ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-09-03

    مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى....نىڭ داۋامى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/74245283.html

    ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪڭ ﺑـﻮﻟـﯘپ، دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨـﻰ ﺋﻪﻗـﯩـﻠـﻠـﯩـﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ ۋە ﺋﻮﻳلاپ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻳﯩـﺮاﻗـﺘـﯩـﻜـﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗلاپ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﯘرﯨﻤﻪن.

    7. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا

    ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇش، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ راۋاج ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ، ﺑﻪﺧﺖ – ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ، ﻗﯘت – ﺋﺎﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎن؛ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ، ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﮬﻪم ﻧﺎزۇك ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺰاﻧلاﺷﺘﯘرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪۋلادﻣﯘﺋﻪۋلاد داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﮬﻪم ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، دۇﻧﻴﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪردەك ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر.

    ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯘرۇﭘلا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈﺷﻰ، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺑﻪزى ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺴﻪك ﺋﺎرﺗﯘﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻤﺎس.

    ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش __ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﭘﻪرزەﻧﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎس ﺷﻪرەﭘﻠﯩﻚ ﺑﯘرﭼﯩﺪۇر. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻘﯩﺪا ﻛﯚﻳﯩﺪۇ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻗﺎﺗﺎرﻏﺎ ﻗﻮﺷﯩﺪۇ. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﯚﻣﯜر ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﻳﭙﯧﺘﻪك ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ زﯨﻨﮭﺎر ﻗﺎﻳﺘﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش – ﺋﺎﺳﺮاﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯘﻟﯘغ ﻣﯧﮭﻨﻪﺗﻜﻪﺷﻠﻪردۇر. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎش ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪدەر ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯘرچ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻦ دﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪن، ﺑﺎﻗﺎﻟﯩﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﺎﺳﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﯧﻴﻨﺎﺗﺎ – ﻗﯧﻴﻨﺎﻧﯩلارﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪۇر.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاﻗلارﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ: «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻏﺎن ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘر» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن. ﺑﯩﺰدە ﻳﻪﻧﻪ: «ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ»، «ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ ﺋﯘزارﺗﯩﺪۇ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر. ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻳﯘﻳﯘﻧﯘش – ﺗﺎرﯨﻨﯩﺶ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚز ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪك لازﯨﻤﺪۇر. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە «ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟالاي» دەپ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ۋاﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ۋاﺧﭽﻪ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ دۇرۇس ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟاﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺋﺎدەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ رﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﯘﻳﯘﻧﯘپ – ﺗﺎرﯨﻨﯩﭗ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻛﯜن ﻗﯩﺰارﻏﯩﭽﻪ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎش ﭘﯩﺸﯩﻢ ۋاﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪن ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن: «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺳﯩﺪۇ»، «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪل ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪۇ»، «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ﻳﺎﻟﺠﯩﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى راۋاج ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﺪۇ…» دﯦﮕﻪن ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن. ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪن ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎدەم ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺑﻪدەﻧﺪە ﻧﯘرﻏﯘن زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ۋە ﺗﺎڭ ﺳﯜزۈﻟﯜﺷﻜﯩﭽﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﭼﻪﻛﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯘ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﺋﺎدەم ﻛﯜن ﻗﯩﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮬﺎﻣﺎن ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﺎدەم ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﯩﺴﺎ، زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﺗﺎراپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن – دە، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ ۋە ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدەت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎن ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

    ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﺎزادە، رەﺗﻠﯩﻚ، ﻛﯚرﻛﻪم ۋە ﺋﺎددﯨﻲ – ﺳﺎددا ﺑﯧﺰەش، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪۇر. ﺋﯚي ﺑﯧﺰەﺷﺘﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻛﯧﻠﯩﭗ – ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﺎراﻣﺒﻪﺧﺸﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸلاﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺶ دۇرۇﺳﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﺎﭘلاپ داﻏﯟازﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، «ﺗﯧﺸﻰ ﭘﺎل – ﭘﺎل، ﺋﯩﭽﻰ ﻏﺎل – ﻏﺎل» ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ لازﯨﻢ. ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﺎدەم ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚﻳﻨﻰ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘش ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺟﺎي، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺶ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﻐﯩﻐﯘﭼﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﺎددﯨلار ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﯩﻚ – دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺗﯜرﻟﯜك ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى دورﯨلار ﮬﻪم ﺋﻪﺗﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯘش ﭘﯘراﻗﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ، ﺋﺎﺳﺎن ﺑﯘزۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺳﺎﻗلاﻳﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚي ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪە ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ زﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﺰەك ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪە، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳلاردا ﻛﺎﻣﺎر – ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﻪر ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﯩﺪۇ – دە، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﺎﺷﻘﺎن، ﻗﯘرت – ﻗﻮﯕﻐﯘز ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ… ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯚي ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯜرﻟﯜك ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﭘﯘراﻗلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺶ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ. ﺑﻪزى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎزﯨلاﻧﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎم – ﺗﻮرۇﺳلارﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎن ﺗﻮرلار، دﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ داﻏلار، دﯦﺮﯨﺰە ﭘﻪردﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﻛﺎرۋات – ﺳﺎﻓﺎلارﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘرۇش، ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ – ﺳﯜﭘﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯚﻳﺪە ﮬﻪر ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﭼﻮڭ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ لازﯨﻢ. ﺋﯚي ﮬﺎۋاﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﮕﯩﺰ – ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﻪرﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﺎزﯨﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﻮﺗﻘﺎن – ﻛﯚرﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯘرۇق ﻳﯘﻳﺪۇرﻏﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﺘﯩﺶ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎس ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ رەﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘش، ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﮬﻪم ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ، 2 __ 3 ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ، ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﺗﻜﯩلاﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮى: «ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘدا ﭘﯘﺗﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺋﯘﺧلاش ﻗﯘۋۋەت دورﯨﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎراۋەر» دەﻳﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدەت ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺗﯘرﻣﯘش رﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﺋﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎش – ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩلاردا ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎت ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪﮬﯟال ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﻛﯜﻧﺪە ﻣﻮرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺗﯜن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ» دەﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرۇﺷﻰ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ۋاخ داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ زۆرۈر. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚز ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ، ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺗﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﻘﺎ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ لازﯨﻢ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺳﯩﺰ ﺋﺎش -ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪك ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﺷﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪڭ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﻪﭼﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺗﯚﺷﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺗﺎرﺗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، دۇرۇس ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻏﯩﺰا – ﺗﺎﺋﺎﻣلارﻏﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ، ﭼﯜﺷﻜﯜرۈش، ﺋﯘ ﻳﻪر – ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺷلاش، ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﮬﺎراق – ﺷﺎراب ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﻏﯩﺰا – ﺗﺎﺋﺎﻣلاردﯨﻦ ﺋﯩﯟەن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎت ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﺋﺎم ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ رەﮬﻤﻪت – ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜر ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻤﻜﻰ، «ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺶ دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻐﯘ، رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ؟» دەپ ﻗﺎرﯨﻤﺎڭ. ﭼﺎي ﺋﯩﭽﻜﻪن ﭼﯩﻨﻪ – ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﻠﻪر ۋە ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﻜﻪن، ﻏﯩﺰالاﻧﻐﺎن ﻗﺎزان – ﻗﻮﻣﯘﭼلار ﺋﯚز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﯘﻳﯘۋﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚي ﺗﺎزﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك.

    ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺳﯧﻨﯩﯔ – ﻣﯧﻨﯩﯔ» دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﺸﯩﻢ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻜﺎر ﻳﯜرﺳﻪ ﻳﯜرﯨﺪۇﻛﻰ، ﺋﯚي ﺗﺎزﯨلاش، ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﺳﯘ ﺟﯜﻣﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕلاش، ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎن دﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺋﯩﺸلارﻧﻰ «ﺧﻮﺗﯘن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەپ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮى ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﻪزى ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﻮدا – ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚي ﭼﺎرۋﯨﻠﯩﺮى، ﺋﯚي ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﺋﯩﺸلارﻧﻰ «ﺋﻪر ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟلار ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﻪس ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﯚزى ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﮬﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ «ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻰ دﯦﮕﻪن ﺧﻮﺗﯘن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﺎراﺷلاردا ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق. ﺑﻪزى ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭙلا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ، ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﺎﭼﺎر ﻗﯩﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ – دە، ﺑﺎﺷﻘﯩلاردا ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺰارﻟﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯘﻏﺪۇرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪاش، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪدەر ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋاﭘﺎدار ﺧﻮﺗﯘن، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘش ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﺘﯘر. ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈﺷﻰ، ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯚﻳﺪۈرۈپ ﭘﺎﻳﭙﯧﺘﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ – ﻳﯘ، ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮدۇراﻳﺪۇ، ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻳﯜرۈﺷﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﺷﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺷﯘﻛﻰ، ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎراۋەر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺧﺎلاس. ﺋﯚﻳﺪە ﭼﯩﻨﻪ – ﻗﺎﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار داﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﻪۋﯨﺮﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘش لازﯨﻢ. ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻐﺎن، ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎن، ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇﻛﻰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘر، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯘر.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯩﺶ – ﮬﻪرﯨﻜﻪت دۇرۇس، ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ،ﮔﻪپ – ﺳﯚز ﺳﯩﻴﻠﯩﻖ، ﮔﯜزەل ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ راﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎراﻣﮕﺎﮬﻰ، ﻳﻪپ – ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎس ﺟﺎﻳﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪڭ ﺋﻪرﻛﯩﻦ، ﺑﯩﻤﺎلال ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮرۇﻧﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜم دەپ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘۋﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﻛﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس. دۆﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﯘن ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﯩﺸﭽﻰ – ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋاﻗﺘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دەرﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋاﻗﺘﻰ ۋە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﺎن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪڭ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘن ﺋﯩﻜﻜﯩلا ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرﻣﻪﻳلا ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺗﯜرﻟﯜك ﭼﺎﻳلارﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎن، دوﺳﺘلارﻧﻰ ﻳﻮﻗلاش، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﯘراﺳﯩﻢ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ رۇﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎزﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗلاردا ﻳﯜرﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

    «ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﯩﯔ ﺧﻮﺷﻠﯘﻗﻰ، ﭘﯘت – ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ» دەپ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﮬﻪرەڭ – ﺳﻪرەڭ ﻗﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚي ﺋﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ دەپ، رەﺗﺴﯩﺰ، ﻛﯚرۈﻣﺴﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚز ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ، ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ – ﺗﺎرﯨﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪددﯨﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎدە ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﮕﻪ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪۋزەﻟﺪۇر. ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش، ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، دەرﮬﺎل ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎزارەت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮔﯧﺰى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﻳﯘن – ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلار ﭘﻪردﯨﺸﻪپ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎي ﻛﯚرەﯕﻠﻪش، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ زەﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜرﻛﯜش، ﺑﯧﺸﻪﻣﻠﯩﻚ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮرﻟﯘق، ﻛﯜﻧﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯟازﻟﯩﻖ، ﻏﻪﻳﯟەت – ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮادەم ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك، دەپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺗﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘش ﺋﺎﻗﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯚزﻗﺎراﺷﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸلاردا ﺋﯚزﺋﺎرا ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈرﻛﻰ، ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪردە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩلاپ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە، ﺳﻪۋرﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺗﯜزۈك. ﺋﯚﻳﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻣلاﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﯚۋەن ﮬﻪم ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻣﯘ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮔﻪپ – ﺳﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.

    ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ زۆرۈر. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎ ﺋﯘﻧﺪاق، ﻳﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘش، ﺋﯚزﺋﺎرا رەﻧﺠﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﻣﺮاق ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻣﯘ ﮔﻪپ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﻪزﯨﺪە ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮادﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻳﻮﻗﯩلاڭ ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪش، ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻣﯘ ﺳﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎق ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﻮل ﻗﻮﻳﯘش، ﺗﻪﮔﯩﻤﻪي ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪە، ﮔﯘﻧﺎﮬﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇپ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘرۇرﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺰزەت – ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺗﺎﻛﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ، ۋارﻗﯩﺮاپ – ﺟﺎرﻗﯩﺮاش، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎزار ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎق، ﺋﯧﺠﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜش – ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘم – ﻗﻮﺷﻨﯩلار، ﺋﻪل – ﻳﯘرت، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى – ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﻴﯩﺪاپ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﮔﻪپ – ﺳﯚز ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎرﯨﻤﺎس ﺋﯩﻠﻠﻪت، ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯩﺠﻪز ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎراﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻪﭘﯘﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺧﯘددى ﻳﺎﻣﻐﯘردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨلا ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

