ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-08-27

    ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/73815177.html

     

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 

    مائارىپتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى - ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتۇر.

    -ئېمىرسون (ئامىرىكا)

    ئوقۇتقۇچى - ھۆرمەتلىك نام . شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان ، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك . چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل ! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىننى يورۇتقۇچى قۇياش ! مىللەتنىڭ باغۋىنى ، دۆلەتنىڭ مۇرەببى. ‹‹ ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنېرى » !  

    ئوقۇتقۇچى - ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم - پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى ! ئۇ ، بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشكىنى ئاچقۇچى ، ئەقىل دۇردانىلىرىنى چاچقۇچى. ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى ، تارىخ بىلەن ماكان ، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ ، مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى ، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز - پىداكار جەڭچى ، مېھرىبان ، ساپ قەلب ئىگىسى. 

    ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارسىز ئۇلۇغ مەرىپەت ئەزىمەتلىرى ۋايىغا يەتمىگەن بولاتتى . ئەپلاتوننىڭ ئوقۇتقۇچىسى سوقرات ، ئارىستوتىلنىڭ ئۇستازى ئەپلاتون ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇستازى ئارىستوتىل بولغىنىدەك ، ئابدۇراخمان جامىي ئەلشىر نەۋائىنىڭ يېتەكچىسى ، سەددىدىن قەشقەرى جامىئىنىڭ ئۇستازى ئىدى . 

    ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەزى مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . مەسلەن : ھىپوگرات ، فارابى ، ئىبىن سىنا ، تاتاتۇڭا ، شۈەنزاڭ ، گېگىل ، كۇڭزى، قىدىرخان ، ھۈۋەيدا ، ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۇملىسىدىندۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت رىشتىسى يەنى كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت گىرەلەشكەن بولىدۇ . ئۇ ، ئوشېنىسكىي ئېيىتقاندەك ‹‹ مەنسەپدار تۆرە ئەمەس ، مەنسەبدار تۆرە - ئوقۇتقۇچى ئەمەس. » 

    ئەمما ، تا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈندۇر ئوقۇتقۇچى ، جەمئىيەت يېتەكچىلىرى ، ئەھلى - جامائەت ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ، تۇغقان - دوستلىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەتلىك نامنى ، ئوقۇتقۇچىدەك بۇ تارىخى كۈچنى ، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ مەنىۋى شەرتلىرىنى بىردەك ھېس قىلغان ، چۈشەنگەن ، قەدىرلىگەن ئەمەس . نەتىجىدە مائارىپتا بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەسىللەر ساقلانماقتا. 

    ئىككى ئۇلۇغ ھامىي ۋە بىر مۇقەددەس قەلىب

    ئىككى ئۇلۇغ ھامىيىنىڭ بىرى ئانا ، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت . ئۇلارنى بىلمەك ھەرقانداق بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە شەرتى ، ئۇلارنى قەدىرلىمەك ھەرقانداق مۇھەببەت ۋە كامالەتنىڭ بوسۇغىسى ! ئوخشاشلا ، ئۇلارنى خارلاش بارلىق خارلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە باشلىنىشى! 

    ئانا - بارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پوئېزىيىلىك ئىبارە . ئەنگىليىلىك يازغۇچى تېككىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا « پەرزەنت دىلى ۋە تىلىدىكى تەڭرى » . شۇڭا ئۇ ھەممەيلەن باش ئېگىدىغان ئۇلۇغ مېھىر - مۇھەببەت مۇئەككىلى ، تۇنجى تەلىم - تەربىيە مۇرەببى . بالزاك ئېيىتقاندەك ‹‹ مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا » . 

    ئوقۇتقۇچى بولسا ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى يەنە بىر ئۇلۇغ سىما. ئۇ ئىستەك ئويغاتقۇچى ، تەپەككۇرغا يېتەكلىگۈچى ، ئەقىل ئىزلىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ پىداكار قەلبى ، تەپەككۇر خەزىنىسى ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بەخىش قىلغان ئانىلىق پەرۋىشى ۋە ئانىلىق تەربىيسىنىڭ يېڭى قاتلامدىكى داۋامى بولۇپ ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ تەربىيچىنىڭ يۈرىكى بىر. 

    ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ھەممە پەرزەنىت ، ھەممە شاگىرت ، ھەممە جامائەت بۇ ئىككى زاتنىڭ بىر - بىرىگە تەققاس قەدىر قىممىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ . ئوخشاشلا ھەممە ئانىلار ۋە ئانا بولغۇسى قىزلار ، ھەممە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئوقۇغۇچىلار مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى ھالقا - ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى قانداق ئاڭ ۋە قانداق سۈپەتكە ئىگە بولۇشى لازىملىقنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ . بىلىش كېرەككى بۇ بىر پاجىئەلىك ھادىسە! 

