ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-12-14

    ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/88961151.html

    ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ

    ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﻮﯞﻏﺎﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺋﯩﺲ – ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺲ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯜﺑﮭﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ، ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﭘﺮﺍﮔﻤﺎﺗﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﯨﺸﻜﺎﺭﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﻗﻮﭼﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯜﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯚﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﯧﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻻ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﺯ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

    ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻏﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ، ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﺗﯜﭖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﮬﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯓ – ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

    ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﻭ ﺗﻮﻣﺎﺱ: ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﺪﯗﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯜﺯﯛﻡ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺦ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ – ﺩﻩ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﯟﻭﻟﻮﺗﺴﯩﻴﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﺎﻟﻪﭼﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺧﯩﻼﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻼﻳﻠﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺩﻩﺭﻳﺎ – ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ، ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ، ﻗﺎﺭ – ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ، ﺗﺎﻍ – ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ، ﮬﯚﻝ – ﻳﯧﻐﯩﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﻟﯟﯦﻐﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ، ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺷﻪﮬﻪﺭ – ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ، ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮔﯜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ – ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ، ﺑﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ – ﺧﯘﻟﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﻮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻪ، ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﭙﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﺩﺍﺭﻻﺭ، ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺋﺎﺵ – ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﻠﻪﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﻯ، ﺗﻪﭘﺘﻰ، ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ، ﺗﯘﺯﻯ، ﺳﯜﻳﻰ، ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ، ﺋﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺷﻪﺭﮬﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪﻙ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﻳﻪﺭ 21 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﺎﻥ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺕ 80 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﯨﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﺕ، ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﻮﭘﯘﻕ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺕ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭖ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﯧﺘﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻟﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﺸﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ، ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻳﯧﺰﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﻪﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﺲ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﻮﭘﯘﻕ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻮﻏﯘﺗﻼﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ. ﮬﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﻏﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﻻﻳﺴﯩﺰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﺵ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﺋﺎﻝ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﭙﯩﺸﺘﻰ. ﻳﯧﺰﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ”ﻧﯧﮕﯩﺰ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯧﮕﯩﺰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ،ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ، ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﯓ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻧﯧﮕﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﻛﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﺮﯨﺰﯨﺌﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ.

    ﻣﻪﻥ 22 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ. ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻡ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ (ﺩﯨﻦ، ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ – ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ)ﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻙ – ﺑﺎﺭﺍﻗﺴﺎﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯜﺟﯜﻡ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ، ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﻧﻪﻱ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺵ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ، ﻳﯧﺴﺴﯩﻨﯩﻦ، ﻧﯧﺮﻭﺩﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﻪﮬﺮﺍﻳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯘﺯﯗﺭﻻﻧﺪﯨﻢ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﺪﻩ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﭙﻠﯩﺮ، ﻛﻮﭘﯧﺮﻧﯩﻜﻼﺭ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﺗﯘﺭﯗﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﺧﺎﺱ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻚ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﻮﺥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ، ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺧﻮﺭﺍﺯ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﺖ ﺗﺎﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ، ﺗﯜﻧﻪﻙ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻤﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺮﺍﻛﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ، ﺗﯜﮔﻤﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻙ ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺗﯘﺯﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺟﯩﺴﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ، ﭘﯘﻝ ﺋﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ، ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﺎﮔﻨﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﯞﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﺎﺭﻝ ﻣﺎﺭﻛﺲ ”ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻰ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ:“ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻻﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ: ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ، ﻛﺎﻥ – ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﺳﻮﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻮﭼﺘﺎ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ، ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﺩﻯ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ، ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﺯ – ﺗﻮﻻ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﺪﻯ.

    ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ، ﺗﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺭﻭﮬﯩﻲ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﯩﻼ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭ ﻏﻪﺭﺏ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻰ – ﺗﯘﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ.

    ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﻠﻪﺭ، ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﺎﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ.

    ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻰ ﻣﺎﻛﺲ ﯞﯨﺒﯧﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺸﻼﻕ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻜﯩﻨﻤﻪ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻳﺪﯗ.

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ”ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ“ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ”ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ“ ﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺭﻭﮬﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ.

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.