ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-11-25

    بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىراتۇرلىغى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/85406380.html

    ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ __ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﺯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﯩﻨﺪﯨﭽﯩﻨﻰ، ﺑﯧﺮﻣﺎ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﻠﯩﻚ __ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﺋﯧﺮﻗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺋﯧﺮﺍ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﺵ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﭘﯧﻠﯩﺴﺘﻮﺳﯩﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻧﻼﺭ، ﺗﻴﻮﺗﻨﻼﺭ، ﻛﯧﻠﯩﺘﻼﺭ، ﺋﯧﺮﻻﻧﺪﻻﺭ، ﺑﯧﺮﺗﻮﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺳﻜﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺑﯧﺮﺗﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﯩﻜﻼﺭ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺮﻻﻧﺪﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺋﯧﺮﺍ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯗﺭ ﮬﻪﻡ ﺑﯘﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ.
    ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻮﺑﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﻙ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1896- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯩﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻮﺗﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ 40 ﻓﯘﺕ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ، ﺷﺎﻟﻐﯘﻡ ﯞﻩ ﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻨﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮒ ﻛﻮﺯﻟﻮﻓﻘﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﺯﻟﻮﻑ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻮﺗﯘﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ: ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﺪﯛﺭﺩﯛﻡ __ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
    ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ : < ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻤﺎﻻﻳﺎ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ، ﻛﯚﻝ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﮬﻪﻡ ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ > ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﮔﻮﺑﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻻﭖ ﻗﻮﺭﺍﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻮﺑﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﻳﺎﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ < 70000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﻰ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻣﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. < ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ __ ﺗﯜﺯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ (ﮔﻮﺑﻰ) ﺩﯗﺭ>. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ.
    ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﻮﺑﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
    ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 500- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻗﻘﻰ-ﺗﯘﺭﻗﻰ <ﻗﻮﯕﯘﺭ ﭼﺎﭺ ﻛﯚﻙ ﻛﯚﺯ ﺧﻪﻟﻖ>، < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﻗﻮﯕﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﯞﻩ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﭼﺎﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯚﻙ ﻛﯚﺯ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭺ، ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﭺ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ > ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
    ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﻱ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮔﻮﺑﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﻡ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯩﻴﺎﮬ ﺋﯜﻧﻤﻪﺱ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯘﻟﯩﻤﻪﻥ.
    ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﺎﻟﻤﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﺪﺍ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﯩﭽﻨﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ > ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻮﺗﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻗﻮﺭﺍﻡ، ﺷﺎﻟﻐﯘﻡ ﯞﻩ ﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻼﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﺪﺍ < ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ > ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻣﺎﮔﻨﯩﺘﯩﻚ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺷﺎﺭﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
    ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﻟﯧﻨﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﺵ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﺯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺯ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻤﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﮔﯧﺮﯨﻨﯩﯟﯨﭻ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ 110 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﺪﯗﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻴﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺰﻧﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﺪﯗﻕ. ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻟﯧﻨﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    ﻟﯧﻨﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﻟﻼﻛﻮﻑ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺍﻝ ﻣﺎﻣﻮﻧﺖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼ ﻟﻼﻛﻮﻑ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻐﺎ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺯ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻟﻼﻛﻮﻑ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺋﯩﺰﻧﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺷﺎﺭﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
    - 10 ﻓﯘﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ.
    ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ، ﮬﯩﻨﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻛﯩﻨﺎﺑﻰ < ﻣﺎﻧﯘ >ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ: < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ >.، ﺑﯘﻻﺭ ﻣﺎﻛﯩﺲ ﻣﯘﻟﻠﯧﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﭘﻠﯧﻲ ﺳﯩﺘﻮﺳﯧﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺷﻪﻙ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺗﺴﯩﺰ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﺎﻛﯩﺲ ﻣﯘﻟﻠﯧﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: < ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: < ﺋﯘﻻﺭ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﻠﯧﻲ ﺳﯩﺘﻮﺳﯧﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
    ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﺪﺍ ﻛﻮﺯﻟﻮﻑ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻮﺗﯘﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ، ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﻪ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ، ﻏﻪﺭﭘﺘﻪ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻮﺑﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ.
    ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﭗ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻚ. ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ ___ ﮬﯩﻤﺎﻻﻳﺎ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ؛ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﭼﻮﻗﻘﺎ ___ ﺟﯘﻣﯘﻻﯕﻤﺎ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯩﺒﻪﺕ < ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﻰ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ.
    ﺗﯩﺒﻪﺕ ___ < ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺕ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺗﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯧﮕﯩﺴﻰ. ﺗﯩﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﺘﯩﺮ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻛﻪﻟﺪﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺭﺍﮬﯩﭙﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ، ﺗﯩﻨﭻ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘ ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﮬﯩﻤﺎﻻﻳﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﮬﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 3000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺷﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯩﺮ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ < ﺑﻪﺯﻯ > ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﯩﺒﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻘﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﻻﺱ. ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
    ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﭽﻠﻴﯧﻤﺎﻥ ﻻﺳﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯟﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﺎﺑﯩﺪﻩ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﮬﻠﯩﯟﻯ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﯘﻟﯘﯓ ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﭘﺎﻻﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ ﭼﺎﯓ - ﺗﻮﺯﺍﻧﻐﺎ ﻣﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ.