    بىزدە « زېھىن سىناش » دەپ ئاتالغان ئەنئەنە بويىچە « تاپقىرلىق » دېيىلىدىغان مۇسابىقىلەردە مەشھۇر كىنو چولپانلىرى ۋە ناخشا - ئۇسسۇل چولپانلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ - يۇ ، مەشھۇر مۇئەللىملەر ، ئالىملار ، كەشپىياتچىلار ، ئەدىبلەرنىڭ ناملىرى كەمدىن - كەم تىلغا ئېلىنىدۇ ، ھەتتا ئېلىنمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرىدىن ناھايىتى كۆپ كىشلەر خەۋەرسىز . بۇنىڭ سەۋەبى ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ ئۇلۇغ مۇرەببە دەرىجىگە كۆتۈرلۈپ تەشۋىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولغان . بۇ ناھايىتى نازۇك « بوش قالغان » ئۇللۇق خىزمەتتۇر. 

    ئەجىرلىك ، ئەمما جاپاكەش كىشلەر 

    ئوقۇتقۇچىلار تارىختىن بېرى ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىشتى . ئۇلار خۇددى قىزىل قان دانچىلىرىدەك ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ ھەممە قىسمىغا تارقالغان، ئۇلار كۆتۈرگەن مەرىپەت مەشئېلى يىراق چۆل - جەزىرە ، تاغ - جىلغىلاردىن تارتىپ ئاۋات شەھەرلەرگىچە ھەممىلار يەرنى يورۇتماقتا. ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىمىز بويىچە ئېيىتقاندا ئومۇمەن ئوقۇتقۇچىلار بىر قانچە قۇرلا كىيمىنى يۇيۇپ ، تازىلاپ كىيىپ ، كىچىككىنە ئائىلىسىنى قاتتىق تېجەشلىك بىلەن باشقۇرۇپ كىشلەرگە يول بېرىپ يول تالاشماي ، قول بېرىپ قول تالاشماي ياشاپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە كۆرىدىغىنىمىز تامدىكى گىلەم ئەمەس دۇنيا خەرىتىسى ، مەرەپكە تىزىلغىنى قېلىن يوتقانلار ئەمەس ، دېرىزە تۈۋىدىكى شىرەگە قويۇلغان كىتاپ - دەپتەرلەر بولدى ، ھەرخىل نامراتلىق كېسەللىكلىرى بولۇپمۇ سىل كېسىلى ئۇلارنى تېخىمۇ ياداڭغۇ ، ئاۋاق قىلىپ قويدى. 

    يېقىندا بىر باجگىرنىڭ بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى توغۇرلۇق تولىمۇ مەنسىتمەسلىك بىلەن مەغرۇر ئاھاڭدا ‹‹ كىمكى دەپتىمەن ، ئۇ بىر ئەپەندىكەنغۇ ناھايىتى! » دېگىننى ئاڭلاپ قالدىم . بۇ سۆز ئادەتتىكى بىر باجگىرنىڭ ئېغزىدىن چىققان سۆز بولسىمۇ ، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتتە ، سىياسىي ، مەمۇرىي، مالىيە - سودا ، كىنو - تىياتىر ، ھەربىي - ساقچى خادىملارغا سېلىشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ جامائەتچىلىك نەزەرىدە قانچىلىك ئورۇنغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر روشەن مىسالى. 

    راسىت ! ئۇلارنىڭ قوللىرىدا سىياھ ، ئۈستىدە بور توزانلىرى بار .ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا ياكى رېزىنكە تامغا ياكى پۇل چېكى يوق . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خۇددى ئەختەم ئۆمەرنىڭ « قارا جاڭگال » ھېكايىسىدىكى « جاڭگال پەرىشتىسىدەك » بىكارغا دېگۈدەكلا خىزمەت قىلماقتا. مۇشۇنداق ئەپەندىچىلىك ، مۇشۇنداق خانىملىق بىلەن ۋىجىك قېرىغان ، كېسەل ئازابىغا چۆكۈپ قالغان ، كىشلەر نەزىرىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مويسىپىت ئۇستازلار ئازمۇ ؟ ئۇلار « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ›› نىڭ داغدۇغىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمەيدىغۇ ؟! ئۇلار پىنسىيگە چىققان پېتىچە بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ . ئۇلار قاتلاملارنىڭ ئەڭ تېگىدە ، ھالقىلارنىڭ ئەڭ كەينىدە تۇرىدۇ .مەسىلە شۇ يەردىكى ، دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تارىخىي بىناكارلىق - ئىنسان قەلبىنى يارىتىدىغان ئىنجىنېرلاردۇر.شۇنى بىلىش كېرەككى ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنگەن جاي دەل بەخت قۇشى بولغان ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان ماكانىدىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنمىگەن جاي - ئالتۇن كۆمۈلگەن خارابە ئۈستىدە ھۇۋقۇش ھۇۋلايدىغان ماكاندىن ئىبارەت. 

