ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-12-19

    893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جەڭلىرى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/90648307.html

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . IX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﯞﻩ X ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺏ - ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺋﯩﻘﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﭙﯩﭽﺎﭖ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﺎﻻﺳﻘﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ 842 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻫ ﺋﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺌﻪﺩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . 892 - ﻳﯩﻠﻰ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻛﯜﭼﺘﯜﯕﮕﯜﺭ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺑﻪﺭﻯ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺮﺍﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ . " ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ (ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 280 ﻳﯩﻠﻰ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 893 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻱ ) ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺗﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻟﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺟﻪﯕﭽﻰ 1000 ﺩﻩﺭﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﯨﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ ﻧﺎﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﯘﺋﺘﻪﺋﻪﺩﯨﺪ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 28- - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻫﻰ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﻩﻣﺪﻩ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﻰ ﻣﻪﯞﺍﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﻫﺮﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺗﺎﻻﺳﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 279 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﻣﺎﺩﯨﻴﻪﻟﺌﻪﯞﯞﻩﻝ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 279 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺑﻪﻟﺦ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 280 ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻫﻰ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﯨﻼ ﺗﺎﻻﺳﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ : " ﺩﯨﻬﻰ ﻧﯘﭼﻜﻪﻧﺖ (ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻧﺖ) ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﺑﺎﻫﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺑﺎﻫﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﻣﮕﻪ ﺗﯚﺕ ﻣﻪﻧﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﯚﺵ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺋﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﻰ ﻣﯘﺳﺘﻬﻪﻛﻪﻡ ، ﺋﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺑﺎﺭ . " ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﺎﻻﺱ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻻﺱ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺴﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ " ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﻻﺱ ( ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﻣﺒﯘﻝ) ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﺳﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻧﺎﺭﺷﺎﻫﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺷﺎﻟﻼﭖ - ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯘﻗﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ . " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻻﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺗﺎﻻﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭼﯧﺮﻛﺎﯞ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺧﻪﻟﯩﻪﭘﻪ ﻣﯘﺗﯩﻪﺩﯨﺪﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﻪﺑﻪﺭﻯ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ "ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ" ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﭼﯧﺮﻛﺎﯞﻧﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭ.ﻥ.ﻓﺮﻳﯥ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻓﻪﻗﯩﻬﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺑﯩﻠﻪﻥ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺑﻪﺭﻯ" ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ "ﻣﯘﺭﯗﺟﻰ ﺋﻪﺯﺯﻩﻫﻪﺟﻪﭖ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ 3284 - ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ : " ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ، ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺗﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 15 ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻴﯧﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯘ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺗﯜﻧﻜﺎﺳﻰ (؟) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﯞﻣﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻤﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . " ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ، ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 279 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 288 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 279 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﯞﯞﻩﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﻫﺮﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﻧﺎ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 287 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﻪﻓﻔﻪﺭﯨﻠﻪﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻫﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﯩﺪﻯ . "ﻣﯘﺭﯗﺟﻰ ﺋﻪﺯﺯﺍﻫﻪﺏ" ﺗﯩﻤﯘ "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﻪﺗﻘﯘﺑﻰ" ﺩﻩﻙ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﺧﺲ ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺑﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﻳﯧﯖﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ "ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ" ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . "ﻣﯘﺭﯗﺟﻰ ﺋﻪﺯﺯﻩﻫﻪﺏ" ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ " ﭘﺎﻻﻧﻰ - ﭘﻮﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ" ﺩﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ "ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ" ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯜﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﻩﻳﻠﻰ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ، ﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﻤﯩﮕﮕﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ - ﭘﺎﺭﺱ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺮﺍﻕ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺋﯚﺯﻯ "ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ" ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻗﻰ " T.F.K.S" ﺑﯩﻠﻪﻥ "T.N.K.S" ﺑﻮﻟﯘﭖ ، T.F.K.S ﻧﻰ " ﺗﺎﻓﻜﺎﭺ" ﺩﻩﭖ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻜﭙﯩﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﻘﻰ "ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ" ﺗﯘﺭ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ "ﺗﻮﺑﺎ" ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﭘﺮﯨﺘﺴﺎﻙ " ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺗﻮﻏﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ، ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻕ "ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ " ﺑﯩﺰ VIII, IX ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯦﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ . ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ "ﻣﯘﺭﯗﺟﻰ ﺋﻪﺯﺯﻩﻫﻪﺏ" ﺗﯩﻤﯘ ﭼﯩﻦ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ "ﭘﻪﻏﭙﯘﺭ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘ " ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﯩﻦ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ "ﺗﺎﻣﻐﺎﭺ ﺧﺎﻥ " ، " ﭘﻪﻏﭙﯘﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻜﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ " ﺗﯘﻧﻜﺎ" ﺩﻩﭖ ﺗﺮﺍﻧﺴﯩﻜﺮﯨﭙﯩﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 'ﺳﻰ" ﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ"ﺗﯜﻧﻜﺎﺳﻰ" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . "ﺗﯘﻧﻜﺎ" ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، "ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ" ﺩﺍ ﺳﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ 'ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ" ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ "ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺗﯘﻧﮕﺎﺧﺎﻥ ، ﺗﯘﻧﻜﺎﺗﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ " ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . "ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ" ﺗﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﻯ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ : ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭘﻨﯩﯔ "ﺗﯘﻧﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ "ﺗﯘﻧﻜﺎ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ "ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻓﯩﺖ ﺗﺎﺭﯨﺦ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﭽﻰ ﻫﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 310 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ "ﺗﯘﻏﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﻦ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ . ﺋﻪﺭﻩﺏ - ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺗﯘﻏﺎﻥ" ﺳﯚﺯﻯ ﭘﯘﻝ - ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ 'ﺗﯘﻧﻜﺎ" ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻗﻨﻰ "ﺗﯘﻧﻜﺎ" ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ~ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺑﻪﺭﻯ" ، "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ " ﯞﻩ "ﻣﯘﺭﯗﺟﻰ ﺋﻪﺯﺯﺍﻫﻪﺏ" ﺗﯩﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ 893 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﯘﭺ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﻪﻧﺒﻪ : << VIII - X ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ >>

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.