ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-09-03

    مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى....نىڭ داۋامى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/74228479.html

    ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺗﯘرﻣﯘش رﯨﺘﯩﻤﯩﻤـﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪەك ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺑﻪزى ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻧﯘرﻏﯘن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺳلاﺷﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزارلاردا ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﻧـﺪﯨـﻦ – ﻛـﯜﻧـﮕـﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﻪۋﯨﻴﯩـﺴـﯩـﺪە ﺑﯘرۇﻟﯘش ﺑـﻮﻟـﻐـﺎﻧـﺴـﯧـﺮى، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺳﺎلام – ﺳـﻪﮬـﻪﺗـﻜـﻪ ﺳـﻪل ﻗـﺎراش، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ۋە ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚز ﻗﻮﺷﻨـﯩـﻠـﯩـﺮﯨـﻨـﯩـﻤـﯘ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

    ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﻐﯩﻨـﯩـﺪەك، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﻰ «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم»دﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻠـﯩـﻨـﯩـﺪۇ. ﺑـﯩـﺰ ﺑـﯘ ﻳـﻪردە ﺗـﻪﻛـﯩـﺘـﻠـﻪۋاﺗـﻘـﺎن ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلام – ﺳﻪﮬﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩـﺪۇ. ﺷـﯘﯕـﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪردە ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣـﯘﺋﻪﻟـﻪﻳـﻜـﯘم، ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﮬﻪر!»، «ﺗﯩﻨﭻ – ﺋﺎﻣﺎن ﺗﯘرۇﭘﺴﯩﺰﻣﯘ؟»، «ﺋﻮﺑﺪان ﻗﻮﭘﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯚزﻟﻪر ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺗﯩﻨﭻ – ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮرﯨﺸﻰ، ﻛﻪﭼﻠﻪردە ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا «ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﻪچ»، «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜش ﻛﯚرۈڭ»، «ﺋﺎﻣـﺎن ﺑﻮﻟﯘڭ…» دەپ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى زۆرۈر. ﮬﺎزﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋاﺗﻨﯩﻤﯘ ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ (ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻳﻤﯩﺰ.) ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺳﺎلاﻣﻠﯩـﺸـﯩـﺶ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺶ دەپ ﻗﺎراﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠـﯩـﻖ ﺳـﻮراش ﺳـﯚزﻟـﯩـﺮﯨـﻨـﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﮕﻪ «ﻣﯚرﯨﻤﻪس» ﺋﺎدەﺗﻨﻰ ﻳﯘﻗـﺘـﯘرۇۋاﻟـﻐـﺎﻧـﻜـﻰ، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﻠـﯩـﺮى ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮق. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩـﻦ، ﺧـﯘﺷـﺎل – ﺧﯘرام، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﻪت ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﻠﯩﻨﻪر – ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪس ﺑﺎش ﻟﯩـﯖـﺸـﯩـﺘـﯩـﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

    ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠـﯩـﻨـﯩـﺸـﻰ ﻛـﯧـﺮەك. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﮬـﻪر ﺗـﯘرﻣـﺎﻳـﺪﯨـﻐـﺎن ﻳـﺎﻛـﻰ ﺗـﺎڭ ﻳﻮرۇﻣﺎﺳﺘﯩلا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳـﻪﺗـﻜـﯜزﯨـﺪۇ. ﺋﺎﺧـﺸـﺎﻣـﻠـﯩـﺮى ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﭘﺎراڭ، ﺗﯧﻠﯧـﯟﯨـﺰور، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟـﻐـﯘلارﻧـﯩـﯔ ﺋﺎۋازى ۋە ﺗﯜرﻟﯜك ﺗﺎراق – ﺗﯘرۇﻗلار ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ – دە، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩـﺸـﯩـﻐـﺎ دەﺧـﻠـﻰ ﻗـﯩـﻠـﯩـﺴـﯩـﺰ. ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺑﺎﻟﺪۇر ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻏﺎن – ﺗﯘرﻣـﯩـﻐـﯩـﻨـﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪرۋاﻳﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪك ﮬﺎﻟﺪا ۋاراڭ – ﭼﯘرۇڭ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳـﺎﻛـﻰ رادﯨﺌﻮ، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟـﻐـﯘﻟـﯩـﺮﯨـﯖـﯩـﺰﻧـﻰ ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩـﻐـﺎ ﻳﺎﯕﺮاﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘﻣﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎز ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﭼﯜﺷﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠـﻪر ﻣﻪﻟﯘم ۋاﻗﯩﺖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘش، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘـﻨـﻰ ﺳﺎﻗلاش ﻛﯧﺮەك. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ زاۋۇت، ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﻳـﺪﯨـﻐـﺎن ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺑﻪزﯨﺪە ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ﻛﯜﻧﺪۈزﻟﯩﺮى ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼـﻘـﺎ، ﺋﯘلارﻧـﯩـﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﻣﻪﺳﻠﯩﻚ لازﯨﻢ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﺋﯚي ﺋﻪﺗﺮاﭘﻰ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ – ﻛﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎس ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ.

    ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﺎرا ﮔﻪپ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺗﻪﮔﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻪك ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا، ﻳﻪﻧﯩلا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎي، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ۋارﻗﯩﺮاپ – ﺟﺎرﻗﯩﺮاﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮدەﻣﻠﯩﻚ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﺎۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﭼﯩﺘﻘﺎ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺎق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن، ﺋﯚﻛﺘﻪم – ﺋﯘرۇﺷﻘﺎق ﺧﻪﻗﻜﻪن، دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎلاﻳﺴﯩﺰ.

    ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩـﯖـﯩـﺰدا، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ؛ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﺷﻨﯩلاردﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎن – ﺋﯧﺴﻪﻧﻠـﯩـﻚ ﺳﻮراش ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻳﻪرﮔﻪ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ۋە ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚز – ﻗﯘلاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻮﻳﯘڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈﺷﯜش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩـﻐـﺎﻧـﺪﯨـﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا، «ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟»، «ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺴـﯩـﺰﻏـﯘ؟»، «ﺑـﯩـﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘپ – ﺗﯜزۈت ﺳـﯚزﻟـﯩـﺮى ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺋﻪﮬـﯟاﻟـﻠـﯩـﺸـﯩـﺸـﻨـﻰ ﺋﯘﻧـﺘـﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﺎر – ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﻪر – ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ، ﺑـﯘﻣـﯘ ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎت ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر.

    ﺗﻮي – ﺗﯚﻛﯜن، ﻧﻪزﯨﺮ – ﭼﯩﺮاغ، ﻣﯧﮭﻤﺎن ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘش ﻗـﯩـﻠـﻐـﺎﻧـﺪا، ﺋﺎﻟـﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرۈڭ. ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ دەپ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩـﺮى ﺗـﻮﻏـﺮﯨـﻠـﯩـﻖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺳﺎﻟﺴﺎ، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺳـﯩـﺰﮔـﻪ دﯦـﻤـﯩـﮕـﻪن ﺋﯩﺸلار ﻳﺎﻛﻰ دﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎن، دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻏـﺎ ﺋﺎرﺗـﯘﻗـﭽـﻪ ﻛـﯚﯕـﯜل ﺑـﯚﻟـﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪڭ، ﮔﻪپ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎڭ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﺋﻪﻳﯩﺐ – ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ۋە ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﮔﻪپ ﺗـﻮﺷـﯘﻣـﺎڭ، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺪﯨﻦ ﮔـﻪپ ﺋﯚﺗﻜﯜزﻣﻪڭ، ﮔﻪپ ﻳﻮرﻏﯩلاﺗﻤﺎڭ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺶ، ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش، ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﮔﻪ دادلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪﺧلاق ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎراﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮔﻪپ – ﺳﯚز، ﺋﯩﺶ – ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﻘﯘﻟﯘق ﺋﻪﻣﻪس.

    ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮي – ﺗﯚﻛﯜن، ﭼﻮﯕﺮاق ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯚﻟﯜم – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟـﻐـﺎﻧـﺪا، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘپ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨـﻐـﺎ ﮬـﯩـﻤـﻤـﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﻳﯩﺰدۇر. ﮬﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﻪردە، ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﭘـﻪﺗـﯩـﮕـﻪ ﻛﯩﺮﯨﯔ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻳﺎﻛﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺋﻮرۇن ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻛﻪﻳـﻨـﯩـﮕـﻪ ﺳﻮزﻣﺎي ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﻮﻗلاپ ﺗﯘرۇش، ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﺷﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪۇر.

