ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى
  • 2010-12-21

    ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/attirgul-logs/91546642.html

     

     


    ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ-ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭ ﺧﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯘﺗﯘﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ ھىسابلىنىدۇ.


    ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﺩﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ يېڭى ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﯩﻘﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (582-630) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (680-742) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.



    ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ (ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ) ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (552-582) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ھۆكۈمرانلىقى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ سىستېمىسىدىكى ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻳﻪﯕﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 605-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﯩﻼ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ، ﺗﻮﯕﺮﺍ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﺯ ﺋﻮﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ كىيىن ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
     


    ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 611-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ كىرگەندە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗۈﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ 691-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﻩﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﯞﻩ ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﯕﻰ ﻛﯘﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
     


    ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﯞﯨﺌﯩﺌﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﻳﻪﻧﻰ 742-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺑﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭺ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﯘﺭﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﯨﺪﯗ. 744-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺳﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﻳﺎﻏﻼﻗﻼﺭ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ ﺋﻮﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﻟﺴﺎﻏﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻖ (ﻗﯘﺗﺒﺎﻟﯩﻖ) ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑولدى.

     


    ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ (744-747-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ. خەﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﺧﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻛﯘﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘ ﺳﯩﺮﺗﺎﺭﺩﯗﺵ، ﺗﯘﺭﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﻪﯕﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎكىمىيىتى-ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ. ئىلگىرىكى ﺗۈﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴۆﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ خانلىقىنىڭ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋۆتىدۇ.

     


    ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﻧﮕﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻯ ﺗﯘﺑﺎﺳﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯨﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﯩﺴﻪﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻪﻗﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻛﺎﺱ (ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ) ﻻﺭ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻝ ﺗﯘﺭﻛﻠﯩﺮﻯ، ﭼﻮﻏﺎﻱ ﺋﻪﺗﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﻐﮕﯘﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﺩﯨﺮﻗﺎﻥ ﺗﺎھﮕﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﯞﻯ، ﻗﯘﻣﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ، .ﺋﯘﻟﯘﺳﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﻛﻮﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﻪﯕﻪﻳﺘﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺗﯘﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ، ﺑﺎﺳﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﯩﯟﻩﻟﯩﭗ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﯘﭼﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺑﯘ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﻮﺭﻩﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﻩﭖ ئېيتالايمىز.


    ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﻧﯩﯔ 759-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘ ھﺎﻳﺎﺕ ﭼﻪﻏﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺑﻐﯘﻧﻰ ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ( 759-780-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺷﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﯞﻩﺕ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﻠﯘﻙ، ﺳﻮﻳﮕﯘﻥ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﮔﯘ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻟﻮﻳﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ كىڭەيتىپ، ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﻨﻰ ﺩۆﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ بىكىتىپ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭىخىدا ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

     


    مەنبە:ﻣﯩﺮﺍﺱ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 2001-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ئىلندى.


    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.