ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-09-03

    مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى....نىڭ داۋامى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/74228230.html

    ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎر، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎن روﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻲ، ﺋﺎددﯨﻲ – ﺳﺎددا، ﭘﺎﻛﯩﺰ، رەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻛﯚپ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪم ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ، ﮬﻪم ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ زور، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺪۇر. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ دوراﻳﺪۇ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪر، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ – ﻏﺎراﻳﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎپ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻴﯧﺸﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ لازﯨﻢ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺧﯩلاپ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ – ﻏﺎراﻳﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ دەرس ﺋﯚﺗﺴﻪ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻏﺎ ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﭗ، دەرس ﺋﯚزﻟﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻛﯩﻴﯩﻨﺴﻪ، ﺋﺎﻟﺘﯘن زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﺎﻗﯩﺴﺎ، ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردا ﺑﯩﻨﻮرﻣﺎل ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰلار ﻳﺎﺳﺎﻧﭽﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك دﯦﺴﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯩﺠﻪز ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈۋاﻟﯩﺪۇ، ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪۈرۈۋاﻟﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﻣﺎن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻜﻪ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪر داﺋﯩﻢ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺸﻰ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺑﯘزۇﺷﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺳﻪﺗﺮﯨﺪە ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟلا ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ:«ﺑﻮﻳﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯧﺸﯩﯖﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﯖﻨﻰ» دەپ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻮﻏﺮا ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن. ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘرﻟﯘﻗﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﯩﺮەﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردا ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺗﯜرﻟﯜك ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪر ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮى رەﺗﺴﯩﺰ، ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮى ﺗﻮﭘﺎ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ دەرﺳﺨﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ لازﯨﻢ. ﺋﺎﻳﺎل ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪك ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﺎر ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك. دﯦﻤﻪك، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺧلاﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

    ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﻰ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﯩﻴﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ،ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮى ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻳﯚﮔﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻣﯘ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻳﺎت ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ.

    ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە، ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ دوراش، ﺑﻪدەن ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻪر – ﺑﯘﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜز – ﻛﯚزﯨﮕﻪ، ﻗﺎش – ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎل ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺧﻪت ۋە رەﺳﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلارﻧﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﭘﻪن – ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻳﺎﺳﺎﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎس، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ.

    ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، داغ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، ﭘﯜرﻟﻪش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜزۈﻟﮕﻪن، ﺳﯩﻴﺮﯨﺘﻤﯩﻠﯩﺮى ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜرۈش ﺋﯚز – ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘزﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰدە: «دوﺳﺘﯘڭ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرار، رەﻗﯩﺒﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﻐﺎ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺑﺎر. ﺑﯘ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دەﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻏلارﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ – ﻳﯘ، ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰدە ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩلا، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﯜچ ﺳﺎﻟﻤﺎق ﺗﯘﺗﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا، ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ – ﭘﺎرﻗﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﻣﺎﻳلاپ، ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺶ، ﮬﻪرﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﻮﻏﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﭼﯩﮕﯩﺶ، ﺋﺎﻳﺎغ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺘﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﻳﺎر ﺑﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻴﯩﺶ، ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋەدۇر.

    ﺋﻪرﻟﻪر ﭼﺎچ ۋە ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺸﻘﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﺴﯘن. ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇت ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرۈﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﯘن. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﭼﻪ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﻪرەﻧﭽﻪ ﭼﺎچ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﻠﯩﺸﻠﯩﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎت، ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺴﻘﺎ ﺧﺎس ﭼﺎچ ﭘﺎﺳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇۋەﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﻰ ۋە ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ، ﺋﺎﻟﯩﻴﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﻳﯩﯟاﻟﻐﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺗﺎرازﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﻪپ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰراق ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚزﻟﯜك ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﻪرﭼﻪ ﭼﺎچ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎرلاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯘﺷلار ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪي – ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﮔﯜزەل ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻟﺪەك ﺋﯘزۇن ﭼﺎﭼﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻣﺎق – ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﺘﯘر، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺳﺘﯘر ﮬﻪم ﺟﻪزﺑﺪاردۇر.

    ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﻪﻣﺪە دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎر. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻗﺎراﻳﺪۇ. «ﺑﯘ دﯦﮕﻪن ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜﻣﻐﯘ … ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﻴﯩﻨﺴﻪم ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮﻏﯘ…» دەپ ﺋﻮﻳلاپ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻪﻳﻨﻪت – ﻛﯩﺮ، ﭘﯜرﻟﻪش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺟﯘﻟﯘﻗﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرەت ﻛﻪﺷﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎرﯨﻤﺎﻳﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرﻣﻪي، ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ۋە ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺧﯘددى ﮬﺎزﯨﺮلا ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك ﻳﯜرۈۋﯦﺮﯨﺪۇ… ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ۋە ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪزﺑﺪارﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟﺴﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯧﻨﯩﻘﺮاﻗﻰ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. «ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﯩﺪۇر» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎن. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ:«ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎلاﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎرۇ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮق» دﯦﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎس. ﺑﯘ ﮔﻪپ ﮔﻪرﭼﻪ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرۈپ ﻳﯜرۈﺷﻜﻪ ﺳﻪل ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار:«ﺑﯜﮔﯜن ﻣﻪن ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ… زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻘﯘ…» دﯦﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ «ﺋﯚز» ﻛﯚرۈپ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ، دەرﮬﺎل ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﮬﻪم ﺋﻮﺳﺎل ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺰدە ﻳﻪﻧﻪ:«ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ داداﯕﻐﺎ ﭘﻪردازﺳﯩﺰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺑﺎر. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ۋە ﺟﻪزﺑﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪا ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ زۆرۈر ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.

    3. ﻳﻮﻟﺪا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر

    ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزار ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﻗﺎﺗﻨﺎش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯜرۈش، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯩﻴﺎدﯨﻠﻪر ﻣﺎﺗﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ۋە ۋﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭘﯩﻴﺎدﯨﻠﻪر ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺋﻮڭ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﻣﺎﺗﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﻳﻪرﻟﻪردﯨﻦ، ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺳﻤﺎ ﻛﯚۋرۈﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم دﯦﮕﯜدەك ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋاﺗلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎراﻣﻠﯩﻖ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯩﺰ ﭘﯩﻴﺎدە ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﯘلاﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎزراق ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﻳﻤﻪن دەپ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪزەردﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ.

    ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎلاﻛﻪﺗﻜﻪ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ:«ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻛﺎﺟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺧﯘﻳﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﯚر» دﯦﮕﻪن. ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻣﺎﯕﻐﺎچ ﺋﯘﻳﺎق – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎراپ ﮬﺎﯕﯟاﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘش ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪۇ. ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯚﻟﯜﻧﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﻪل – ﭘﻪﻟلا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯚزﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘپ – ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺗﯘرﻏﺎﻧلا ﮔﻪپ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﯘرۇۋﯦﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﺷﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﯜﺳﯜۋﯦﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻗﻪررەر ﺋﻪﮬﯟال. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﺎۋادا ﭼﻮﯕﺮاق ﺑﯩﺮەر ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﭼﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋﯨﯟﯨﺴﻜﺎ، ﺋﯧلاﻧلارﻧﻰ ﻛﯚرﻣﻪﻛﭽﻰ، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﮬﯘزۇرلاﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﻛﯚرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎڭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﮬﻪم ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮬﻪم ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

    ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺑﻮۋاي – ﻣﻮﻣﺎﻳلارﻏﺎ، ﺋﺎﺟﯩﺰ – ﻣﯧﻴﯩﭙلارﻏﺎ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻏﺎ ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر – ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻘﺎت ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﻳﻮل ﺑﻪرﮔﯜﻟﯜك. ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﯜﻟﯜك. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎراﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﻟﯜك ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻪك ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراش، ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎت ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚز ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜش، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘرلاپ ﭘﺎراڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺋﯘزاق ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﻪش، ۋارﻗﯩﺮاش – ﺟﺎرﻗﯩﺮاش، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜش ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐلاش، ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮا ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻮي – ﻛﺎلا، ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯜك، ﺗﻮﺧﯘ – ﺋﯚردەك، ﻛﻪﭘﺘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮى ۋە ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜرﻛﯜﺗﯜۋﯦﺘﯩﺶ، ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻳﯧﺘﯩﺶ، ﺋﯘﺧلاش، ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﻪ ﺗﺎﺷلاش، ﺗﯜﻛﯜرۈش، ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺗﻮﻣﭙﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﺎرەت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

    ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ – ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻮق:«ﻧﻪﮔﻪ؟»، «ﻧﻪدﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺴﯩﺰ؟»، «ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯖﯩﺰ؟» «ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺴﯩﺰ؟»، «ﺑﯜﮔﯜن ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ؟»، «ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﻰ ﺳﻮراﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ۋە ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ – ﺑﯩﻜﺎر ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻣﯘ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪۇر. ﺋﻪﮔﻪر ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮاۋدا ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺗﯘﺗﯘرۇﻗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮراپ ﻳﯜرﻣﻪڭ. ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰلا ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﭽﻪ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﻰ ﺳﻮراپ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﯕﻘﯩﺴﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ… ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎن ﺗﻮﻧﯘش – ﺑﯩﻠﯩﺶ، دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﮭﯘدە ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﻤﺎڭ. ﻳﻮﻟﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﻮﻟﺪا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮاۋلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﭘﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯧﯖﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﻪﻣﺮاﮬﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗلاﺗﻤﺎڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ زورﻟﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاﻗﺘﯘر.

    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﺮﯨﻖ – ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪردە، ﻛﯚﻟﻠﻪردە ﭼﯚﻣﯜﻟﻤﻪڭ، ﺋﯘ ﻳﻪرﻟﻪردە ﻗﻮل – ﭘﯘت، ﺑﺎش – ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﻤﺎڭ. ﺋﺎدەم ﺳﺎﻗلاﺷﻘﺎ ۋە ﺋﯚﭼﯩﺮەﺗﻠﻪردە ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺟﻪزﻣﻪن ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇش، ﺟﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﺎر ﻳﻪردە ﻗﯩﺴﺘﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪردە، ﻟﯩﻔﺘلاردا، ﺗﺎر – ﻗﯩﺴﯩﻠﭽﺎﻗلاردا ﺑﻮۋاي – ﻣﻮﻣﺎﻳلارﻏﺎ، ﭼﻮﯕلارﻏﺎ، ﺋﺎﺟﯩﺰ – ﻣﯧﻴﯩﭙلارﻏﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر – ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﻮرۇن ﺑﯧﺮﯨﺶ لازﯨﻢ؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪپ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮاۋﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﺮاق، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﺮاق ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪۇر. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﯘرۇﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﯧﺰى ﺑﻮﻟﯘڭ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ، ﭘﻮﻳﯩﺰدا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩلان، ﭘﺎراﺧﻮﺗلاردا ﻗﯧﺸﯩﯖﯩﺰدا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎڭ، ﻳﺎت ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺳﻪﭘﻪردﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﯔ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋاﻟﻤﺎڭ، ﻳﯧﺘﯩﯟاﻟﻤﺎڭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ۋە ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﯘڭ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗلاڭ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﻗﯩﺴﺘﺎپ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

    ﻳﻮﻟﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﮔﺎل ﻗﯩﺮﯨﺶ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺑﻮﻟﯘﻧﯘۋاﺗﻘﺎن ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﺎرﯨﯖﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎڭ. زۆرۈر ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮاﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯚز ﻳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﺎ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﺴﯘن – ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، دوﻗﻤﯘﺷلارﻏﺎ، ﺑﯘﻟﯘڭ – ﭘﯘﭼﻘﺎﻗلارﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ داﻟﺪا ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯔ. ﻳﯧﺰا ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە زﯨﺮاﺋﻪت ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪڭ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎل – ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟە – ﭼﯧﯟﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮل ﺋﯘزﯨﺘﯩﺶ، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺴﻘﯩﺮﺗﯩﺶ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻣﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭙلا ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺑﯩﮭﯘدە ﭘﺎراڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪۇر.

    ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺳﯚزﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

    4 . ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش __ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرﺗﻰ

    ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ؟ ﮬﺎﻳﺎت، ﺗﯘرﻣﯘش، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺠﺎد – ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺧﯩﺰﻣﻪت، دوﺳﺘﻠﯘق، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت، ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋەت، ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﻪت، ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪت، ۋﯨﺠﺪان – ﻏﯘرۇر، ۋاﭘﺎ – ﺳﺎداﻗﻪت، ﭘﯘل، ﻣﺎل – دۇﻧﻴﺎ … ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺗﯧﮕﻰ – ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ، ﺗﻮﻏﺮا ﮬﻪم ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪل ﺟﺎۋاﺑﻰ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت – ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﺗﻮﻏﺮا دۇﻧﻴﺎﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻤﯩﺰدە ﺗﯘرۇپ ﻣﯘﻧﺪاق ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ: ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. دۇﻧﻴﺎ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ __ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﮬﺎﻳﺎت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺗﯘرﻣﯘش، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪم ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯩﺠﺎد – ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ۋاﻗﯩﺖ __ ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺧﯩﺰﻣﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ دوﺳﺘﻠﯘق، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋەت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ۋﯨﺠﺪان – ﻏﯘرۇر، ۋاﻗﯩﺖ __ ۋاﭘﺎ – ﺳﺎداﻗﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﭘﯘل ﮬﻪم ﻣﺎل – دۇﻧﻴﺎ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻣﯚﺟﯩﺰە …

    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە دﯦﻴﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ __ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺑﯩﻠﯩﻢ – ﺳﺎۋاﺗلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ – ﺳﺎۋاﺗلار ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟى ۋە ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﺋﺎدەم ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﺧﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇش، ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ﺋﯚز ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮەر ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧلاش ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت. ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ۋاﻗﺘﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ، ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚز ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

    ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە «ۋاﻗﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ __ ﺑﻪﺧﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ» دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜزەل ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﻳﺎﻣﺎن ﺋﺎدەت داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﺎلاﻳﻠﯘق، ﺑﯩﺰدە ﺗﻮي ﺑﺎﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ» دەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺳﺎﺋﻪت ﺗﯚﺗﻜﻪ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻮرۇﻧلارﻏﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەر ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺳﺎﺋﻪت ﻣﺎﻧﭽﯩﺪە ﻛﯚرۈﺷﻪﻳﻠﻰ…» دەپ ۋەدﯨﻠﻪﺷﻜﻪن ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈرﻛﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش __ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﺘﯘر؛ ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ __ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮔﯚﮬﻪردەك ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘر؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ __ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻗﺎن ﺗﯚﻛﻜﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەردۇر.

    ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪت ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرﯨﻤﯩﺰ دەﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪرت. ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸلاردا ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯚز ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘش ﮬﻪﻣﺪە ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻟﯘم ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎدەم دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯩﺸﻰ.

    ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈش ﮬﻪﻣﺪە ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﭘﯩلاﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩلاﻧﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ، ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ، ﻛﯜﻧﻠﯜك، ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ دەپ ﺗﯜزۈۋﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ – ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺋﯩﺴﺮاپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗلاﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﺎڭ ﻳﻮرۇش ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰدە ﻛﯜن ﻗﯩﺰﯨﻠﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﺋﯩﻠﻠﻪت، ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯩﺰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ۋاﻗﯩﺖ ﻗﯩﺴﺘﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﺎﭘﯩلا – ﺷﺎﭘﯩلا ﺋﻮرﻧﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺗﯘرۇپ، ﻳﯜز – ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎلا – ﺑﯘلا ﻳﯘﻳﯘﭘلا ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﯖﯩﺰدا ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ دەرﮬﺎل ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯔ. ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮى ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺑﻪك ﻛﻪچ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﯔ.

    ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻮرۇﻧلارﻏﺎ دەل ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻟﯘم ﺟﺎﻳﺪا ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ دەل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘڭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻗلاﺗﻤﺎڭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ زاﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ.

    ﺑﯩﺮاۋ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺑﯩﺮاۋﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ، ﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗلاپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺑﺎر – ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﻮراڭ ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﻪرﻧﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﮬﻪم ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﮭﯘدە ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎلاﻳﺴﯩﺰ.

    ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻮرۇﻧلاردا، ﺳﻮرۇﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﺎش، ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ زورلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلار ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس.

    5. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ

    «ﺋﯚﻣﯜر __ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق». ﺧﯘددى ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ زﯨﻨﮭﺎر ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ 70 ﻳﯩﻞ دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﻣﯘﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﺧلاش ۋە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎران 15 __ 20 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ… ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ، ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

    ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪڭ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﺋﯩﺸلارﻏﺎ زﯦﮭﯩﻨﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ، ﭘﯩلاﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﮬﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪۈز ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚرۈش زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪش ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩلا ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﮔﻪر ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ 40 ﺳﺎﺋﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﻧﻪﺷﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘر ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن 48 ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻟﻮﻧﺪوﻧﺪا «دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺌﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 754 ﺗﻮﻣﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﺟﻤﻰ 52 ﻣﯩﻠﻴﻮن 72 ﻣﯩﯔ ﺑﻪت ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪن… ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﻪڭ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

    ﮬﻪرداﺋﯩﻢ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ __ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜم دەرۋازﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەم ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ، ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﺎز ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﯚﻣﯜر دﯦﻤﻪك __ ۋاﻗﯩﺖ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ دەﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

    6 . ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق

    ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺪۇر، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴـﻪت ﺋﻪﺧلاﻗـﯩـﻨـﯩـﯔ ﺳـﺎﻏلام ﺑﻮﻟﯘش – ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﯩـﻨـﯩـﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘدﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜـﯩـﻨـﯩـﮕـﻪ ﺋﻮﺧـﺸـﺎش، ﺑـﯩـﺮ ﭘـﯜﺗـﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘـﻪزﯨـﻠـﯩـﺘـﯩـﺪﯨـﻦ، ﺟـﯜﻣـﻠـﯩـﺪﯨـﻦ ﺷـﯘ ﺋﺎﺋﯩـﻠـﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨـﯩـﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﺎﺋﯩـﻠـﻪ ﺋﻪﺧلاﻗـﯩـﻨـﯩـﯔ ﻗـﺎﻧـﺪاق ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ۋۇﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗـﻨـﯩـﯔ ﺋﯩـﺠـﺘـﯩـﻤـﺎﺋﯩـﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮرﻧﻰ ۋە روﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

    ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟـﯘﺷـﯩـﻨـﻰ ﮬـﻪﻣـﺪە ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. دۇﻧﻴﺎدا ﻳﺎﻟﻐﯘز دەرەخ ﺋﻮرﻣﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣـﯘﺳـﺘـﻪﺳـﻨـﺎ ﺋﻪﻣـﻪس. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗـﻘـﯩـﻴـﺎﺗلارﻏـﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻧـﯘرﻏـﯘن ﻗـﺎﺋﯩـﺪە – ﻳـﻮﺳـﯘﻧـﻠـﯩـﺮﯨـﻨـﻰ ﺷـﻪﻛـﯩـﻠـﻠـﻪﻧـﺪۈرﮔـﻪن ۋە ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯚرپ – ﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑـﺎر. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، زاﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸلاﻗلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪپ، ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻪك ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩـﮕـﻪ ۋارﯨـﺴـﻠـﯩـﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪر، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزارلاردﯨﻜـﻰ ﺑـﻪزى ﺋﺎﺋﯩـﻠـﯩـﻠـﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﻗـﻮﻟـﯘم – ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺋﻪپ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪم زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﺘﻪك ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻧﺎزۇك ﻣﯘﻧﺎﺳﯩـﯟەﺗـﻠـﻪردﯨـﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎددﯨﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩـﺸلاردا ﻳﺎ ﺋﯘﻧﺪاق، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻮﻟﯘم – ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳـﯩـﺘـﻪ ﺗـﻪﺳـﯩـﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪزى ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗـﺎﺋﯩـﺪە – ﻳـﻮﺳـﯘﻧلارﻧـﻰ داﺋﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﺗﯘرۇش زۆرۈر.

     

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.