    ﺑﻪزى ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎت ﻛﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎر؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﯘﺗﺎق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق. ﺋﯘلار ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﯚﺷﯜك ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪا دﯦﯟەﻳﻠﻪپ، ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎي ﺋﯩﯟەن ﺋﯩﺰدەﻳﺪۇ، ﻗﺎزاﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎغ، ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯚش، ﭼﯚپ، ﮔﯜرۈچ ۋە ﺋﻮﺗﻴﺎﺷلارﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚز ﺋﺎﺑﺮۇﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﻛﻪﻟﺴﻪ – ﻛﻪﻟﻤﻪس ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻣﺎﺧﺘﺎش، ﺋﻪﻳﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪش ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﻏﺪاﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ زۆرۈر.

    ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﯚﻳﺪە ﻳﺎﻟﻐﯘز ﭼﺎﻏﺪا، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ – ﻳﻮرۇﻗﻠﯩﺮى ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ دوﺳﺖ – ﻳﺎرەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷلاپ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ دۇرۇس ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎت ﺟﯩﻨﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻗﯩﻐﺎ، ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراش، ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩلاﺷﻤﯘ ﺋﻪدەپ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى __ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯘش ﮔﯩﺮداﺑﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻐﺎ ﺗﻪڭ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺑﯘرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇش، ﺟﻮرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﭽﻪ ﭘﯘل ﺗﻮﭘلاش، ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺑﻪﺗﺨﻪﺟﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘزۇپ – ﭼﯧﭽﯩﺸﺘﻪك ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟى ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ زﯨﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻧﻪدﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮا ﻳﻮﻟلارﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯘزۇپ ﭼﺎﭼﯩﺪۇ؛ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘلار ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ، داﺋﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻏﻪﻟﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺑﻪس ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﻪك ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﺪا ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﯘزۇش ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻛﻰ، ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯚﻧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺧﻪﺟﻠﻪش ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﻮق. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﺎ، ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺑﺎﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮرﺗﺎق ﭘﯩلان ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚز ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚزى ﺋﻮﻏﺮﯨلاﺷﺘﯩﻦ زﯨﻨﮭﺎر ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻨﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮل ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﻪرت. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘن ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩلاﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺠﻪﺷﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﯩﻦ ﺳﯚز ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ – دە، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﯘددى ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻮق ﻗﯘدۇﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷلار ﺑﺎلاﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن، ﺋﯚﻳﻠﯜك – ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻣﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻦ، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎۋۇﻧﺪۇرۇش، ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯜچ ﺗﻮﭘلاش ﻗﻮرﻏﯩﻨﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ دەﺧﻠﯩﺴﯩﺰ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﯘزۇرﻟﯘق، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇش، ﺷﺎد – ﺧﯘراﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﺪۈرۈش __ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬلارﻏﺎ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ – ﺑﯩﻜﺎر ﻛﺎﻳﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘش ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ داﺋﯩﻢ ﺧﯘﺷﺨﯘي ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرۇﺷﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ داﺋﯩﻢ ﺧﯘﺷﺎل ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ، ﺋﯚﻳﺪە ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺧﯘﺷﺨﯘي ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇﺷﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﺷﻜﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺖ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺟﻮرﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭘﺎت – ﭘﺎت ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ – ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘرلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ – ﺳﺎدﯨﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش زۆرۈرﻛﻰ، ﺋﺎدەم ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺧﻠﯘق. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪار، ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ رازى ﺑﻮﻟﯘش، ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺶ – ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎﮬﺎردەك ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺧﺖ – ﻧﯘﺳﺮەت ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻟﻪپ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺧﺎم ﺧﯩﻴﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺳﯩﺰ دﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺗﯘرۇپ، ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎراپ: «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﭘﺮەك ﻧﯘرۇﯕﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜر! ﻧﯘرﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﻪﻣﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜر!» دەپ ۋارﻗﯩﺮﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ «ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﻔﯩﺮا ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﯘرۇﯕﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﭼﺎچ!» دەپ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ، ﺧﺎلاس. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ – ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

    ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى ﺋﻮﻳلاپ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﯘرلاﻧﺪۇراﻟﯩﺴﺎ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻧﺎزۇﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮى ﻣﻮل ﺑﻪﺧﺖ – ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

    ( ﺋﺎﭘﺘﻮر: «ﺟﯘﯕﮕـﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﺪا)

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.