    ﻗﺎﺗﻤﯘ ﻗﺎﺕ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎ ﭘﻮﺗﺮﺍ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻝ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻝ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺱ ﺭﺍﻳﺸﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺋﯘ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ:
    ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻼﺭ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯧﺮﻯ ﺭﺍﻳﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
    < ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ (ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭ)ﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺑﺎﺳﻤﯩﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﺎﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻼﺭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭ ﻗﻪﮬﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺶ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﭘﯘﺷﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻻﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ.
    ﺧﺎﮬﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ 3 ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩ 2 ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
    ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥﺭﺍﻳﺸﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ: < ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻕ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ، ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﻳﺸﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺨﯘﺩﯨﻴﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﯓ ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻝ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﺋﺎﻛﺎﻝ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺋﯧﺴﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ > ﺩﯨﺪﻯ.
    ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ، ﻳﻮﻟﻼﺭ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ، ﺳﻪﯞﻩﭖ: ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﯘﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
    ﺟﯘﯕﮕﻮ __ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ 5000 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﯩﻼ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﺩﺍ < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﯨﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ > ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺷﻪﻙ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﻪﺩﯨﯟﯨﻠﻪﺭ ﮬﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ < ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﺑﮕﺎ ﺋﯧﺮﻕ > ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ < ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺩﯨﯟﻯ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﻪﺳﻪﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻰ ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻧﻪﺳﻪﭘﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
    ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ___ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺷﻪﻙ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﺍ < ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻼ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ.
    ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺥ . ﺋﯥ . ﭘﺎﺭﻛﯧﺮﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 71- ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﻤﻪﻥ:
    ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ
    ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺩﻩﯞﺭﻯ 9 ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2852- 2206- ﻳﯩﻠﻼﺭ
    ﺷﻴﺎ 18 ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2052- 1767- ﻳﯩﻠﻼﺭ
    ﺷﺎﯓ 28 ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 1766- 1122- ﻳﯩﻠﻼﺭ
    ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘ 10 ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 1121- 828- ﻳﯩﻠﻼﺭ
    ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘ 25 ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ827- 255- ﻳﯩﻠﻼﺭ
    ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
    ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ 71 ﻳﯩﻞ
    ﺷﻴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ 24 ﻳﯩﻞ
    ﺷﺎﯓ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ 23 ﻳﯩﻞ
    ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ 29 ﻳﯩﻞ
    ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ 22 ﻳﯩﻞ
    ﭘﺎﺭﻛﯧﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: < ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ؛ ﺷﻴﺎ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ؛ ﺳﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ؛ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ 10 ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ؛ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ 25 ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ> .
    ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ﭘﺎﺭﻛﯧﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، 90- ﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ 100- ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﻛﯜﺗﯩﺴﯩﺰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺲ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﺎﺭﻛﯧﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﻪﻕ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ (ﺩﺍﯞﺟﻴﺎﯞ) ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.
    ﭘﺎﺭﻛﯧﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 200- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﯘ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯧﺮﻯ ﻣﺎﺭﻛﻮ ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﮬﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻮﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 7- 8 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﺑﻼﻳﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯧﺮﻗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1277- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 600 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 511- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 480- ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ، ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ 300 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 214- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﭼﯩﻦ ﺷﯩﺨﯘﺍﯓ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ، ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ ﯞﻩ ﻣﯧﯖﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﮬﯘﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﻮﺷﯩﺪﯨﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﭼﯩﻦ ﺷﯩﺨﯘﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻝ ﺗﯚﻛﯜﺱ ﻛﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺕ (ﺩﺍﯞﺟﻴﺎﯞ) ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻙ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
    ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﭖ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﺎﭘﺘﺎ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ.
    3- ﺋﯧﺮﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ___ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ____ 20000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﺪﺍ < ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ > ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ < ﻣﯘﺯ ﺩﻩﯞﺭﻯ >ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺭ ﭘﻮﺳﺘﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ 3- ﺋﯧﺮﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
    214- ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﺭﯨﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 20000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﭼﯚﯙﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻣﻪﻥ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺳﯩﺰﺩﯨﻢ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯗﺭ.
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﭼﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﺮﻯ ___ ﺋﯧﺮﻻﻧﺪﻻﺭ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﺮﯨﺘﻮﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺳﻜﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ.
    ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ___ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺟەﻧﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﮔﺎ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﯧﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮ. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺷﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺪﻯ.
    ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺧﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﯚﯨﭽﯩﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯖﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﺘﺮﻭﭘﻮﻟﯩﻴﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﻰ ﻣﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﯙﯛﻣﻪﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ.
    بۇ ئەسەر ئەنگىليىلك ئالىم جامېس كولونېل چېرچپۋاردنپڭ << غايىپ قىتە ـــــ مۇ >> دىگەن كىتابنىڭ 13- بابىدىن تەرجىمە قىلىندى

    مەنبە:ئورخۇن تورى

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.