ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-12-17

    ئىپارخان ۋە ئىپارخان قەبرىسى توغرىسىدا - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/89875594.html

    ئىپارخان ۋە ئىپارخان قەبرىسى توغرىسىداﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻳﯘﯕﺠﯧﯖﻨﯩﯔ 12-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1734-ﻳﯩﻠﻰ ) ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 53-ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1788-ﻳﻠﻰ ) 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﺑﻪﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﯘﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘﻟﯘﭖ (29-ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺧﻮﺟﺎ ) ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ (ﺧﻮﺟﺎ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻼ ﺋﯩﺸﺎﻥ ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﯨﺮﺳﻰ . 1755-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 20-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻣﯘﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﺭﮬﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎ -ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻮﭘﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺗﻮﭘﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰ ﭘﯘﻛﻤﻪﻱ ،ﻧﺎﺋﻼﺝ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 23-ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺷﯘﻧﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ 5-ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﮬﯜﺳﯩﯩﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭼﻮﯓ -ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﻘﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯜﺳﯩﻴﯩﻦ ،ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ ﮬﯜﺳﯩﻴﯩﻨﮕﻪ ﻓﯘﮔﻮﮔﯘﯕﻠﯘﻕ ، ﻣﺎﻣﯘﺗﻘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﺠﻰ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯩﭙﺎﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﺠﻰ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 25-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﯜﺳﯩﻴﯩﻦ ،ﺗﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﮔﯘﺍﯕﻤﯩﯔ ﻗﻪﺳﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﺳﯩﻠﻤﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﻩ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻧﯩﺶ ، ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺷﺎﮬﺒﺎﻧﯘ ، ﺋﯧﺴﻞ ﺷﺎﮬﺒﺎﻧﯘ ، ﺷﺎﮬﺒﺎﻧﯘ ،ﺗﯘﻗﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﺶ ، ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﻩ ، ﻛﯧﻨﯩﺰﻩﻙ ﯞﻩ ﭼﯚﺭﻩ ﻗﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯜﻟﯜﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﻩ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ 6-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ : ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴﯘﻥ ، ﺟﯘﺟﺎﯞﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯜﻣﯜﺵ ، ﮔﯜﺭﯛﭺ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻕ -ﺗﯜﻟﯜﻙ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ، ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﻨﯩﺰﻩﻙ ﺑﺎﻻﯓ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎ ﺧﯘﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﻧﺎﻣﻰ " ﺧﯥ ﮔﯜﻳﺮﯨﻦ" ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ 3-ﻳﯩﻠﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 27-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﻰ "ﺗﯘﻗﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﺶ" ﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﻧﺎﻣﻰ " ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ " ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻓﯘﮔﻮﮔﯘﯕﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻐﺎﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 30-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ 4-ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﻪﻧﯘﺑﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﻗﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻪﻱ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﻮﻻﻧﺎﺭﺍ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ، ﺧﺎﻧﯩﺶ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 2-ﻳﯩﻠﻰ ، ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﻣﯘﻟﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﻮﻻﻧﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻣﯩﻐﺎﻥ .
    ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﻧﯩﯔ 33-ﻳﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ 35ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﻮﻗﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﮭﯩﺮ- ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﮬﺒﺎﻧﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 42-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ . ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 46-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5-ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻳﯘﯓ ﻗﻪﺳﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻱ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﺮﻯ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ .ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ46-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯘﻩﻧﻤﯩﯖﻴﯘﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﯟﯗ ﻗﻪﺳﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻮﺯﯨﺪﯨﻜﻰ 2-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 53-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 4 ﺷﺎﮬﺒﺎﻧﯘ ، ﺗﯘﻗﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮ ﮬﻪﻡ ﻗﻮﻱ ﮔﯜﺷﯩﺪﻩ ﭼﯜﭼﯜﺭﻩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯜﺭﻧﻤﯩﮕﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯖﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻝ -ﻳﯧﻤﯩﺶ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﺪﯗ . 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ ،ﺧﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﭘﻠﯧﺴﯩﻦ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 5 ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
    ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺮﻯ "ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ." ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ " ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ."ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ. ﺋﺎﺩﯨﻨﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ" ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ "ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ " ﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﺮﺳﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﺮﺳﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ؟
    ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﻧﺎﻣﻰ " ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ ". ﺋﯘ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 53-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
    1979-ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ ﻗﻪﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻗﻪﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺯﻻﭖ ﺋﻮﯕﺸﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﻗﻪﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻗﻪﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ 2.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺵ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﯞﻩ ﺋﻪﮔﻤﻪ ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ . ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻛﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺖ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﯗﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻰ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯞﯗﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻰ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ، ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﯩﭽﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯞﯗﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﯘﻥ ﮬﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ " ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮬﯩﺮ ﺭﻩﮬﻤﺎﻧﯩﺮ ﺭﻩﮬﯩﻢ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺭﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻧﺨﯘﺍ ﻧﺎﮬﯩﻴﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻚ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ  .
    ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ " ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .  ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ " ﺭﻭﯓ ﻓﯧﻲ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ " ﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ كېيىن ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ . ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﻏﯘﺟﺎ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﺎﯞﯗﺕ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﺮﺍﯞﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ..... بۇ كىتابتىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن .

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.