاشۇ ۋاقىتلاردا 100 مىڭغا يەتكەن بولىشى مۇمكىن . ھازىر بىز كۆپىنچە ھالدا خەنزۇچە يازمىلاردا ئۇچرايدىغان ئاخىرقى يىل چېكىنى شەھەرنىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى قىلىپ قوبۇل قىلىۋاتىمىز ، ئەمما ھازىرقى پاكىتلار بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە . كەلگۈسىدە پاكىتلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بالدۇر بولغاندا ،كروراننىڭ 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن . كرورانلىقلار تارىخىي دەۋرلەردە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان . مىلادىيە 442 – يىلى 4000 ئائىلە ئاھالە چالماداناغا يەنى ھازىرقى چەرچەنگە كۆچكەن ، بۇلار ئاھالىنىڭ يېرىمى بولۇپ قالغان يېرىمى يەنىلا ئاشۇ يۇرتىدا ياشاپ قالغان . كروران دائىرىسى خېلى چوڭ دۆلەت بولغانلىقتىن شەھەرلەر ۋەيران بولغان ۋاقىتلاردا، كۆپىنچە دەريا كۆل ۋادىلىرى ۋە گۈللىنىپ تۇرغان شەھەرلەرگە كۆچۈپ ياشىغان . 1 – رايوندىكى شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنىڭ 2 – ۋە 3 – رايونلارغا كۆچۈش بىلەن بىرگە قوشنا بولغان قۇمۇل ۋە چەرچەنلەرگە كۆچكەن . 2 – رايوندىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندا 3 – رايوندىكى كىتىك ، لوپ ۋە مەردەك قاتارلىق شەھەرلەرگە كۆچكەن . 3 – رايوندىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندا ئاھالىلەر بىر قانچە توپقا بۆلۈنۈپ كۆچكەن ، بىر توپى تارىم دەرياسىنى بويلاپ كۆچكەن ، ئۇنىڭ ئىزناسى سۈپىتىدە كورلا شەھىرىدە كىتىكلىكلەر مەھەللىسى ، لوپ ئېرىق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان بولسا ، بۈگۈر ناھىيىسىدە كىتىك ھەققىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇلار كۆچۈپ يۈرۈپ ئاقسۇ ئايكۆلگىچە بارغان ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان . بىر تۈركۈم ئاھالە قۇمتاغ قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ پىچان ناھىيىسىگە بارغان . پىچاننىڭ دىغار يېزىسى ۋە ئامانشا مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ ، پىچان ناھىيىسىدە يەنە لوپكارىز دەيدىغان نام شۇنىڭ يالدامىسىدۇر. مۇسۇلمان بولمىغان كروران ئەۋلادلىرى شەھەرلەر ۋەيران بولغان 14 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۇخاننى نىشانلاپ شەرققە كۆچكەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە سېرىق ئۇيغۇر ( يۇگۇ مىللىتى ) دېگەن نامدا ياشاپ كەلمەكتە . دېمەك 14 – ئەسىردە كرورانلىقلارنىڭ ئاخىرقى كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كەتتى ، لېكىن دەريا – كۆللەرنى ئۆزىگە ھاياتلىق مەنبەئى قىلغان بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئىزچىل تۈردە ئۆز يۇرت ماكانىدا ياشاپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 10 مىڭدىن ئوشۇق ئىدى . ئۇلار تاكى 18 – ئەسىرگىچە ئۆزلىرىنى ‹‹ لوپتۇق ›› دەپ ئاتاپ كەلگەن ، قوشنا ئۇيغۇرلار ئۇلارنى‹‹ لوپلۇق ›› دەپ ئاتىغان ، بۇ خۇددى باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەت نامى بىلەن ئاتىغاندىن كۆرە، يۇرت نامى بىلەن ئاتىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر خالاس . بۇ، لوپ دېگەن جايدا ياشايدىغان كىشىلەر دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە چاقىلىق ناھىيىسىدە لوپنۇر كۆلى ( چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە نۇر قوشۇمچىسى قوشۇلغان ) ، لوپنىڭ قېقىرى ، لوپ لەنگەر ( لوپ جاڭزى ) ، لوپلۇقلار ( چاقىلىق ناھىيىسىكى بىر تۈركۈم ئاھالە ) ، لاپچۇق ( قۇمۇل ناھىيىسىدە ) ، ئابدال ( چاقىلىق ناھىيىسىدە ) ، لوپنۇرلۇقلار ( لوپنۇر نامى 1945 – يىلىدىن باشلاپ كۆنچى نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان ، كېلىش مەنبەئى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن ، لوپنۇر ناھىيىسىدىكى لوپلۇقلار ناھىيە نامىنى قوللىنىپ لوپنۇرلۇق دەپ ئاتالماقتا ) قاتارلىق ناملار تارىختىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە ، بۇ ناملار مۇشۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن بېرى مۇشۇ زېمىندا ياشاپ گۈللەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتقاندا، كرورانلىق زور بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچۈپ كەتكەن ، بىر قىسمى كېيىن قايتىپ كەلگەن ، ئەمما سانى كۆپ بولمىسىمۇ بىر قىسىم ئاھالە ئاخىرقى شەھەرلەر ۋەيران بولغان 14 – ئەسىردىن كېيىنمۇ تارىم ، كۆنچى ، چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئېقىنلىرىنى بويلاپ بېلىق ۋە قۇش ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ، چارۋا بېقىپ ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن ، مانا بۇ كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىنچە كەڭرى ماكانىنىڭ دائىرىدە مۇقىم شەھەر بەرپا قىلمىغانلىقتىن ، رايون نامى لوپنى قوللىنىپ ، ئۆزلىرىنى لوپلۇق دەپ ئاتاپ ، ھازىرمۇ ئارىمىزدا ياشاپ كەلمەكتە .
    ئىزاھاتلار:
    [1] ‹ ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 712 – بەت
    [2] يۈەن زۇلىياڭنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىگىدە تۈزۈلگەن ‹‹ يىپەك يولىنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 79 – بەت
    [3] ياڭ جىەنشىن تۈزۈپ شەرھىيلىگەن ‹‹ قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ( تاللانما ۋە شەرھىي) ›› نىڭشا خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 104 – بەت
    [4] [5]‹‹ لوپنۇرغا ئائىت ماتېرىياللاردىن ئۈزۈندە توپلام ›› ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› خەنزۇ رېئاكسىيىسى 1992 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 12 –، 13- بەت
    [6][7]‹‹ قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 397 –، – ،6-، 7 – بەتلەر
    [8] لىن مېيسۇن ‹‹ كروران – ئەسىرلىك سىرنىڭ يېشىلىشى ›› مەركىزىي پارتىيە مەكتەپ نەشرىياتى 1999 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 194- ،195 – بەتلەر
    [9] خۇاڭ شېڭجاڭ ‹‹ ‹خولستېن قوليازمىسى› بىلەن غەربىي شىمال تارىخ جۇغراپىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› 1984 – يىلى 2 – سان 62 – بەت

    «شىنجاڭ تارىخ مەدەنىييىتى» ژۇرنىلى 2006 – يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان.

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.