    ﺑﻪزى ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩـﻖ ﻳـﺎﻛـﻰ ﻳـﯧـﻘـﯩـﻦ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪﺷﻜﯩﻨﻰ ﺗﯜزۈك. ﻳﯧﺰا – ﻗﯩـﺸلاﻗلاردا زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩـﻘـﻰ، ﺳـﯘ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﻧﯚۋەت ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى، ﺳﯘ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎت، ﻳﺎﻣﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﺋﯚي ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩـﻐـﺎ ﺗﺎم ﺳﻮﻗﯘش، ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭼﻪﻟﻠﻪ – ﺑﺎراڭ ﻳﺎﺳﺎش، ﻛﯚل ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﭼﯧﭙﯩﺶ، ﻛﯚﭼﻪت ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟـﯩـﻖ ﺋﯩـﺸلارﻧـﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن، «ﻣﻪن ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩلاي دەپ ﺋﻮﻳـﻠـﯩـﻐـﺎن…» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك ﺗـﯜزۈت ﺳﯚزﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎﺷلاپ، ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭـﻪت ﺋﺎﻟـﻐـﺎن ﻳـﺎﺧـﺸـﻰ. ﮔﻪرﭼﻪ، ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﮬﻪم ﻳﻮﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑـﯩـﻠـﻪن، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرا ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗـﺘـﺎ ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮاﻏﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮى ﻣﻪۋﺟﯘت. ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﻨﯩﯔ ﮬﺎۋاﺳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ﻗﻪرەﻟﯩﺪە ﺗﺎزﯨلاپ، دﯦﺰﯨﻨﻔﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك، ﺑﯘﻣﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﺑﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪر ۋە ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎن ﮬﺎۋا ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻟﻪﻧﻪت ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮلالاﻳﺴﯩﺰ. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﯩﻤﯘ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ: ﺑﻪزى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراﻗلار دﯨﻤﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘرۇﻟﯩﺪۇ – دە، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯘراق ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺷﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯘراﻗﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎزۇك ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰدە داﺋﯩﻢ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﭘﯘراق ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮔﯚش ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘزاق ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻢ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪرﮬﯩﺰ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇپ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯚي ﺋﯩﭽﻰ، ﻛﺎرﯨﺪور، ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯜرۈپ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﻪزى ﭼﺎﻏلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘم ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰدا ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘﯕﻜﻰ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩلا ﺗﺎزﯨلاپ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﯩﯔ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﺎزﯨلاپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎزﯨلاپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ «ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻛﯚرۈۋاﺗﺎﻣﺴﻪن؟ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎي دەۋاﺗﺎﻣﺴﻪن؟» دەپ ﺋﻮﻳلاپ ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. دۇﻧﻴﺎدا ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘز ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯘﻟﻖ – ﻣﯩﺠﻪز، ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻳﻮق. ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە، ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺪەم ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﺎرﯨﺪور، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮرﺗﺎق ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜن ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺧﻪﻳﺮﺧﺎﮬﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪا ﺷﻪك ﻳﻮق.

    ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺳﯘ ﭼﺎﭼﻤﺎڭ، دﯦﺮﯨﺰﯨﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﺎﻟﺪۇﻗﻰ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﺎﺗﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺋﯩـﺸـﯩـﻜـﻰ ﺋﺎﻟـﺪﯨـﻐـﺎ ﻳـﯘﻧـﺪا ﺗﯚﻛﻤﻪڭ، ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎڭ، ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ – ﺳﯜﭘﯜرۈپ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ دۆۋﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. ﺑﯩﻨﺎدﯨﻦ ﻳﻮﻟلارﻏﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ، ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩـﺮﻧـﻪرﺳـﯩـﻠـﻪرﻧـﻰ ﺗﺎﺷلاﺷﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪڭ. ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﻠـﻪردە ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﻜﻮﻧلاردﯨﻜﻰ ﮔﯜل ﺗﻪﺷﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧﺪا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﯖﻜﻰ، ﺳﯘ ﺗﯚۋەﻧﮕﻪ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﮔﺰﯨﺪە ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن.