    تۆلەپ بولمايدىغان قەرز ، كەچۈرۈپ بولمايدىغان ۋاپاسىزلىق

    ‹‹ ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىرىنچى بەلگىسى .›› - (پۇشكىن)

    ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى. ئۆز ئاتا - ئانىسىدىن ، ئۆز ئۇستازلىرىدىن ، ئۆزى تەربىيە ئالغان مۇئەللىمدىن پەرزەنىتلەر ، ياش ئەۋلاتلار تۆلەپ بولغۇسىز قەرزدار ، ۋاھالەنكى ، بىزدە ئۆز ئۇستازىنى ھاقارەتلەشكە ، ئۆز مۇئەللىپىگە خىيانەتكارانە ھەرىكەتتە بولۇشقا ، ئۆز ئوقۇتقۇچىسى - يېتەكلىگۈچىسىنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چاڭگال سېلىشقا ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ، مەنىۋىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىكىگە زىيان - زەخمەت قىلىشقا پېتىنىدىغان تۇزكور شاگىرتلارمۇ بار . مېنىڭچە ، ئۆزى سۆيۈپ ، پەرۋىش قىلغان ئوقۇغۇچىسىدىن كۆرگەن ۋاپاسىزلىقتىنىمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك. 

     ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرەر كان ، بىرەر كارخانا ياكى بىرەر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەس ، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار توپلانغان ، مائارىپ بىناكارلىقى ئادا قىلىنىۋاتقان ئورۇننىڭ تەشكىلاتچىسى ، پاسىبانى ، مۇلازىمى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك .مائارىپ ئۆز ماھىيتى بىلەن تۆرىلەردىن خالىي ماكان بولۇش كېرەك .ئۇنىڭدا كىبىر كۈلكىلىك ، كۈچ كۆرسىتىش ئەخمەقلىق ، ھەممە ئىشتا ، ھەر دائىم ئوقۇتقۇچىلارنى قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇپ قەدىرلەش ئارقىلىقلا خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئاسمىنى يورۇيدۇ . پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ قەدىرلەشكە ، دائىم ئەسلەپ تۇرۇشىمىزغا تېگىشلىك ئىنسانلاردۇر. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەجدادلارغا ، ئىلىم- مائارىپ پىشۋالىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭى ، ئەنئەنىسى ۋە ئەخلاقى . بۇنداق ئاڭ ، ئەنئەنە ۋە ئەخلاق بولمىغاندا ھەرقانداق ‹‹ئەقىل » ، « قابىلىيەت»، « تەدبىر » تېگى تۆشۈك كورىدەك ئەسقاتماس بولۇپ قالىدۇ . ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىغا رەھبەر بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ « چۈجە خوراز»  ئەلپازى ئوقۇتقۇچىلارغا بەكمۇ ھار كېلىدۇ . ياش پەرقىگە كەلگەندە « ياشلىق بىلەن قېرىلىق ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ بەكمۇ قىسقا » - (مۇنتسكيۇ ) ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئارىدا زامانداش بولۇشقا كاشىلا قىلىدىغان مىڭ يىللارنىڭ يوقلىقىنى ئەقىل بىلەن ئويلاش كېرەك. 