    ﺋﻮﭼﯘق ﮬﺎۋاﻧﯩﯔ ﺟﯘدۇﻧﻰ، ﺗﻮﻟﯘن ﺋﺎﻳﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜزﯨﺪە داغ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، دۇﻧﻴﺎدا ﺋﻪﻳﯩﺐ -ﻧﯘﻗـﺴـﺎﻧـﺴـﯩـﺰ ﺋﺎدەم ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ رەﻧﺠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩـﻦ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎق ﺗﻪس. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﯘرﺳﻪت ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﺷﻨﯩـﯖـﯩـﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻟﻤﺎق، ﺋﯧﻐﯩﺮ – ﺑﯧﺴﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺳﯩﺮداﺷﻘﯩﻨﯩﯖﯩـﺰ ﺋﻪۋزەﻟـﻜـﻰ، ﻗـﺎﺗـﻤـﺎل ۋەزﯨـﻴـﻪﺗـﻨـﻰ ﺋﺎرﻗـﯩـﻐـﺎ ﺳﻮزۇش، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻏﺎ دەرد ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ، ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﻏﻪﻳﯟەت – ﺷـﯩـﻜـﺎﻳـﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯚز – ﭼﯚﭼﻪك ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس.

    ﻣﯘﺑﺎدا، ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﺪەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗـﺎﻟـﺴـﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻛـﯩـﻤـﻨـﯩـﯔ ﮔـﯘﻧـﺎﮬـﻜـﺎر ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﻳﻪﻧﯩلا ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﮬﺎي ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ – ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩـﺰ ﻛـﯧـﺮەﻛـﻜـﻰ، ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨـﯖـﯩـﺰﻧـﻰ ﺗـﺎرﺗـﯩـﺸﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺷﯘﻧـﯩـﻤـﯘ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش زۆرۈرﻛﻰ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎلا ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟـﯘم – ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﻠـﯩـﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﺪەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﻮﻏﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﺎلا ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﺎداﻧﻠﯩـﻘـﺘـﯩـﻦ ﺑـﺎﺷـﻘـﺎ ﻧـﻪرﺳـﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزار ﻳﯧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘـﯩـﻦ، ﺋﯘرۇش ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩـﺴـﯩـﻨـﻰ ﺋﯘرﻏـﺎن ﺑـﻮﻟـﺴـﺎ ﻳـﺎﻛـﻰ ﺳﻪۋەﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، دەرﮬﺎل ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮرﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﯩﻤﻪڭ، ﺳﯩﻠﻜﯩﻤﻪڭ. ﺋﺎﻧﭽﻪ – ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪر ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە، ﭼﻮﯕلار ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ، ﺋﻪرﻟﻪر ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ، ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﯘن.

    ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﯜرﻟﯜك ﮬﺎﻳﯟاﻧلارﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎر ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﮬﺎﻳﯟان ﺑـﺎﻗـﻘـﺎﻧـﺪا، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلارﻧـﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪش لازﯨﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻛﺎلا، ﻗﻮي، ﺗﻮﺧﯘ – ﺋﯚردەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧـﯩـﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ، ﮬﻮﻳﻠﯩﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﺋﯩـﺖ ﺑﺎﻏلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪر ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯩﺖ ﺑﺎﻗﻘـﯘﭼـﯩلار ﺋﯩـﺘـﻨـﻰ ﺋﺎرﻗـﺎ ﮬﻮﻳلا، ﺑﺎغ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎﻏلاپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا، ﺋﯚي ﮬـﺎﻳـﯟاﻧـﻠـﯩـﺮى، ﺋﯚي ﻗﯘﺷﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯜرﻟﯜك ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯩـﻠـﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﻠﻠﯩﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧـﯘ، ﺗـﻮﺷـﻘـﺎن، ﺋﯩـﺖ، ﻣـﯜﺷـﯜك، ﻗـﻮي، ﺋﯚﭼـﻜـﻪ ﻗـﺎﺗـﺎرﻟـﯩـﻖ ﺋﯚي ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮى ﮬﻮﻳﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﺳﯜپ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯜل – ﮔﯩﻴﺎھ، زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖـﯩـﺰﮔـﻪ زﯨـﻴـﺎن ﻳـﻪﺗـﻜـﯜزﺳـﻪ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯘرۇپ، ﺗﯩﻠلاپ ﻏﻮۋﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜرﻣﻪي، ﭘﻪم ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻳﺪەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﺗـﺎﭘـﺸـﯘرۇپ ﺑﻪرﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك.

    ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ – ﺑﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ – ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﻳـﯧـﻘـﯩـﻦ ﻳﻮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑـﯩـﻠـﻤـﻪﺳـﻠـﻪر ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﺎۋاﺗلاردﯨﻦ ﺧـﻪۋەرﺳـﯩـﺰ ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰلاردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎش ﺋﺎرﺗﯘﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻤﺎس. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋاﻟـﻐـﺎن ﻛـﯩـﺸـﯩـﻠـﻪرﻧـﯩـﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺳﯘس ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘـﯩـﻖ ۋاﻗـﯩـﺖ ﭼـﯩـﻘـﯩـﺮﯨـﭗ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛﯩﺮﯨﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪۋزەﻟﺪۇر. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺗلا ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻏـﺎ ﺧﯘددى: «ﻣﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩـﺮﻣـﻪ» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك ﺋﯩـﭙـﺎدە ﺑﯩﻠﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎرﯨلاپ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻏﯩﺰا – ﺗـﺎﺋﺎﻣلارﻏـﺎ ﺗـﻪﻛـﻠـﯩـﭗ ﻗـﯩـﻠـﯩـﺶ، ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻏﺎ ﺑﯩﺮەر ﻗﺎﭼﺎ ﻧﯧﺴﯩﯟە ﺳﯘﻧﯘۋﯦﺘﯩﺶ، ۋاﻗـﺘـﻰ – ﻗـﻪرەﻟـﺪە ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺶ، ﮬﺎل – ﻣﯘڭ ﺑـﻮﻟـﯘش، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘلارﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻣـﯘﮬـﯩـﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪۇر. «ﻗﻮل ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻳﯘﺳﺎ، ﻗﻮل ﻗﻮﭘﯘپ ﻳﯜزﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﭘـﺘـﯘ» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك، ﻧـﻮرﻣـﺎل ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرا ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪۇ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﯨﺪۇ. ﮬـﺎﻟـﺒـﯘﻛـﻰ، ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗـﻪن، ﺳـﯩـﺰ ﮬـﻪرﻗـﺎﻧـﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩـﯟەﺗـﺘـﻪ ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩـﯖـﯩـﺰدﯨـﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩـﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﺋﺎﻟـﺪﯨـﻦ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻪدەم ﺗﻪﺷﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺸﯩﻚ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳلا ﺋﯜﺳﯜپ ﻛﯩﺮﯨﺶ، ﮬـﻪر ﻛـﯜﻧـﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯜﺗﯜۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﭼﺎﻗﯩـﺮﯨـﻠـﻤـﯩـﻐـﺎن ﻣـﯧـﮭـﻤـﺎن ﺑـﻮﻟـﯘپ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇﻟﯘۋﯦﻠﯩﺶ، ﺋﻪر ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻳﺎل ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ ﺋﻮﻟـﺘـﯘرۇش، ﺋﺎﻳـﺎل ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴـﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐـﺎﻧـﭽـﻪ ﻗﻮل ﺗﻪﮔﻜﯜزۈش، ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻤﺎﻳلا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.

    ﺋﺎدەم __ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎدەﻣﺪۇر. ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﺎر – ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﺸلاردا ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ۋە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺧﯩﺴﻠﻪت. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻗﻮﺷﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ – ﺷﺎدﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮرﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎﻳﻐﯘ ۋە دەرد – ﺋﻪﻟﻪﻣـﻠـﻪردﯨـﻤـﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﺎردەﻣﺪە ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ ﮬـﺎﻟـﺪا ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎﺳلاردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎش ﻛﯧﺮەك. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜن ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘرﺑﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮەﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪرد ﮬﻪم ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮەر ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟـﯩـﻜـﻜـﻪ ﻳـﻮﻟـﯘﻗـﻘـﺎﻧـﺪا، ﺑﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜرﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖـﯩـﺰدﯨـﻦ ﺑـﺎﺷـﻘـﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.

    .

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.