    ئوقۇتقۇچىنى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ، تۇغقانلىرى ، دوستلىرى قوللىشى ، ھۆرمەتلىشى ئىنتايىن مۇھىم . دەرۋەقە ، بىر قانچە قىرىنداش ئىچىدە « ئەپەندى » بولغىنىنىڭ كىرىمى تۆۋەن ، ئۆسۈشى ئاستا ، قوشۇمچە تاپاۋىتى يوق بولۇشى مۇمكىن . ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئەجرى كەم ، تۆھپىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس . باشقا بايلىق ۋە كىرىملەر ئىستېمال بولۇپ تۈگىسىمۇ ، لېكىن ئىلىم پۈتمەس- تۈگىمەس بايلىق . ئوقۇتقۇچىنى كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا ، مەنسەپ تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان ئايال ئەسلىدە ئۆز ئېرىگە ئىختىيارلىق بىلەن ئەمەس نائىلاج تەگكەن ئايال . ئۇنداق ئايال ئۆز ئېرىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ سۆيگەن ئايال ئەمەس . مېنىڭچە بۇنداق ئاياللار پات - پاتلا ئېرىنى پەسلەشتۈرىدىغان كوتۇلداشلارنى قىلماي تۇرالمايدۇ . مەن ئويلايمەن ، ئائىلىدە ئوقۇتقۇچىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئىپادىلىگەن ھۆرمەتسىزلىك پۈتۈن ئىجتىمائىي ھۆرمەت - ئېتىبارسىزلىقلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 

    تەربىيلىگۈچى چوقۇم تەربىيلەنگەن بولۇشى لازىم. 

    بىز يۇقىرىدا « ئوقۇتقۇچى » دېگەن سۆزنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھايىتى بويىچە تەرىپلىدۇق ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت تىكلەشنى تەكىتلىدۇق. ھەممىگە مەلۇم ، ئوقۇتقۇچى كونكرېت ئىنسان . ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامغا لايىق ياكى ئەمەسلىكى كونكرېت ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىدۇر. گىيوتى توغرا ئېيتقانىدى: «تەربىيىدە پۈتۈن مەسىلە ئوقۇتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە باغلىق.»   

    تەربىيە بىرىنچىدىن « ئۇلۇغ ئىش »، « ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى تەربىيە بىلەن ھەل قىلىنىدۇ .»-( بېلىنسكى ) ؛ ئىككىنچىدىن تەربىيە « ۋىجدان ئىشى » -(گيوتى ) .  شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى ئەقلى ، قەلبى ۋە ۋىجدانى بىلەن سۆيۈشى ، ئۇنى ئۇلۇغ تارىخىي تەرەققىياتقا ئاڭلىق بىرلەشتۈرۈشى لازىم . ئۇ جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ ، ئۇنۋان ئالغاندىمۇ ئۆزىنى تۈپ ۋىجدانى ئۆلچەمدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم. 

    ئوقۇتقۇچى تەربىيچىدىن دائىم ئۆز - ئۆزىنى تەربىيلەپ تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. « ئوقۇتۇش ئىككى ھەسسە ئوقۇش دېمەكتۇر.›› بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە ئوقۇتقۇچى ھەركۈنى ئۆزىنىڭ بىلىم فوندىنى بېيتىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرماي ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . بىلىمسىز ، بىلمى تۆۋەن ياكى بىلىمى كونىرىغان كىشلەرنى يۇقىرى سىنىپ (مەكتەپ ) ياكى ئوقۇغۇچىلىرى ئاسانلا بايقاپ ئالالايدۇ . مۇھىمى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان «غەيرى ئوقۇتقۇچى » لارنى ياكى مەخسۇس تەربىيلەپ ياكى خىزمىتىنى يۆتكەپ ئاساس مائارىپ سىنپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ فرونتىنىڭ زەربىدار ئەترىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۇغرا كېلىدۇ . بۇنىڭسىز ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. 

    ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىغا بىلىم بېرىش ئاساسىدا پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدىغان بولۇشى لازىم . چۈنكى « مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئىنساننى پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىشتۇر ››. - ( ئېدىسون ) بىلىم - ئىگىلەنگەن ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش بولۇپ ، پەقەت پىكىر قىلىش قابىليىتى ئارقىلىقلا بىلىمنى راۋاجلاندۇرۇش ، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مۇمكىن. 

    تەربىيە يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش دېمەكتۇر . ئوقۇتقۇچى دەرس ئارقىلىق ، تەجرىبە ئارقىلىق ئىلىمنى ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگىلىك ئىنساننى نامايان قىلىدۇ . بۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز كامالەت يولىغا قويۇپ توختىماي ئىلگىرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇ . شۇ چاغدىلا ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي تەلىم - تەربىيە ساھىبى بولۇپ يېتىشىدۇ.  

    خۇلاسە 

    رېئال دۇنيا ئىچىدە تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغاندا ئائىلە بىلەن ئانا ، مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىپ ، ئومۇمىي ئاڭ دەرىجىسىگە ، ئەقىدە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلىشىنىڭ ساپاسىنى بىللە چىڭ تۇتۇش ئۇنىڭ مەركىزىي ھالقىسى.

     

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.